ﻳﺎﻳﻼﻕ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﻰ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىز، تاغلىق، يايلاق، ئىكىنزارلىق، چۆللۈك، قۇملۇق ئۆز ئارا گىرەلەشكەن تىپىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى. ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك بولۇپمۇ يايلاق ساياھەتچىلىكى تېز راۋاجلاندى. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كىشىلەر بۈك ـ باراقسان قارىغاي لار بىلەن قاپلانغان، تاغ سۇلىرى شاقىراپ ئېقىپ تۇرغان، ئەتراپتا توپ ـ توپ قوي، كالىلار يايلاۋاتقان، ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن يايلاقلاردىكى ئارامگاھلاردا ئارام ئېلىش، سەيلى-ساياھەت قىلىشقا يۈزلەنمەكتە. قاناس، نارات، بايىنبولاق، بوغدا كۆلى قاتارلىق يايلاق ساياھەتچىلىكى راۋاجلانغان جايلاردا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم يايلاقلارنىڭ ھۆل يېغىننىڭ يىلدىن ـ يىلغا ئازىيىشى، بولۇپمۇ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىنىلا كۆزلەپ، ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىش، قوغداشقا سەل قارىشى تۈپەيلىدىن بەزى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ دائىرىسى تارىيىپ، ئەسلىدىكى گۈزەل جايلارنىڭ تەبىئىيلىكى، گۈزەللىكىگە نۇقسان يېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۆز تەۋەسىدىكى يايلاقلاردا ساياھەت نۇقتىسى ئاچقان رايونلار، يايلاق ساياھەتچىلىكىگە مەبلەغ سالغان ساياھەت كارخانىكىرى يايلاقلاردىكى ئۆزلىرى باشقۇرۋاتقان، ئېچىۋاتقان ساياھەت نۇقتىلىرىدا «ئوتلاق باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئەينەنلىكنى ساقلاش، قوغداش بىلەن ئېچىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، يايلاق ساياھەتچىلىكنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.
تەبىئىيلىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. گۈزەل يايلاقلار تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارارغا ئاتا قىلغان سوۋغىسى. شۇڭا تاغ، قارىغاي، شاقىراپ چۈشىۋاتقان زىلال سۇ، كۆز يەتكۈسىز ئوتلاقلاردا ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئاچقۇچىلار ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلەپ، يايلاقلارنى شەھەرلەردىكى باغچىلاردەك لايىھىلەپ، زىيادە مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىنى سېلىپ، گۈللۈك بەرپا قىلىش، توپ مەيدانلىرى ياساش چىغىر يوللارنى كېڭەيتىش ھەم كۆپەيتىش سەۋەبىدىن يايلاقلارنى ۋەيران قىلىشتىن ساقلىنىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتلاقلاردا خالىغانچە پائالىيەت قىلىشىغا، تاغ توپىسىنى خالىغانچە كولاپ ئېلىپ كېتىشىگە، يول قويماسلىقى، ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەتچىلەرگە يايلاقنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، قارىغاي ئوتلاقلارنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچىشىمىز لازىم.
ساياھەت شىركەتلىرى شۇ جايدىكىلەرگە بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. يايلاقلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيەلىك شارائىت تۈپەيلىدىن، ئىلگىرى تازا يۈكسەلمىگەن، ئۇلاردا ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئېڭى تازا ئويغانمىغان. شۇنداق ئەھۋالدا بىر قىسىم شىركەتلەر ئۆزلىرى پايدا ئېلىشنىلا كۆزلەپ، شۇ جايدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچىراتسا بولمايدۇ. شۇڭا چوڭ شىركەتلەر تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىلا ئويلاپ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ پايدا-زىيىنى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىشنى قىلماستىن، ئۇلارغىمۇ پايدا يەتكۈزۈشى، ئۇلارنى ئۆز ئارا مەبلەغ توپلاپ ساياھەت مۇلازىملىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇرىشى، توغرا، ئادىل رىقابەت ئارقىلىق تەڭ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندۈرىشى لازىم.
مول مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ تۇمۇز ئايلىرىدا يايلاقلاردا ساياھەت قىلىشى ھاۋاسى ساپ، سالقىن، مەنزىرىسى گۈزەل يايلاقلاردا سەگىدەش، سەيلى قىلىش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى ئۇنتۇپ، شەھەر شاۋقۇنىدىن يىراقلاپ، تېنچ ئارام ئېلىش بىلەن بىللە، يايلاق تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ، جايلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىدىن خەۋەردار بولۇش، مەدەنىيەت ـ سەنئەتتىن زوق ئېلىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ساياھات شىركەتلىرى ھېيت ـ بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى يەرلىك خەلقنىڭ يايلاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، خىلمۇ ـ خىل مەزمۇندىكى سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا ئاساس سېلىش لازىم.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.