ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ

ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ ﻗﯘرۇﺗﯘﻟﻐﺎن ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ» ﻧﺎﻣﯩﺪا دورﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.  ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻗﻮرﺳﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜك ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈش، ﻗﯘرت ﺋﯚﻟﺘﯜرۈش رولى بار ،

ئۇيغۇرچە نامى ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ
ئەرەبچە نامى ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ - ﻣﻪﮬﻤﯘدى
ئىنگلىزچە Scammonia
تەمى ﺗﻪﻣﻰ دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﻣﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 司格蒙旋花脂
پارسچە نامى ﺳﻮﻗﻤﻮﻧﻴﺎ
ئوردۇچە نامى ﺳﻮﻗﻤﻮﻧﻴﺎ
چىقىش ئورنى ﺗﯜركىيە ، ﺳﯜرﯨﻴﻪ، ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺮاق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ بولسا ﻳﯚﮔﻪﻳﻠﻪر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚپ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯧﻠﻪﻛﻠﯩﻚ ﺳﺎﻣﺎن ﻏﻮﻟﻠﯘق ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎن ئۆسۈملۈكنىڭ ﻗﯘرۇﺗﯘﻟﻐﺎن ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ» ﻧﺎﻣﯩﺪا دورﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺷﻪﻛﻠﻰ ھەشقى پىچەككە ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، ﺋﯚزى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯜﺗﻠﯜك ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺷﺎﺧـلار ﺋﯚﺳﯜپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ، ﺋﯘزۇﻧﻠﯘﻗﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯧﺘﯩﺮدﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘﻗﺮاق، ﻳﻪر ﺑﯧﻐﯩﺮلاپ ﭘﯧﻠﻪك ﺳﻮزۇپ ﺋﯚﺳﯩﺪۇ، ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﺎﯕﻐﯘ ﮬﯚﻟﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ھەشىقى پىچەكتىن ﻳﯘﻣﺸﺎق، رەﯕﮕﻰ ﻛﯚك ۋە ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﮔﯜﻟﻰ ﻳﯘﻣﯩـلاق، ﺋﺎق، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﻰ ﻛﺎۋاك، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى ﺋﺎق، ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺳﻪۋزﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪەك. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮاق، ﺋﯩﭽﻰ ﻛﺎۋاك، ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراﻗﻠﯩﻖ، ﺳﯜت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﯘ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى ۋە ﺗﯧﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺳﯜﺗﻰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻳﺎﭘﯩـلاق ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻣﻮﻛﯩﺴﯩﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯘﺗﯘق ﻛﯜل رەڭ ۋە ﻗﺎراﻣﺘﯘل ﺑﯧﻐﯩﺮرەﯕﻠﯩﻚ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﺎر، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻳﯜزﯨﺪە ﻛﯜل رەﯕﻠﯩﻚ ﭼﺎﯕـلار ﺑﺎر.ﮬﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪن ﻳﯜزى ﭘﺎرﻗﯩﺮاق، رﯦﺰﯨﻨﺴﯩﻤﺎن ۋە ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺗﯘﺗﯘق ﻗﻮﯕﯘر رەﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎرا رەﯕﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ . ﺋﺎﺳﺎن ﺋﯘۋﯨﻠﯩﺪۇ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯘدا ﺋﻪزﺳﻪ ﺗﯧﺰلا ﺳﯜﺗﺴﯩﻤﺎن ﺋﺎق ﻣﺎددا ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺳﯜﺗﺘﻪك ﭘﺎرﻗﯩﺮاﻳﺪۇ، ﺳﻪل ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﻣﻰ دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﻣﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﺎﻏـلاردا ۋە ﺗﺎﺷﻠﯩﻘـلاردا ﺋﯚﺳﯩﺪۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى تىلىپ قويۇپ، سۈتى ئېقىپ چىققاندا يېغۋىلىندۇ. ﺗﯜركىيە ، ﺳﯜرﯨﻴﻪ، ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺮاق

ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.

ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ۋە ﻳﻪل ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘلارﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎزاﻧﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪش، ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻗﻮرﺳﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜك ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈش، ﻗﯘرت ﺋﯚﻟﺘﯜرۈش

خاس تەسىرى

ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ.

ئەكىس تەسىرى

ﻗﻮرﺳﺎﻗﺘﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯜرﯨﺪۇ.

ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯜرﯨﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩـلارﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪە %80~60 ﻛﯩﭽﻪ رﯦﺰﯨﻨﺎ ﺑﺎر، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ دەرەخ ﻳﯧﻠﯩﻤﻰ ۋە ﺋﺎز ﻣﯩﻘﺪاردا ﻛﺮاﺧﻤﺎل ﺑﺎر.

رﯨﺰﯨﻨﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯩﻜﺎﻣﻤﻮﻧﯩﻦ (Sammonin) ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯘﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ، ﺋﺎﺗﺴـﯩـﺪوم، ﺳﯩـﻜﺎﻣﻤﻮﻧـﯩـﻜـﻮم (Scmmonic acid) ۋە ﺋﺎﺗـﺴـﯩـﺪوم ﺋﯩـﺰوۋاﻟـﯧـﺮﯨـﻴـﺎﻧـﻜﻮم (Isovalevanic) ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ.ﺳﯘﻳﯘق ﻛﯩﺴـلاﺗﺎﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ ﺋﺎﺗﺴﯩﺪوم ﺳﯩﻜﺎﻣﻤﻮﻧﯩﻜﻮم (Scammonic acid) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

1. ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎدﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردا ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭼﺎﻳﺎن ۋە ﻳﯩـلان ﭼﯧﻘﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺳﯜرﻛﯩﺴﻪ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﺪۇ.

2. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ ﺗﯘرﺑﯘت ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ، ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﻐﯩﻠﻐﺎن ﺳﯜت ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﺷﺘﯩﺪا ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان ۋە ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻗﯘرﺗـلارﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﺪۇ.

3. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ زەﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ۋە ﺗﯘرﺑﯘت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ، ﺳﯘﭘﯘپ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

4. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜل ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻟﻘﺎﻧـلاپ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎزاﻧﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪﻳﺪۇ، ﺋﺎﺷﻘﺎزاﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرﺗﯘق ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ.

ئىشلىتىلىشى

ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﺰﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﮭﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻳﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﭘـلاپ، ﺗﻮﻧﯘرﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘردا ﻗﻮﻳﯘپ، ﺗﻮﻧﯘر ﺳﻮۋۇﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﭘﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﯩﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘپ ﺷﯧﺸﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗـلاپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. 

دورىلىق ئورنى

يىلتىزىنى تىلىپ قويغاندا ئېقىپ چىققان سۈتى.

مىقدارى

0.1 ~ 0.7 ﮔﺮام

ساقلاش

قەغەزگە ئوراپ ساقلىنىدۇ.

ئورۇنباسارى

 ﺳﻪﺑﺮى

تۈزەتكۈچىسى

ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜل ﺳﯜﻳﻰ، رۇم ﺑﻪدﯨﻴﺎن، ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻘﻰ

ﮬﻪﺑﺒﻰ ﻏﺎرﯨﻘﯘن، ﺋﺎﻳﺎرەج ﺟﺎﻟﯩﻨﯘس

ﻗﻪۋزﯨﻴﻪت، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪدەن ﺳﯘﻟﯘق ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ، ﺑﻮﻏﯘم ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮى، ﺋﯜﭼﻪي ﻗﯘرﺗﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻣﻪددە ﻗﯘرت ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚﻟﯜك ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

يىلتىزىنى تىلىپ قويغاندا ئېقىپ چىققان سۈتىﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﺰﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﮭﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻳﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﭘـلاپ، ﺗﻮﻧﯘرﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘردا ﻗﻮﻳﯘپ، ﺗﻮﻧﯘر ﺳﻮۋۇﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﭘﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﯩﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘپ ﺷﯧﺸﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗـلاپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. 
ﺗﯜركىيە ، ﺳﯜرﯨﻴﻪ، ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺮاق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ

1. ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎدﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردا ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭼﺎﻳﺎن ۋە ﻳﯩـلان ﭼﯧﻘﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺳﯜرﻛﯩﺴﻪ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﺪۇ.

2. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ ﺗﯘرﺑﯘت ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ، ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﻐﯩﻠﻐﺎن ﺳﯜت ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﺷﺘﯩﺪا ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان ۋە ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻗﯘرﺗـلارﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﺪۇ.

3. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ زەﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ۋە ﺗﯘرﺑﯘت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ، ﺳﯘﭘﯘپ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

4. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ ﺳﻮﻗﻤﯘﻧﯩﻴﺎﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜل ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻟﻘﺎﻧـلاپ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎزاﻧﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪﻳﺪۇ، ﺋﺎﺷﻘﺎزاﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرﺗﯘق ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=62

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#