ماشخوردا
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.گۆش، پەمىدۇر ۋە پىيازنى ئۇششاق، سەۋزىنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. يۇمغاقسۈت چانىلىدۇ. پىننە ئۇششاق
ئۇۋۇلىنىدۇ. گۈرۈچ ۋە ماش يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، سارغايغاندا پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ، دورا-دەرمەكلەرنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ، يۇيۇپ تەييارلانغان ماشنى سېلىپ ئېتىلغىچە قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ يەنە 30-25 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن تۇز سېلىنىدۇ (گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن قازان چۈشۈرۈلۈپ بىرئاز دەم تىندۇرۇلىدۇ) ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، لازا، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.