تېز مۇز تېيىلىش

تېز مۇز تېيىلىش

تېز مۇز تېيىلىش مۇز مەيدانىدا تېز سۈرئەتتە تېيىلىپ يۈگۈرۈش بولۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرىدىن قىسقا ئارىلىقلىق(ئەر-ئاياللار 500 مېتىر، 1000 مېتىر) ، ئوتتۇرا ئارىلىقلىق(ئەر-ئاياللار 1500 مېتىر) ، ئۇزۇن ئارىلىقلىق(ئەرلەر 5000 مېتىر، 10000 مېتىر، ئاياللار 3000 مېتىر) يەككە تۈرلەر مۇسابىقىسى بىلەن ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى بار.

ئۇيغۇرچە نامى تېز مۇز تېييلىش
خەنزۇچە نامى 速度滑冰

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېز مۇز تېيىلىشمۇز تېيىلىش ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. قەدىمكى زاماندا كىشىلەر مۇز ئۈستىدە يۈرۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن مۇز تېيىلىشنى كەشىپ قىلغان. 17-ئەسىرگە كەلگەندە، مۇز تېيىلىش بىر خىل قاتناش ۋاسىتىسى ھەم ئويۇندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرىگە ئۆزگەرگەن. 1892-يىلى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. 1893-يىلى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئەرلەر تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، كېيىن يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن. 1924-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەرلەر تېز مۇز تېيىلىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. ئاياللار سۈرئەتلىك مۇز تېيىلىش پەقەت 1960-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاندىن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. تېز مۇز تېيىلىشتا كۈچلۈك دۆلەتلەردىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىقلار بار.

تېز مۇز تېيىلىش 1953-يىل 2-ئايدا ئېلىمىز خاربىن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. 1957-يىلى تۇنجى قېتىم ماھىرلارنى ئەۋەتىپ دۇنيا مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئاياللار ئومۇمىي ماھارەت تۈرىدە21-بولغانلىقىدۇر. 1963-يىل 2-ئايدا ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ ئەر تەنھەرىكەتچىسى لو جىخۇەن 1500 مېتىرلىق تېيىلىشتا چېمپىيون بولۇپ، دۇنيا تېز مۇز تېيىلىشتا چېمپىيون بولغان تۇنجى جۇڭگو ماھىرى بولۇپ قالغان. ۋاڭ شۇيۈەن ئاياللارنىڭ قىسقا يولدا 1000 مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ۋاڭ جىنيۈي بىلەن لو جىخۇەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 215.181 ۋە 486.183 نومۇر بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ماھىرى شىلكوف ساقلاپ كەلگەن ئەرلەرنىڭ تېز مۇز تېيىلىش ئومۇمىي ماھارەت دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 1988-يىلى ئېلىمىز ماھىرى لى يەن 15-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللارنىڭ قىسقا يولدا 1000 مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان ھەمدە بىر مىنۇت 39 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 1989-يىل 3-ئايدىكى 14-نۆۋەتلىك دۇنيا ستۇدېنتلار قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز ماھىرلىرى قىسقا يولدا مۇز تېيىلىشتىكى بەش ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 4-ئايدا گو خۇڭرۇ دۇنيا قىسقا يولدا مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ 1000 مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. ئېلىمىز ماھىرى يې چاۋبو مۇ كۆپ قېتىم تېز مۇز تېيىلىشتا دۇنيا چېمپىيونى بولغان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#