تۇخۇم پۆرىسى

تۇخۇم پۆرىسى بولسا ئاق ئۇن ، ئېرىتكەن قوي يېغى ، تۇخۇم ، خېمىرتۇرۇچ ، كۈدە ، پىششىق سۇ يېغى ، كاۋاۋىچىن ، تۇز ، جاڭيۇ قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ناھايىتى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 105 گرام، تۇخۇم ئالتە دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، كۈدە بىر كىلوگرام، پىششىق سۇ يېغى 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جاڭيۇ ئازراق. 

1.تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغلانغان قازانغا قۇيۇپ، تۆت دانە نېپىز تۇخۇم پۆشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان كۈدە ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋاۋىچىن، تۇز، جاڭيۇ، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گرام خېمىردا ئۇچ زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، قىيما سېلىپ قاتلاپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە ياسىلىدۇ.

3. تەييارلانغان پۆرىنى تاۋىغا ياكى قازانغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#