ئەڭ بۇرۇنقى ھاۋا تەڭشىگۈچ

ئەڭ بۇرۇنقى ھاۋا تەڭشۈگۈچ

دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ھاۋا تەڭشۈگۈچنى دوش ئىجاد قىلغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1881-يىلى 3-ئايدا گېفېلىد ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان، 7-ئايدا ئۇ ۋاشىنگتون ۋوگزالىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، گەرچە يارىسى ئېغىر بولمىسىمۇ، ئوق ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسىغا تەگكەچكە ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان، شۇڭا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىپ ئوقنى ئېلىۋېتىشكە توغرا كەلگەن. ۋاشىنگتون ئەسلىدىلا يازدا بەك ئىسسىپ كېتىدىغان شەھەر بولۇپ، شۇ يىلى تارىختا كۆرۈلمىگەن ئىسسىق بولغانىدى. كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان گېفېلىدنىڭ تېنى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، خانىمى بىر چەتتە يەلپۈپ تۇرسىمۇ تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا ھېچنېمىگە دال بولالمىغان، شۇنىڭ بىلەن خانىمى بىر ئامال قىلىپ كېسەل ياتىقىنىڭ ھارارىتىنى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، بۇ ۋەزىپە دوس ئىسىملىك كان تېخنىكىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى زاۋۇتىغا دۇشنى بارلىق ئەسۋاب ۋە خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. نەتىجىدە گېفېلىدنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى ئويلىمىغان يەردىن ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالغان.

دوش كاندا كان قۇدۇقىغا شامال يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنى بىلەتتى. ھاۋانى قىسسا ئىسسىق شامال چىقىراتتى، شۇڭا بۇ ئىسسىق شامالنى سۇدىن پايدىلىنىپ سوۋۇتۇشقا توغرا كېلەتتى؛ ئەگەر قىسىلغان ھاۋانى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە سوۋۇتۇش ئۈنۈمى ھاسىل بولاتتى. دوش مۇشۇ نۇقتىئىنەزەرگە ئاساسەن دوختۇرخانىغا چوڭ ماتور ئورنىتىپ ھاۋانى كومپرېسسور ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ ياتاقنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ ھارارەتنى تۆۋەنلىتىشكە بەل باغلىغان ھەمدە بىر تال ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان نەيچىنى ياتاققا ئۇلىغان. نەتىجىدە دوش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، ياتاقنىڭ تېمپېراتۇرسى 30 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىغا چۈشكەن.

دوش ئىجاد قىلغان ھاۋا تەڭشۈگۈچ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ھاۋا تەڭشۈگۈچ بولۇپ قالغان. بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ گەرچە زۇڭتۇڭنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ (زۇڭتۇڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغان)، تېخنىكىلىق شارائىت ئىنتايىن ناچار ئەھۋالدا دوش قىسقىغىنە بىر قانچە ھەپتىدە كەشىپ قىلغان ئاددىي ھاۋا تەڭشۈگۈچ داۋاملىىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە ئومۇملاشتۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#