جاۋارىش ئامىلە
جاۋارىش ئامىلە قارامتۇل جىگەررەڭلىك مەجۇن ،تەمى ئاچچىق بۇلۇپ ئىشتىھانى ئېچىش،يەل ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاۋارىش ئامىلە قارامتۇل جىگەررەڭلىك مەجۇن ،تەمى ئاچچىق بۇلۇپىشتىھانى ئېچىش،يەل ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە. جىگەر،ئۆت كېسەللىرى پەيدا قىلىدىغان قۇرساق،ئاشقازان كۆپۈش، ئىشتىھاسىزلىق،ھەزىم ناچارلىقى،ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
مەجۇن
دورىدىن 30g ئېلىپ،15g دىئاتومىد قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،مېنتانولدىن 50ml قوشۇپ،30 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا مېنتانولدىن 1ml قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. سىننالدېھىد سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،مېنتانول بىلەن ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 1mgدىن دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يۇقۇرىدىكى 2 خىل دورا ئېرىتمىسىدىن 10µl دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (17:3) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،تاختا ئۈستىگە،دىنىترو بېنزولگىدرازىنو ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا كۈزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دوورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.