8-ئارمىيە شىنجاڭ ئىش باشقارمىسى خاتىرە سارىيى
بۇ خاتىرە ساراي ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 2-كوچا 1-نۇمۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ خاتىرە ساراي ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 2- كوچا 1- نۇمۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان بۇلۇپ، توپا، ياغاچ شۇنداقلا پىششىق خىش بىلەن قۇپۇرۇلغان، جۇڭگو ۋە غەرىبنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلۈپ سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك سېرىق رەڭلىك بىنا، بۇ بىنانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شىپاڭ بار بۇلۇپ ئۈستىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا شەھەر مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى بۇلىدۇ، بۇ خاتىرە سارىيىنىڭ ھۇيلىسى ئىچىدە ئاق تېرەك، قارىغاي ۋە ئۆرۈك دەرەخلىرى بۇلۇپ، بۇلار ھويلا ئىچىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بىرلىشىپ، كىشىگە بىر خىل جىمجىت ئەمما ئىنتايىن گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
تۇرغۇزۇش ۋاقتى
بۇ يەر ئەسلىدە بىر خۇسۇسىي تۇرالغۇ بۇلۇپ، ئۆي ئىگىسى جاۋ دېتاۋ. شېڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە تارباغاتاينىڭ مەمۇرىي باشلىقى ئىدى. بۇ بىنا ئۆزى لايىھەلەپ خەلق ئىچىدىن ئادەم ياللاپ سېلىنغان، 1928-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1933-يىلى پۈتكەن. جاۋ دېتاۋ 1937-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، بۇ بىنادا خائىنلار مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەن مەھكىمىسى 2-مېھمانخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. شۇ يىلى 20-ئاۋغۇست، جاڭ جىيېشى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئېلان قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ياپون قاراقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنجاڭنىڭ دۇبەنى شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى سۈرۈشتۈرگەن. 1937-يىلى 10-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، 50 نەچچە قارار قابىل كادىرلارنى ئاجرىتىپ، يەنئەندىن شىنجاڭغا بارغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورال-ياراق ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن قىزىل بىرىنچى، غەربىي يۆنىلىش 4-ئارمىيەسىنىڭ يۆنىلىش ئارمىيەسى جەمئىي 20 مىڭ 1800 دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەشكىل تاپقان، خۇاڭخې دەرياسىنى بويلاپ چوڭ-كىچىكلىكى نەچچە يۈز ئۇرۇش قىلغان، دىخۇاغا كەلگەندە 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئەترەت قېلىپ قالغان ھەمدە يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. چېن يۈن 1937-يىلى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيىسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنى 8-ئارمىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى قىلىپ تەيىنلىگەن.
8-ئارمىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى.
1937-يىلىدىن 1942-يىلى چېن يۈن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ۋەكىللىك كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى تارىخىي ئومۇمىي قىياپىتى قايتىدىن نامايان بولغان. سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخىي شاھىدى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.