جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى

ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى» 1990–يىلى 2–ئاينىڭ 23–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1990–يىلى 2–ئاينىڭ 23–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1990–يىلى 8–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国军事设施保护法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó jun1 shì shè shī bǎo hù fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2014–يىلى 6–ئاينىڭ 27–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى» 

1990–يىلى 2–ئاينىڭ 23–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1990–يىلى 2–ئاينىڭ 23–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 25–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىنىڭ «قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا قارار»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا « (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1990–يىلى 2–ئاينىڭ 23–كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي قوللىنىلغان.

1-ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھەربىي ئەسلىھە دۆلەت ھەربىي ئىشلارغا بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغان تۆۋەندىكى ئىمارەت، مەيدان ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(1) قوماندانلىق ئورگىنى، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى قوماندانلىق قۇرۇلۇشى، جەڭ قۇرۇلۇشى؛

(2) ھەربىي ئىشلىتىدىغان ئايرودۇرۇم، پورت، پىرىستان؛

(3) گازارما، مەشىق مەيدانى، تەجرىبە مەيدانى؛

(4) ھەربىي تەشمە ئامبار، ئامبار؛

(5) ھەربىي ئالاقە، رازۋېدكا، يول باشلاش، كۆزىتىش ئىستانسا-پونكىتلىرى ۋە ئۆلچەش، يول باشلاش، يول كۆرسىتىش بەلگىلىرى؛

(6) ھەربىي ئىشلىتىدىغان تاشيول، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى، ئالاقە، توك لىنىيەسى نېفىت، سۇ تۇرۇبىسى؛

(7) گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلىگەن باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر.

3-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

 جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئىشتابى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەربىي رايون قوماندانلىق ئورگىنى ئۆز تەۋەسىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ھەربىي ئەسلىھە بار جايدىكى ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، خەۋپ يەتكۈزۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

5-ماددا دۆلەت ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تۈرگە ئايرىپ قوغداش، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

6-ماددا ھەربىي ئەسلىھەلەردىن پۇقراۋى ئەسلىھەگە ئۆزگەرتىلىدىغانلىرى، ھەربىي ئايرودۇرۇم، ھەربىي پورت، ھەربىي پىرىستانلاردىن ئارمىيە بىلەن پۇقرالار بىرلىكتە ئىشلىتىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەستىقلىتىش كېرەك.

2-باب ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون بېكىتىش

7-ماددا دۆلەت ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ خاراكتېرى، رولى، بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئېھتىياجى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ؛ ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن ھەربىي ئەسلىھەلەرگىمۇ قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

8-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېكىتىدۇ ياكى ھەربىي رايون گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىدۇ.

9-ماددا قۇرۇقلۇق ۋە سۇ دائىرىسىدىكى ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ دائىرىسىنى ھەربىي رايون بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە بېكىتىدۇ ياكى ھەربىي رايون بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىرلىكتە بېكىتىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە قۇرۇقلۇق، سۇ دائىرىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ھەربىي چەكلەنمە رايوننىڭ دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېكىتىدۇ.

مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە بېكىتكەن ھەربىي چەكلەنمە رايونلار ۋە ھەربىي باشقۇرما رايونلاردىن گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بىلەن بىردەك بولغانلىرى قايتا بېكىتىلمەيدۇ.

10-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ دائىرىسىنى تەڭشەش مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

11-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ياكى تەڭشەشتە، ھەربىي ئەسلىھەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا، تەبىئىي مۇھىت مۇھاپىزىتىگە ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

12-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ياكى كېڭەيتىشتە، يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق، سۇ يۈزى ۋە ساھىللارنى ئېلىپ ئىشلىتىش ئالاقىدار قانۇن ۋە نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈشتە، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇشى ھەمدە ئالاقىدار ھەربىي ئورگاندىن پىكىر ئېلىشى؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى ساياھەت نۇقتىلىرىنى ھەربىي ئەسلىھەلەردىن يىراقراق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەقىقەتەن يىراقراق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولماي، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى بۇزۇشقا ياكى پۇقراۋى ئەسلىھەگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي رايون دەرىجىلىك ھەربىي ئورگان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومېتىتقا تەستىقلىتىدۇ.

3-باب ھەربىي چەكلەنمە رايون قوغداش

14-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار كونكرېت شەرت-شارائىتقا قاراپ، بەلگىلەنگەن دائىرە بويىچە، قۇرۇقلۇقتىكى ھەربىي چەكلەنمە رايوننىڭ ئەتراپىغا قورۇق تام، سىم تور قاتارلىق توسالغۇلارنى ياسىشى كېرەك؛ سۇ دائىرىسىدىكى ھەربىي چەكلەنمە رايونغا توسۇق ياكى چېگرا بەلگىسىنى ئورنىتىشى كېرەك.

15-ماددا قۇرۇقلۇق ۋە سۇ دائىرىسىدىكى ھەربىي چەكلەنمە رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭكىدىن باشقا ئادەم، ئاپتوموبىل ۋە كېمە-پاراخوتلارنىڭ چەكلەنگەن رايونغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، چەكلەنگەن رايوندا سۈرەت تارتىش، سىن ئېلىش، ئۈن ئېلىش، چارلاش، ئۆلچەش، سىزىش ۋە خاتىرىلەش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەربىي رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەربىي ئورگانلارنىڭ تەستىقىنى ئالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

ئاۋىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەربىي چەكلەنمە رايونغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجازەت ئالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

ھەربىي چەكلەنمە رايوننىڭ سۈرەت ماتېرىيالى، ئۈن–سىن ماتېرىيالى، چارلاش، ئۆلچەش، سىزىش ۋە خاتىرە ماتېرىيالىنى ئىشلىتىشتە، ھەربىي رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەربىي ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

16-ماددا ھەربىي رايون بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ھەربىي رايون بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىرلىكتە قۇرۇقلۇقتىكى ھەربىي چەكلەنمە رايوننىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش بىلەن بىللە، چەكلەنگەن رايوندىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش تەلىپىگە ئاساسەن، زۆرۈر تېپىلغاندا، چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك كونترول دائىرىسىنى بىرلىكتە بېكىتىپ ھەمدە ئۇنى چۆرىدەپ بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورناتسا بولىدۇ. بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىدىغان جاينى ھەربىي چەكلەنمە رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇن بىلەن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

17-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايوننىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك كونترول دائىرىسى ئىچىدە شۇ جايدىكى ئامما ئىشلىسە، تۇرمۇش كەچۈرسە بولۇۋېرىدۇ، لېكىن پارتلىتىشقا، ئوق چىقىرىشقا، شۇنىڭدەك ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

4-باب ھەربىي باشقۇرما رايوننى قوغداش

18-ماددا ھەربىي باشقۇرما رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بەلگىلەنگەن دائىرىدە، ھەربىي باشقۇرما رايونغا قورۇق تام ياسىشى، سىم تور ياكى چېگرا بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

19-ماددا ھەربىي باشقۇرما رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭكىدىن باشقا ئادەم، ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوتلار ھەربىي باشقۇرما رايونغا كىرىشتە، ھەربىي باشقۇرما رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى شەرت.

20-ماددا ھەربىي باشقۇرما رايون دەپ بېكىتىلگەن رايوندىكى ئارمىيە بىلەن پۇقرالار بىرلىكتە ئىشلىتىدىغان ئايرودۇرۇم، پورت، پىرىستاننى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

5-باب ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش

ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى21-ماددا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تەدبىر قوللىنىپ قوغدىشى كېرەك؛ ئارمىيەنىڭ تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باشقۇرغۇچى ئورۇنلىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوغداپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

22-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر ئەتراپىدىكى مەلۇم ئارىلىق ئىچىدە تاش، توپا ئېلىش، پارتلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

6-باب باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى

23-ماددا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي چەكلەنمە رايون، ھەربىي باشقۇرما رايوندىكى ۋە ھەربىي چەكلەنمە رايون، ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئېلان قىلىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

24-ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئورگانلار ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى، ھەربىيلەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداشقا دائىر قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە ھەل قىلىشى لازىم.

25-ماددا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورگانلار ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداشقا دائىر قائىدە-تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ۋە ئاسرىشى كېرەك.

26-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون ئىچىدىكى تەبىئىي بايلىق ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدىشى كېرەك.

27-ماددا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار زۆرۈر تېپىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ئىشلىتىدىغان يەر ئاستى، سۇ ئاستى كابېللىرى ۋە تۇرۇبىلىرىنىڭ ئورنىغا دائىر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. جايلار قۇرۇلۇش قىلغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلىتىدىغان يەر ئاستى، سۇ ئاستى كابېللىرى ۋە تۇرۇبىلىرىنى قوغدىشى كېرەك.

28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالارغا بولغان دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ئاشۇرۇشى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغدىشى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى توسۇشى كېرەك.

29-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ساقلىشىغا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارارى بىلەن ياكى ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى قۇرۇشقا بولىدۇ.

30-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ نۆۋەتچى خادىملىرى توسۇشى كېرەك:

 (1) ھەربىي چەكلەنمە رايونغا قانۇنسىز كىرگەنلەر؛

(2) ھەربىي چەكلەنمە رايوندىكى ياكى چەكلەنمە رايوننىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك كونترول دائىرىسى ئىچىدە قانۇنسىز سۈرەتكە تارتقان، سىن ئالغان، ئۈن ئالغان، چارلىغان، ئۆلچىگەن، سىزغان ۋە خاتىرىلىگەنلەر؛

(3) ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، خەۋپ يەتكۈزگەنلەر.

ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، توسىسىمۇ ئۇنۇمىغانلارغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ نۆۋەتچى خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، زۆرۈر مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى نۆۋەتچى خادىمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قېلىشقا ئوخشاش جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە قورال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

31-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛

(2) ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ جابدۇقلىرى، ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنە-ئەسۋابلىرىنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغان ۋە بۇلىغانلار؛

(3) ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە ئادەملەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭتىڭلاپ بەرگەن، سېتىۋالغان ۋە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەر.

32-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىدىكى جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ:

(1) ھەربىي چەكلەنمە رايونغا قانۇنسىز كىرگەن، توسىسىمۇ ئۇنۇمىغانلار؛

(2) ھەربىي چەكلەنمە رايوننىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك كونترول دائىرىسى ئىچىدە ياكى ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئەتراپىدىكى مەلۇم ئارىلىق ئىچىدە، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پايدىلىنىش ئۈنۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، توسىسىمۇ ئۇنۇمىغانلار؛

(3) ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ قورۇق تاملىرىنى، سىم تورىنى ياكى چېگرا سىزىقى بەلگىلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلەر.

33-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايوننىڭ باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان باشلامچىلار ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىدىكى جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

34-ماددا ھەربىي چەكلەنمە رايوندا قانۇنسىز سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش، ئۈن ئېلىش، چارلاش، ئۆلچەش، سىزىش ۋە خاتىرىلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، توسىسىمۇ ئۇنۇمىغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسىدىكى جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ ياكى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە-ئەسۋابى، قورالى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

35-ماددا رەسمىي ھەربىيلەر ۋە ئارمىيە ئىچىدىكى ئىشتاتلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا ھەربىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛

(2) ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ جابدۇقلىرى، ئەشيالىرى ۋە ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى ئوغرىلىغانلار؛

(3) ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(4) خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ياكى باشقا ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلار.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

36-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىدۇ.

37-ماددا بۇ قانۇن 1990-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/97647.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#