ياۋا بۆلجۈرگەن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ ياۋا بۆلجۈرگىنى ئورمان بۆلجۈرگىنى ۋە يېشىل بۆلجۈرگەن دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .
ئىستېمال قىممىتى
يوپۇرمىقىنى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر چاي دەملەپ بىللە ئىچسە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، مېۋىسىنى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، بۆلجۈرگەننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ، كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەركىبى مول، ياۋا بۆلجۈرگەن تەركىبىدە يەنە مول بولغان ۋىتامىن B 1 ،B 2 ، كالتسىي ، كالىي ، سىنىك قاتارلىق ئادەم بەدىنى زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان مىنېرال ماددىلار بار .
ياۋا بۆلجۈرگەن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاشقازان ياللۇغى پەسەيتىش ، جىگەر ياللۇغى ، چىش تېشى ياكى چىش سېرىق دېغىنى يوقىتىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
مېدىتسىنادا بۆلجۈرگەننىڭ ئىنتايىن زور دورىلىق قىممىتى بولۇپ ، ئۇنىڭ تەمى تاتلىق ، تەبىئىتى سوغۇق ، يۆتەلنى توختىتىش ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھۆللۈك پەيدا قىلىش ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى ئوزۇقلاندۇرغۇچى قان تولۇقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە . مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ياۋا بۆلجۈرگەن تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ناھايىتى چوڭ رولى بار .
سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ، جىگەر ، ئاشقازان، بۆرەك فۇنكىسىيەسىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى تەڭشەش ، ئىچ سۈرۈش ،دوۋساق يەللىكى ، رېماتىزم ، قان ئازلىق كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىلىن، شەنشى ، گەنسۇ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ، سىچۈەن ، يۈننەن ، گۇيجۇ ، جېجىياڭ ، گۇاڭشى ، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ رايۇنلىرىغىمۇ كەڭ تارقالغان ، ياۋرۇپا ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ بار . فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىدا، شىنجاڭنىڭ ئاساسەن تەڭرىتاغلىرى ، ئالتاي تاغلىرىنىڭ يان باغرىدا ، يايلاقلار ، دەريا بويلىرى ۋە ئورمانلاردىكى ئوت -چۆپلەر ئارىسىدا ئۆسىدۇ .[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.