لياۋ جۇڭكەي

لياۋ جۇڭكەي

لياۋ جۇڭكەي (1877 −1925-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيياڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى، گومىنداڭنىڭ سولچىلار داھىيسى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى بىر مۇھاجىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 16 يېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1902 -يىلى لياۋ جۇڭكەي دۆلەت ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياپونىيە گە ئوقۇشقا بارغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى لياۋ جۇڭكەي
باشقا نامى 又名夷白,字仲恺
تۇغۇلغان ۋاقتى 1877-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 廖仲恺
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1925-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لياۋ جۇڭكەيلياۋ جۇڭكەي (1877 − 1925-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيياڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى، گومىنداڭنىڭ سولچىلار داھىيسى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى بىر مۇھاجىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 16 يېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1902 -يىلى لياۋ جۇڭكەي دۆلەت ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياپونىيە گە ئوقۇشقا بارغان. 1903-يىلى 9-ئايدا، ئۇ رەپىقىسى خې شياڭنىڭ بىلەن سۈن جۇڭشەن نى زىيارەت قىلىپ، سۈن جۇڭشەن شەرھلىگەن ئىنقىلابنىڭ قائىدىلىرىگە ئىنتايىن قايىل بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ دېموكراتىك ئىنقىلاب ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1905-يىلى ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، ئەڭ دەسلەپكى ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

لياۋ جۇڭكەي ۋە سۈن جوڭشەن1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ گۇاڭدۇڭدىكى تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئىنقىلاب ئۈچۈن خىراجەت غەملەش ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى تەشكىللەش پائالىيىتىگە كۈچ چىقىرىپ، سۈن جۇڭشەن گە ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتكە ۋە خېيىمخەتەرگە قارىماي، مۇستەبىت يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇننى قوغداش كۈرىشى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1921 -يىلى سۈن جۇڭشەن گۇاڭجۇدا پەۋقۇلئاددە بۈيۈك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، لياۋ جۇڭكەي گۇاڭدۇڭنىڭ مالىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرتىپكە سېلىپ، ھەربىي خىراجەت توپلاپ، سۈن جۇڭشەننىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى 6-ئايدا چېن جياۋمىڭ خائىنلىق قىلغاچقا، لياۋ جۇڭكەي قولغا ئېلىنىپ گۇاڭجۇنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى شىجىن قورال زاۋۇتىغا قاماپ قويۇلغان، كېيىن ئۇنىڭ رەپىقىسى خې شياڭنىڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق خەتەردىن قۇتۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سۈن جۇڭشەن نىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى-دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى بەلگىلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان. 1924-يىلى گومىنداڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىشچىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، دېھقانلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، ھەربىي تەمىنات باش نازارەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. 1925-يىلى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، يېڭى ئۈچ مەسلەكتە تۇرۇپ، گومىنداڭ سولچىلىرىنىڭ بايراقدارى ۋە داھىيسى بولغان ھەمدە گومىنداڭ ئوڭچىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغان.

 1925 -يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بەزىلەر لياۋ جۇڭكەيگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىز ھەممىمىز قۇربان بولۇشقا تەييار تۇرغان ئادەملەر، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق» دېگەن. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇ مەركىزىي پىرقىغا يىغىنغا كېتىۋېتىپ، يولدا گومىنداڭ ئوڭچىلىرى كۈشكۈرتكەن توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. لياۋ جۇڭكەي قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن گۇاڭجۇغا دەپنە قىلىنغان، كېيىن نەنجىڭدىكى جۇشەن قەبرىستانلىقىنىڭ يېنىغا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#