سودا-تىجارەت

سودا

سودا-تىجارەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتى بويىچە بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ساھە. تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋار ئىگلىكىنىڭ تەرەققىياتى فېئودال ناتۇرال ئىگىلىكى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىدا باشلانغان، ئەجدادلىرىمىز تارقالغان جايى ناھايىتى كەڭ، جۇغراپىيە شارائىتى ھەر خىل بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەكشى بولمىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سودا-تىجارەت
خەنزۇچە ئىسمى 商业经营

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوداسودا-تىجارەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتى بويىچە بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ساھە. تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋار ئىگلىكىنىڭ تەرەققىياتى فېئودال ناتۇرال ئىگىلىكى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىدا باشلانغان، ئەجدادلىرىمىز تارقالغان جايى ناھايىتى كەڭ، جۇغراپىيە شارائىتى ھەر خىل بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەكشى بولمىغان. موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا ياشىغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق خېلى ئۇزۇنغىچە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. تىيانشان ئەتراپلىرىدا ياشىغانلاردا سوغدى قاتارلىق قوۋملارنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، چارۋىچىلىقتىن دېھىقانچىلىققا ئۆتۈش جەريانى ۋە قول سانائەت، سودا ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بالدۇر ۋە تېز بولدى. شىمالدا ياشىغانلاردا ئۇزۇنغىچە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ تەرەققىيات قوشنا رايونلار بىلەن بولغان ھەر جەھەتتىكى ئالاقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە يېڭى بىر تارماق-سودا ئىگىلىكى ۋە مەخسۇس سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر توپ ئىجتىمائىي گۇرۇھ شەكىللەندى. بۇ تەرەققىيات خانلىق ھۆكۈمران گورۇھىدىكىلەر بىلەن يېڭىدىن شەكىللەنگەن. سودا-تىجارەتچىلەر تەبىقىسىنىڭ بايلىققا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار شۇ دەۋرگىچە چارۋا-مالنى بايلىق ھېسابلاپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت، تاۋار-دۇردۇن قاتارلىقلارنى مۇھىم بايلىق ھېسابلايدىغان بولدى. بۇ يۈزلىنىش تەدرىجىي ئاۋام خەلققىمۇ تەسر كۆرسىتىپ كىشىلەردە تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى. مەيدانغا كەلگەن بۇ بىر قاتار يېڭى ئامىللار پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنىڭ كۆلىمىنى، سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. مەملىكىتىمىز تارىخىدا تاڭ دەۋرىدىكى بىر ئەسىردەك داۋاملاشقان مەشھۇر «ئات-يىپەك سودىسى» ، «ئات-چاي سودىسى» ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىزىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك سودا پائالىيىتىدىن ئۆز دەۋرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىدە زور يۈكسىلىش بولغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. 

تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ھەر يىلى بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك ئات سودىسى بولۇپ تۇرغان. 773-يىلى بىر قېتىمدىلا 100 مىڭ ئات سودىسى بولۇپ بولغان. بىر ئات بەدىلىگە 40 توپ شايە تۆلىنەتتى. شۇ دەرىدە تاڭ سۇلالىسى بىر مىليون 800 مىڭ توپ شايىگە قەرزدار بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار شايى، تاۋار-دۇردۇننى ئۆز ئېھتىياجىغا ئىشلەتكەندىن تاشقىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا ئاپىرىپ ساتاتتى، ئۇ جايلاردىن تاڭ سۇلالىسىگە ئېھتىياجلىق يۇڭ-تېرە، دورا-دەرمەك ماتېرىياللىرى ۋە قاشتېشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ساتاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى سودا پائالىيىتى خەنزۇچە مەنبەلەردە ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق خاتىرىلەنگەن «ئۇيغۇر سودىگەرلىرى دائىم ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتناپ تۇراتتى. جۇڭگو بىلەن غەربىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى شۇلار ئارقىلىق بولاتتى. چاڭ جىياڭ، جۇجاڭ ۋادىلىرىدا ئۇلارنىڭ ئايىغى يەتمىگەن جاي قالمىغان» «ھارۋىلىرى ئالتۇن ۋە يېپەك ماللارغا تولۇپ كېتەتتى. يوللاردا ئۇلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى» شۇ دەۋرىدە پەقەت چاڭئەن(ھازىرقى شىئەن) دە دائىم تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ سانى بىر نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەن. مىلادى 634-يىلى ياغلاقار ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارى ئۆز ئالدىغا بىر قېتىمدىلا 70 مىڭ توپ يىپەك مال سودىسى قىلغان. 

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساراي ئاچقان، كارۋانچىلىق قىلغان بەزىلىرى مەخسۇس يەر-زېمىن سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان مۇشۇ تارىخيى خاتىرىلەرلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، راۋانلىشىشىدا باشتىن-ئاخىر مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

سودائۇيغۇرچە مەنبە، ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردە يەنى قارا خانىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق، قول سانائەت مەھسۇلاتلىرى سودىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك پۇل ۋاسىتىسى ئارقىلىق بولۇشتىن تاشقىرى مەخسۇس ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت قاتارلىق ئېرىق مال سودىسىمۇ راۋاجلانغان. ئۆز دەۋرىدە سودا-سېتىق، ئىلىم-بېرىمدە ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان «قامدۇ» ناملىق لاتا پۇل، ئىچكرىسىدە قۇيۇلغان «باقىر» دېگەن مىس پۇل ئىشلىتىلدىغان بولغان. «تاۋار» دېگەن ئاتالغۇ مۇشۇ مەيدانغا كەلگەن. بۇلاردىن مەلۇم بولدىكى، ئۇيغۇر جەمئيىتىدە تاۋار ئىگىلىكى شۇ دەۋرلەردىلا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە پۇل مۇئامىلە، سودا-تىجارەت تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى بويىچە تۇراقلىق بازار سودىسى ۋە سانائەت مەركەزلىرى شەكىللەنگەن. شام، باغدات، كونستانتىپول(ھازىرقى ئىستانبۇل) بەدەخشان، كەشمىر، لاداق، بومباي، پەرغانە، سەمەرقەنت، دۇڭخۋاڭ، گەنجۇ، لەنجۇ قاتارلىق جايلار ئارىلىقىدا ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئۈزۈلمەي قاتنايدىغان بولغان.

سودا-تىجارەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەخسۇس پۇل مۇئامىلە كەسپى، ۋاكالەت سودا كەسپى، مەخسۇس سودا سارايلىرى، يېزا سودا بازىرى، ھەر قايسى كەسپلەر بويىچە دۆكا سودىگەرلەر تەبىقىسى شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدى. يەكەن، قەشقەر، كۇچا قاتارلىق سودا مەركەزلىرىدە مەيدانغا كەلگەن گەزمال سارىيى، گىلەم سارىيى، تىللا سارىيى قاتارلىق كەسپىي سارايلار ۋە ئاياغ بازىرى، ئاشلىق بازىرى، پاختا بازىرى، مال بازىرى، ياغ بازىرى، دوپپا بازىرى. . . قاتارلىق ھەر خىل كەسپىي بازالار(قەشقەردە شۇنداق بازالارنىڭ تۈرى 30-40 تىن ئاشاتتى) ۋە كەڭ يېزىلاردىكى ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى يېزىلار بويىچە قاتارى بولىدىغان بازار سودىسىمۇ تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭ بىلەن شۇنداق بازار بولىدىغان يېزىلارنىڭ نامى شۇ يەردە بازار بولىدىغان كۈننىڭ نامىدا ئاتىلىدىغان بولغان، مەسىلەن، يەكشەنبە بازار، دۈشەنبە بازار. . . دېھقانلار بازار كۈنى چوڭى ئاشلىق، مال-جاندار، كىچىكى تارشا گۈگۈت، بىر-ئىككى كاللەك يېلىم قاتارلىق نەرسىلەرگىچە ئېلىپ كېلىپ سېتىشنى بىر خىل كۆڭۈللۈك ئىش دەپ ئادەتلەنگەن. شۇنداق بازار كۈنى «توخۇ سۈتىدىن باشقا نەرسە» تاپقىلى بولىدۇ. بۇ كۈن كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي پائالىيەت كۈنى، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ ۋە ياش يىگىت-قىزلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنداق چوڭراق بازار بولىدىغان جايلارغا شەھەردىن سودىگەرلەرمۇ چىقىپ سودا قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇنداق قاتارى يېزا بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، 50-يىللارغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنىدى. بىر مەزگىل مەۋجۇتلۇقتىن قېلىپ ھازىر يەنە ئەسلىگە كەلمەكتە. جەنۇبىي شىنجاڭدىن تېپىلغان ⅩⅢ- ئەسىرگە ئائىت «ھۈججەت-ۋەسىقە» لەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆز دەۋرىدە يەر-زېمىن، يەر-سۇ(تىللا) بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان بولغان. ⅩⅦ- ئەسىردە شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە ئۆتكەن پورتوگالىيىلىك مىسىئوىز(دىن تارقاتقۇچى) ئوبىن يەكەننى سودا-تىجارەتچىلەرنىڭ ۋە ھەرخىل تاۋارنىڭ كۆپلۈكى، ئەلۋەكچىلىكىگە قاراپ مەشھۇر سودا-سارايلىرىغا ئوخشاتقان. چۈن يۈۋەن «غەربىي دىياردا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم» دېگەن ئەسىرىدە، يەكەن بازىرىنىڭ ئون نەچچە چاقىرىم كېلىدىغانلىقىنى، بازار كۈنلىرى شەھەرنىڭ مالغا تولۇق كېتىدىغانلىقىنى؛ ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت سودىسىمۇ قىزىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەقەت مۇشۇ پاكىتلار ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ سەۋىيىسى بويىچە يۈكسەك تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جەمئىيىتدە كاپىتالىزىم ئامىللىرىنىڭ بىخ ئۇرۇشىغا شەرت ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 30-يىللاردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە قەشقەردىكى تاشباي، شىمالىي شىنجاڭ بويىچە ئىلىدىكى مۇسابايوپلار، شەرقىي شىنجاڭ بويىچە تۇرپاندىكى مۇسۇلبايلارنى شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيسىنىڭ ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#