شىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

1992-يىلى قۇرۇلغان، 1994-يىلى ئاپتوموبىل كەسپى تەربىيىلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىققان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1992-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆汽车职业技术学校
مەكتەپ تىپى شوپۇرلۇق مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1992-يىلى قۇرۇلغان، 1994-يىلى ئاپتوموبىل كەسپى تەربىيىلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىققان. مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئېلېكترلەشكەن دەرسخانا، كومپيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سىنىپى، ئاپتوموبىل جازىسى، ئاپتوموبىل توك يولى، ئاپتوموبىل مودېلى قاتارلىق 6670 كۋادرار مېتىرلىق مەخسۇس سىنىپقا ھەم 20 دانە كومپيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان ئېلىش ماشىنىلىرىغا ئىگە بولۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بولغاندىن سىرت، 90 دانە چوڭ-كىچىك مەشىق قىلىش ئاپتوموبىلىغا ئىگە. A,B,C,D,E,F قاتارلىق ھەرخىل تۈرلەر بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان ئۇنىۋېرسال شوپۇرلۇق مەكتىپى.

 2000-يىلى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىسى 98 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى تەربىيىلەپ چىققان.

 ئىلگىرى-كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن شوپۇر تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئىچىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن 1996-، 1997-، 1998-يىللىرى شوپۇر تەربىيىلەشتىكى ئىلغار ئورۇن، 1997-يىلى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باھالىشىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئىلغار ئورۇن قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى قاتناشق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك ئاپتوموبىل شوپۇر تەربىيىلەش مەكتىپى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#