جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول ترانسپورت نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى يول تىرانسپورت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش، يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يول تىرانسپورتى ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىزام. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول ترانسپورت نىزامى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国道路运输条例
ماقۇللانغان ۋاقتى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام يول ترانسپورت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداپ، يول ترانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يول ترانسپورتى ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، يول ترانسپورت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا يول ترانسپورت تىجارىتى ۋە يول ترانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى لازىم.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يول ترانسپورت تىجارىتى يول يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى (تۆۋەدە يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى دېيىلىدۇ) ۋە يول يۈك ترانسپورت تىجارىتى (تۆۋەندە يۈك ترانسپورت تىجارىتى دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يول ترانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر: بېكەت (مەيدان) تىجارىتى، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلرىنى ئاسراش-رېمونت قىلىش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا يول ترانسپورت تىجارىتى ۋە يول ترانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى، ئادىل رىقابەتلىشىشى كېرەك.

4-ماددا يول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش لىللا، ئادىل، ئاشكارا ۋە قۇلايلىق بولۇشى كېرەك.

5-ماددا دۆلەت يېزا، كەنت يول ترانسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، يېزا-بازار ۋە مەمۇرىي كەنتلەرگە نۆۋەتچى ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

6-ماددا دۆلەت يول ترانسپورت كارخانىلىرىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يول ترانسپورت بازىرىنى قامال قىلىۋېلىشىغا ياكى مونوپول قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى يول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت ئىشلەيدۇ.

2-باب يول ترانسپورت تىجارىتى

1-پاراگراف يولۇچى ترانسپورتى

8-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) تىجارەت كەسپىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەمدە تەكشۈرۈپ سىناشتا لاياقەتلىك بولغان قاتناش ۋاسىتىسى بولۇش؛

(2) مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەيدىگۈچى بولۇش؛

(3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرىدىغان مۇكەممەل تۈزۈم بولۇش.

نۆۋەت لىنىيىسىدە يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يەنە ئېنىق لىنىيىسى ۋە بېكەت لايىھىسى بولۇشى كېرەك.

9-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەيدىگۈچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) مۇناسىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان بولۇش؛

(2)يېشى 60 تىن ئاشمىغان بولۇش؛

(3) ئۈچ يىل ئىچىدە زور قاتناش ھادىسىسىدىن يۇقىرى جاۋابكارلىق ھادىسىسى خاتىرىلەنمىگەن بولۇش؛

(4) رايون بار شەھەر دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يولۇچى ترانسپورتىغا دائىر قانۇن-نىزاملار، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش-رېمونت قىلىش ۋە يولۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاساسىي بىلىملىرىدىن ئالغان ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان بولۇش لازىم.

10-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە مۇشۇ نىزامنىڭ 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون ئىچىدە يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ؛

(2) ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىككى مەمۇرىي رايون ھالقىپ يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى قىلىدىغانلار ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ.

(3) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىن ھالقىپ يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى قىلىدىغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالغان يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئىجازەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك قارارى چىقىرىشى لازىم. ئىجازەت بېرىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يول ترانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ترانسپورتقا سالىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىگە تىجارەتلىك ترانسپورت گۇۋاھنامىسى بېرىشى؛ ئىجازەت بەرمەيدىغان بولسا، ئىلتىماس سۇنغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىن ھالقىپ يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارغا ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يول ترانسپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىشتىن ئىلگىرى ترانسپورت لىنىيىسى ئارقىلىق بارىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن كېڭىشىشى؛ كېلىشەلمىسە، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىشى لازىم.

يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى يول ترانسپورتى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ سېودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ، قانۇن بويىچە ئالاقىدار تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئۆتۈشى كېرەك.

11-ماددا يول ترانسپورت تىجارەت ئالغان ئىجازەتنامىسى ئالغان يولۇچى ترانسپور تىجارەتچىسى يولۇچى ترانسپورت نۆۋەت لىنىيىسىنى كۆپەيتمەكچى بولسا، مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈشى كېرەك.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يولۇچى ترانسپورت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە، يولۇچى ترانسپورت بازىرىنىڭ تەمىنلەش تەلەپ ئەھۋالىنى، ئومۇميۈزلۈك مۇلازىملىق قىلىش ۋە ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىش قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك.

بىر لىنىيىگە ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئىلتىماس سۇنغاندا، خېرىدار چاقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىلسا بولىدۇ.

13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يولۇچى ترانسپورت بازىرىنىڭ تەمىنلەش-تەلەپ ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

14-ماددا يولۇچى ترانسپورت تۆۋەن لىنىيىسىنىڭ تىجارەت مۇددىتى تۆت يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولىدۇ. تىجارەت مۇددىتى توشۇپ يولۇچى ترانسپورت نۆۋەت لىنىيىسىنىڭ تىجارەت ئىجازىتىنى ئۇزارتىدىغانلار باشقىدىن ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك.

15-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى يولۇچى ترانسپورت تىجارىتىنى توختاتماقچى بولسا، تىجارەتنى توختىتىشتىن ئىلگىرى 30 كۈن ئىچىدە ، ئەسلىي ئىجازەت بەرگۈچى ئورگانغا  ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

16-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، قاتناش ۋاسىتىسىنى پاكىز تۇتۇشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ترانسپورت جەريانىدا يولۇچىلارنىڭ جىسمانىي، مال -مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يېتىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

17-ماددا يولۇچىلار قاتناش ۋاسىتىسىگە ئىناۋەتلىك بېلەت بىلەن ئولتۇرۇشى، تەرتىپكە رىئايە قىلىشى، مەدەنىيلىككە، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. دۆلەت بەلگىلىگەن خەتەرلىك بۇيۇملار ۋە ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېلىپ چىقماسلىقى كېرەك.

18-ماددا نۆۋەت لىننىيىسىدە يولۇچى ترانسپورت تىجارىتى قىلىدىغانلار يول ترانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن، جامائەتكە داۋاملىق ترانسپورت مۇلازىملىقى قىلىشى كېرەك.

تۆۋەن لىنىيىسىدىكى ترانسپورتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ۋاقىتلىق توختىتىشقا، توختىتىۋېتىشكە ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

19-ماددا كۆتۈرەلىك ئاپتوبۇس يولۇچى ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار پۈتۈشكەن يولغا چىقىدىغان جاي، بارىدىغان جاي ۋە لىنىيە بويىچە يۈرۈشى كېرەك.

ساياھەت يولۇچى ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ساياھەت رايونىدا ساياھەت لىنىيىسى بويىچە يۈرۈشى لازىم.

20-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسىنىڭ يولۇچى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرۇشقا زورلىشىغا، تاشلاپ كېتىشىگە، قاقتى-سوقتى قىلىشىغا، ترانسپورت ۋاسىتىسىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

21-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى ترانسپورت جەريانىدا يولۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش، ئۆلۈش، يۈك-تاقلىرى زىيانغا ئۇچراش، يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغاندا، ئالاقىدارلار تۆلەم سوممىسى ھەققىدە پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ. پۈتۈشمىگەن بولسا دۆلەتنىڭ پورتلار ئارا دېڭىز يولۇچى ترانسپورتى ۋە تۆمۈريول  يولۇچى ترانسپورتىدىكى تۆلەم جاۋابكارلىق چېكىگە دائىر بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

2-پاراگراف يۈك ترانسپورتى

22-ماددا يۈك ترانسپورت تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ئۆزىنىڭ تىجارەت كەسپىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەمدە تەكشۈرۈپ سىناشتا لاياقەتلىك بولغان قاتناش ۋاسىتىسى بولۇش؛

(2) مۇشۇ نىزامنىڭ 23-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەيدىگۈچى بولۇش؛

(3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرىدىغان مۇكەممەل تۈزۈمى بولۇش.

23-ماددا يۈك ترانسپورت تىجارىتى قىلىدىغان ھەيدىگۈچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) مۇناسىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان بولۇش؛

(2) بېشى 60 تىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛

(3) رايون بار شەھەر دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يۈك ترانسپورتىغا دائىر قانۇن-نىزاملار، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش-رېمونت قىلىش ۋە يۈك قاچىلاش، ساقلاشقا ئالاقىدار بىلىملەردىن ئالغان ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش.

24-ماددا خەتەرلىك يۈك ترانسپورت تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يەنە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) خەتەرلىك يۈك ترانسپورتىغا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان،تەكشۈرۈپ سىناشتا لاياقەتلىك بولغان بەشتىن ئارتۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(2) تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان، ئىش ئورنى سالاھىيەتنامىسى ئالغان ھەيدىگۈچىسى، قاچىلاش-چۈشۈرۈشنى باشقۇرغۇچىسى، يۈك نازارەتچىسى بولۇش؛

(3) خەتەرلىك يۈك ترانسپورتى مەخسۇس قاتناش ۋاسىتىسىگە زۆرۈر خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولۇش؛

(4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرىدىغان مۇكەممەل تۈزۈمى بولۇش.

25-ماددا يۈك ترانسپورت تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس سۇنۇش ھەمدە مۇشۇ نىزامنىڭ 22-ماددىسى، 24-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) خەتەرلىك يۈك ترانسپورت تىجارىتىدىن باشقا يۈك ترانسپورت تىجارىتى قىلىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ؛

(2) خەتەرلىك يۈك ترانسپورت تىجارىتى قىلىدىغانلار رايون بار شەھەر دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئىجازەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئىجازەت بېرىلگەنلىرىگە يول ترانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىشى ھەمدە ترانسپورتقا سالىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىگە تىجارەتلىك ترانسپورت گۇۋاھنامىسى بېرىشى؛ ئىجازەت بېرىلمىگەنلىرىگە، يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.

يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسى يول ترانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ، ئالاقىدار تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىشى كېرەك.

26-ماددا يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توشۇش مەنئى قىلىنغان يۈكلەرنى توشۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئالاقىدار رەسمىيەتنى ئۆتىگەندىن كېيىن، توشۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن يۈكلەرنىڭ رەسمىيىتىنى يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك.

27-ماددا دۆلەت مۇھىت تازىلىقى ۋە يۈك ترانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسىنىڭ يېپىق كۇرۇپلۇق ترانسپورتنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، يۈكنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، چېچىلىپ كېىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

خەتەرلىك يۈك ترانسپورتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، خەتەرلىك يۈكنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشى، پارتلاپ كېتىشى، رادىئاكسىيە تارقىتىشى، چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

28-ماددا خەتەرلىك يۈك ترانسپورتىدا، زۆرۈر يۈك نازارەتچىسى قويۇپ، خەتەرلىك يۈكنىڭ نازارەت ئاستىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە روشەن خەتەرلىك يۈك ترانسپورت بەلگىسى ئېسىش لازىم.

خەتەرلىك يۈك ترانسپورت ھاۋالىسىدە، يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسىگە خەتەرلىك يۈكنىڭ نامى، خۇسۇسىيىتى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ھەمدە قەتئىي تۈردە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئوراش، روشەن بەلگە ئورنىتىش كېرەك.

3-پاراگراف يولۇچى ترانسپورتى ۋە يۈك ترانسپورتىغا چىقىرىلغان ئورتاق بەلگىلىمە

29-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرى كەسىپكارلىرىغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى، كەسىپ ئەخلاقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، يول ترانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يول ترانسپورت كەسىپكارلىرى يول ترانسپورت مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلماسلىقى كېرەك. ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

30-ماددا يولۇچى ترانسپورت قاتناش ۋاسىتىسى ۋە يۈك ترانسپورت قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان (ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىدىغان) كارخانىلار قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئادەم سېلىش نورمىسىنى ياكى يۈك نورمىسىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە بېكىتىشى لازىم، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئادەم سېلىش نورمىسى ياكى يۈك نورمىسىنى كۆپ ياكى ئاز يېزىپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرى يول ترانسپورت تىجارىتى قىلىشتا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

31-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرى قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش ۋە تەكشۈرۈپ سىناشنى كۈچەيتىپ، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ يول ترانسپورت تىجارىتىدە برا قىلىنغان، خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرى يول ترانسپورتىدا قاتناش ھادىسىسى، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشى لازىم. جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى دوكلات تەرتىپى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئۈسكۈنە زاپىسى شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

33-ماددا قاتناش ھادىسىسى، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى لازىم.

34-ماددا يول ترانسپورت ۋاسىتىلىرىدە ترانسپورت تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئىجارە بېرىشكە بولمايدۇ.

35-ماددا يول ترانسپورت ۋاسىتىسىدە يولۇچى توشۇيدىغانلار نورمىدىن ئاشۇرۇپ يولۇچى سېلىشقا، بەلگىلىمىگە خىلاپ يۈك بېسىشقا يول قويۇلمايدۇ؛ يۈك توشۇيدىغانلارنىڭ ئادەم سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، توشۇيدىغان يۈكى بېكىتىلگەن يۈك نورمىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. باسقان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى يۈك قاچىلاش تەلىپىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتنىشى بىخەتەرلىك قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

36-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى ۋە خەتەرلىك يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسى يولۇچىلار ياكى خەتەرلىك يۈكنى توشۇغۇچىلارنى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

3-باب يول ترانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر

37-ماددا يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: 

(1) تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان بېكەت(مەيدان) بولۇش؛

(2) مۇناسىپ كەسپىي خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛

(3) مۇناسىپ ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

(4) كەسىپ مەشغۇلات قائىدىسى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشقا ئائىت مۇكەممەل تۈزۈمى بولۇش.

38-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىشقا مۇناسىپ ئورنى بولۇش؛

(2) زۆرۈر ئۈسكۈنە، ئەسلىھەسى ۋە تېخنىكىلىرى بولۇش؛

(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىشنى باشقۇرۇشقا ئائىت مۇكەممەل تۈزۈمى بولۇش؛

(4) زۆرۈر مۇھىت ئاسراش تەدبىرى بولۇش.

39-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) مۇكەممەل تەربىيىلەش ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(2) تەربىيىلەش كەسپىگە لايىق ئوقۇتۇش خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچى بولۇش؛

(3) زۆرۈر ئوقۇتۇش قاتناش ۋاسىتىسى ۋە باشقا ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى ۋە مەيدانى بولۇش.

40-ماددا يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارىتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارىتى قىلىش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە مۇشۇ نىزامنىڭ 37-، 38-، 39-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قوشۇمچە ئەۋەتىشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇپ، ئىجازەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارەتچىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش ئاپپاراتى ئىجازەت ئىسپاتىنى ئېلىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش كېرەك.

41 -ماددا يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارەتچىسى بېكەتتىن چىقىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى، گۇۋاھنامىسىز تىجارەت قىلغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بېكەتكە كىرىپ تىجارەت قىلىشىنى مەنئى قىلىشى، يۈكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسىنى بېكەتتىن چىقارماسلىقى كېرەك.

يول ترانسپورت بېكەت(مەيدان) تىجارەتچىلىرى بېكەت (مەيدان)ى ئىشلىتىلىتىدىغان يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، يول ترانسپورت ۋاسىتىسىنىڭ بېكەتكە كىرىپ تىجارەت قىلىشىنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارەتچىلىرى يولۇچىلار ۋە يۈك ئىگىلىرىگە بىخەتەر، قۇلاي، ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى لازىم؛ بېكەت (مەيدان)نى پاكىز تۇتۇشى كېرەك؛ بېكەت (مەيدان)نىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە مۇلازىمەت رولىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

42-ماددا يولۇچى ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارەتچىلىرى يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسىنىڭ نۆۋەت قېتىمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ ترانسپورت لىنىيىسىنى، يولغا چىقىپ يېتىپ بارىدىغان، توختاپ ئۆتىدىغان بېكەتلىرىنى، ترانسپورت نۆۋەت قېتىمى، يولغا چىقىدىغان ۋاقتى ۋە بېلەت باھاسىنى ئېلان قىلىشى، بېكەتكە كىرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلىشى، ماڭغۇزۇشى، يولۇچىلارنى باشلاپ قاتناش ۋاسىتىسىگە چىقىش -چۈشۈش تەرتىپىنى ساقلىشى لازىم.

يولۇچى ترانسپورت بېكەت (مەيدان) تىجارەتچىلىرى يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، كۈتۈش، يۈك-تاق ساقلىتىش ۋە توشۇشقا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تەسىس قىلىشى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بېكىتىلگەن يولۇچى سېلىش نورمىسى بويىچە بېلەت سېتىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ بېكەتكە كىرىپ قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

43-ماددا يۈك ترانسپورت بېكەت (مەيدان)تىجارەتچىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن كەسپىي مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە يۈكنى قاچىلاپ-چۈشۈرۈشى، ئامانەت قويۇشى ۋە ساقلاپ بېرىشى كېرەك.

44-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى بويىچە ئاسرىشى، رېمونت قىلىشى، ئاسراش، رېمونت قىلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىشتا ساختا، ناچار زاپچاسلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش ئىش سائىتى نورمىسى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىىش، ھەقنى مۇۋاپىق ئېلىشى كېرەك.

45-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت  قىلىش تىجارەتچىلىرىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى 2-دەرىجىلىك ئاسرىغان، ئومۇمىي قۇرۇلمىنى رېمونت قىلغان ياكى پۈتۈن قاتناش ۋاسىتىسىى رېمونت قىلغانلىرى ئاسراش، رېمونت قىلىش سۈپىتىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ئاسراش، رېمونت قىلىش سۈپىتىنى تەكشۈرگۈچىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش لاياقەتنامىسى بېرىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىشتا، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە ئاسراش، رېمونت قىلىش سۈپىتى تۈپەيلىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمىسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىسى قايتىدىن ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىشى لازىم.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تۈزۈمىنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.

46-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىلىرىنىڭ براك قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

47-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئوقۇتۇش پروگراممىسى بويىچە تەربىيىلىشى، تەربىيىلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەربىيىلەش تاماملانغاندا، تەربىيىلەشكە قاتناشقانلارغا تەربىيىلەنگەنلىك گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.

4-باب خەلقئارا يول ترانسپورتى

48-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىدار دۆلەت ھۆكۈمتى ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك يول ترانسپورت كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن خەلقئارا يول ترانسپورت لىنىيىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.

49-ماددا خەلقئارا يول ترانسپورت تىجارىتى قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1)مۇشۇ نىزامنىڭ 10-، 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يول ترانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئالغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بولۇش؛

(2) دۆلەت ئىچىدە يول ترانسپورت تىجارىتى قىلغىنىغا ئۈچ يىل توشقان، ئۇنىڭ ئستىگە زور ھادىسىدىن يۇقىرى يول قاتناش جاۋابكارلىق ھادىسىسى سادىر قىلمىغان بولىدۇ.

50-ماددا خەلقئارا يول ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە مۇشۇ نىزامنىڭ 49-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۆلكىىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇپ، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى لازىم. تەستىقلىغىنىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى؛ گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقىغا ئالاقىدارلاغا چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

خەلقئارا يول ترانسپورت تىجارەتچىسى تەستىق ھۆججەتنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتۈشى كېرەك.

51-ماددا جۇڭگولۇق خەلقئارا يول ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ترانسپورتقا سالىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكى بەلگىسىنى قويۇشى كېرەك.

چەت ئەللىك خەلقئارا يول ترانسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىسى جۇڭگو  تەۋەسىدە يۈرگەندە ئۆز دۆلىتىنىڭ تەۋەلىك بەلگگىسىنى قويۇشى ھەمدە بەلگىلەنگەن ترانسپورت لىنىيىسى بويىچە يۈرۈشى لازىم؛ ترانسپورت لىنىيىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، يولغا چىقىدىغان، يېتىپ بارىدىغان جايى جۇڭگو تەۋەسىدە بولغان يول ترانسپورت تىجارىتى قىلىشقا بولمايدۇ.

52-ماددا پورتتا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى پورتقا كىرىپ- چىقىدىغان خەلقئارا يول ترانسپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

53-ماددا چەت ئەللىك خەلقئارا يول ترانسپورت تىجارەتچىلىرى گوۋۇيۈەن قاتناش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن جۇڭگو تەۋەسىدە قانۇن بويىچە دائىمىي ۋاكالىتەن ئاپپاراتى تەسىس قىلسا بولىدۇ. دائىمىي ۋاكالىتەن ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارمىقى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ يول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

55-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ قانۇن ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرى قانۇنچىلىق ۋە يول ترانسپورت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە تەربىيىلىنىشى ۋە سىنىلىشى كېرەك. سىناشتا، تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز  بولغانلارنىڭ ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

56-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۆۋەن دەرىجىلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

57-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

58-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يول ترانسپورتى بويىچە پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى ياكى ئېلېكترونلۇق پوچتا خەت ساندۇقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قاتناش مەسئۇل تارمىقى، يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

59-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم، قالايمىقان چازا قۇرۇشقا، قالايمىقان ھەق ئېلىشقا، قالايمىقان جەرىمانە ئېلىشقا بولمايدۇ.

يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرى نۇقتىلىق ھالدا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرى نۇقتىلىق ھالدا يول ترانسپورتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپ تىجارەت سورۇنلىرىنى، يولۇچى، يۈك توپلىنىپ تارقىلىدىغان جايلارنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ تاشيول ئېغىزىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە نورمال يۈرۈۋاتقان يول قاتناش ۋاسىتىسىنى خالىغانچە توسۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

60-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ خادىملىرى ئالاقىدارلارغا قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

61-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخستىن ئەھۋال ئىگىلىسە، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، نۇسخا ئالسا بولىدۇ. لېكىن تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئورۇن ۋە شەخس قانۇنلۇق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئالاقىدار ماتېرىيال ياكى ئەھۋالنى ئەينەن يەتكۈزۈشى كېرەك.

62-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرى يول ترانسپورتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن ھامان توسۇشى ھەمدە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارنى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى يۈكنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشى كېرەك.

63-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرى يول ترانسپورتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ترانسپورت تىجارەت گۇۋاھنامىسى يوق ھەمدە نەق مەيداندا باشقا ئىناۋەتلىك ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلىكتىن ۋاقىتلىق تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. ئىشىتىشكە، ساقلاش ھەققى ئېلىشقا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېلىشقا بولمايدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

64-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يول ترانسپورت تىجارەت ئىجازىتى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 20 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 9 -، 32-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ تىجارەت يول ترانسپورت ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

66-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، يول ترانسپورت بېكەت(مەيدان)تىجارىتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارىتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارەت توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

67-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى، يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرى، يول ترانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ تىجارەتچىلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يول ترانسپورت ئىجازەت گۇۋاھنامىلىرىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارىگە بەرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنى يىغىۋالىدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. 

68-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە خەتەرلىك يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توشۇغۇچىلار جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە قاتنىشىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ يول ترانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەت بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

69-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىجارەتلىك ترانسپورت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ يۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

70-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ يول ترانسپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەت بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

(1) تەستىقتىكى يولۇچى ترانسپورت بېكەت نۇقتىسىدا توختاپ ئۆتمىگەن ياكى بەلگىلەنگەن لىنىيە، ئېلان قىلىنغان نۆۋەت قېتىمى بويىچە يۈرمىگەنلەر؛

(2) يولۇچى ۋە يۈكنى زورمۇزور سالغانلار؛

(3) يولۇچى ترانسپورت سەپىرىدە ترانسپورت ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن ياكى يولۇچىلارنى باشقىلارىڭ توشۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلەر؛

(4)ئىجازەت بەرگەن ئورگانغا مەلۇم قىلماي، يولۇچى ترانسپورت تىجارىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختاتقانلار؛

(5) يۈكنىڭ چۈشۈپ قېلىش، چېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلار.

71-ماددا يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىلىرى، يۈك ترانسپورت تىجارەتچىلىرىدىن ترانسپورت ۋاسىتىسىنى ئاسراش ۋە تەكشۈرۈپ سىناشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەتلىك ترانسپورت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان يولۇچى ترانسپورت تىجارەتچىسى ۋە يۈك ترانسپورت تىجارەتچىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

72-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھسىز تىجارەت قىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بېكەتكە كىرىپ تىجارەت قىلىشىغا يول قويغان شۇنداقلا يۈكى نورمىدىن ئېشىپكەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قاتناش ۋاسىتىسىنى بېكەتتىن چىقارغان ياكى يول ترانسپورت ۋاسىتىسىنىڭ بېكەتكە كىرىپ تىجارەت قىلىشىنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغان يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان)تىجارەتچىسىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يول ترانسپورت بېكەت (مەيدان)نىڭ ئىشلىتىدىغان ئورنى ۋە مۇلازىمەت رولىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن ياكى ترانسپورت لىنىيىسىنى، يولغا چىقىدىغان، توختاپ ئۆتىدىغان، يېتىپ بارىدىغان بېكەتلىرىنى، ترانسپورت نۆۋەت قېتىمىنى، يولغا چىقىش ۋاقتى ۋە بېلەت باھاسىنى ئېلان قىلمىغان يول ترانسپورت بېكەت (مەيدانى) تىجارەتچىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

73-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساختا، يالغان، ناچار زاپچاسلارنى ئىشلىتىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسرىغان، رېمونت قىلغان شۇنىڭدەك براكقا چىقىرىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلغان ياكى ماتولرۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوق ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ساختا، يالغان، ناچار زاپچاسلىرى ھەمدە براكقا چىقىرىلغان قاتناش ۋاسىتىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەت بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

74-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش جەھەتتە ساختا لاياقەتنامە بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 3000 يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەت بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

75-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىدىن تەربىيىلەشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى تەربىيىلىگەنلىك گۇۋاھنامىسى بېرىشتە ساختىپەزلىك قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەت بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

76-ماددا چەت ئەللىك خەلقئارا يول ترانسپورت تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە توشۇمىغان، جۇڭگۇ تەۋەسىدىكى يول ترانسپورتىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان ياكى دۆلەت تەۋەلىكى بەلگىسى قويمىغانلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى ترانسپورتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 60 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

77-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشتە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن شەرت، تەرتىپ ۋە مۆھلەتكە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) يول ترانسپورت تىجارىتىگە ۋە يول ترانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەرگە ئارىلاشقان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئارىلاشقانلار؛

(3) قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتنى سەزگەن ھامان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(4) نورمال يۈرۈۋاتقان يول ترانسپورت ۋاسىتىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توسقان، تەكشۈرگەنلەر؛

(5) ترانسپورت ۋاسىتىسى ۋە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىجارەتلىك ترانسپورت گۇۋاھنامىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قالغانلار؛

(6)  باشقىلاردىن پۇل-مال سورىغان، ئالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛

(7) قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

78-ماددا ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئوتتۇرىسىدىكى يول ترانسپورتىدا، مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

79-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە جۇڭگو چەت ئەل شېرىكچىلىكى، جۇڭگو چەت ئەل ھەمكارلىقى ۋە شېرىكسىز مەبلەغ سېلىش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، يول ترانسپورت تىجارىتى ۋە يول ترانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە  مەبلەغ سالسا بولىدۇ.

80-ماددا تىجارەتسىز خەتەرلىك يۈك ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىغانلار مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

81-ماددا يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ نىزام بويىچە تىجارەت ئىجازىتى گۇۋاھنامىسى بېرىش ۋە قاتناش ۋاسىتىسى تىجارەتلىك ترانسپورت گۇۋاھنامىسى بېرىشتە تەننەرخ ھەققى ئالسا بولىدۇ. تەننەرخ ھەققى ئېلىش كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى ۋە باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك قاتناش مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىللە بېكىتىدۇ.

82-ماددا تاكسى ترانسپورتى ۋە شەھەر ئاممىۋى قاتناش ترانسپورتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

83-ماددا بۇ نىزام 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/89788.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#