مەڭ

مەڭ ئادەم بەدىنىدىكى تېرە رەڭ ماددىسى پېىگېمنت زەررىچىلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، بەدەننىڭ ھەرقانداق ئورۇنلىرىدا پەيدا بولۇۋېرىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەردە تۇغما مەڭ بولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە تاج، خال دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى مەڭ
تەۋە بۆلۈم تىرە كىسەللىكلىرى
كېسەللىك ئورنى تىرە
خەنزۇچە نامى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئىرسىيەتلىك بولىدۇ.

2. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن بولىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى قويۇق، غىدىقلاش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قان ئارقىلىق يەرلىك ئورۇنغا بېرىپ چۆكمىگە چۈشۈپ ۋە غىدىقلاپ مەزكۇر كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

مەڭمەڭ يېرىنىڭ ھەممە قىسمىدا پەيدا بولىدۇ ۋە چوڭ − كىچىكلىكى ھەر خىل بولىدۇ. بىراق يۈز قىسمىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يۈزىدىكى ئۇششاق يەككە مەڭ ھۆسنىگە زىننەت بېرىش رولىنى ئوينىسىمۇ، لېكىن دائىرىسى كەڭ ۋە سانى كۆپ مەڭلەر ھۆسننى بۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەڭنىڭ ئۇششاقلىرى تېرىق ياكى قوناق دانىسى چوڭلۇقىدا بولىدۇ چوڭلىرى نۇقۇتتىن چوڭ ھەتتا ياپىلاق يېيىلمىسىمان بولۇشمۇ مۇمكىن. ئۇششاقلىرىنىڭ رەڭگى كۆپىنچە قارامتۇل بولىدۇ. چوڭلىرىنىڭ رەڭگى قارامتۇل قىزغۇچ ياكى سۆسۈن قىزغۇرچ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى رەڭلەردىكى مەڭلەر ئادەتتىكى مەڭ بولۇپ سالامەتلىككە چوڭ زىيىنى يوق مەڭنىڭ يەنە بىر قىسمى بولۇپ، يامان سۈپەتلىك مەڭ دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇنداق مەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز يوغىناپ كېتىدۇ. مەڭنىڭ رەڭگى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئاغرىيدۇ. يارىلىنىپ قان چىقىدۇ.

بۇرۇنقى مەڭنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇششاق مەڭ چىقىدۇ مەڭ ئەتراپىدىكى لىمفا كانالچىلىرى چوڭىيىپ كېتىدۇ. يامان سۈپەتلىك مەڭ لىمفا يوللىرى، قان ئايلىنىش سىستېمىلىرى، مېڭە، ئۇستىخان، شىللىق پەردىلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىنساننىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

مەڭ تۇغما بولۇپ ياكى تەرەققىي قىلمايدىغان تىپى بولسا ئۇنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولسا، دائىرىسى كېڭىيىۋاتقان زەخىملىنىشتىن قاناش ەپيدا بولغان بولسا، داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. داۋالاشتا ئىچىدىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاش، سىرتىدىن دورا چېپىپ داۋالاش ۋە نۇر ياكى دورا ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

ئىچىدىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاشتا ئالدى بىلەن كۆيگەن سەۋدا خىلىتىغا قارىتا سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن، سەۋدانىڭ مۇسھىلىنى بېرىش ئارقىلىق مىزاج تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس، ئىترىفىل ئەفتىمۇن، ئىترىفىل سانالار بېرىلىدۇ. ياللۇغلىنىپ قالسا سىرتىدىن گۈل يېغى، بىلسان يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلىنىدۇ، ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ. مەڭنى كۆيدۈرۈپ چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، زەرنىخ بىلەن گۈڭگۈرت سېرىقىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەڭ بار ئورۇنغا چېپىلىدۇ ياكى بولمىسا نۇر بىلەن كۆيدۈرۈپ چۈشۈرۈۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

مەڭ تېز تەرەققىي قىلىپ كەتسە، ھەرگىز سەل قارىماسلىق لازىم. يامان سۈپەتلىك مەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرگىز قاشلىماسلىق. سۈركىلىپ تۇرىدىغان جايلاردىكى مەڭنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش؛ بولۇپمۇ 18 ياشتىن كېيىن پەيدا بولىدىغان مەڭگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىك مەڭ راكىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بار. مەڭدە ئۆزگىرىش بولغان ھامان دوختۇرخا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#