دوغداق

دوغداق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچالايدىغان قۇش بولۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۆلەت تەرپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى دوغداق
ئىنگلىزچە نامى Bustard، Great Bustard
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تۇرنىسىمانلار تۈركۈمى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى دوغداق ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دوغداقچوڭ دوغداق چوڭ تىپتىكى قۇش بولۇپ، تەن ئېغىرلىقى 10 ـ 18 كىلوگىرام، تەن ئىگىزلىكى 1مېتىر 50، ئۇزۇنلۇقى 105 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 ـ 6 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، پەنجىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. دوغداقنىڭ باشقا قۇشلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، ئۇنىڭ بارمىقى ئۈچ تال، تىرناقلىرى ياپلاق بولۇپ، ئادەم تىرنىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دوغداقنىڭ ئەركىكى ئادەتتە چىشىسىدىن چوڭ بولىدۇ. ئەركىكىنىڭ باش، بويۇن، تۆش قىسىملىرى قېنىق كۈل رەڭ، بوغۇز قىسىمى ئاقۇچ بولىدۇ. تۇمشۇق ئاستىنىڭ ئاخىرقى قىسىمى، يەنى بوغۇزغا يېقىن قىسىمدا ھەربىر تەرەپكە ئۆسۈپ چىققان 8 تالدىن ئارتۇق ئۇزۇن قىل پەيلىرى بولۇپ، خۇددى غەلىتە ساقالغا ئوخشايدۇ. دۈمبىسى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قارا داغلىرى بولغاچقا ئۇ دوغداقنى چىپار كۆرسىتىدۇ، قۇيرۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەيلىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قارا بالداق پەيلىرى روشەن بولىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئەڭ چەتتىكى پەيلىرى ئاقۇچ بولۇپ، قارا بالداقلىرى ئۇچى تەرەپتە بولىدۇ. قانىتىنىڭ كىچىك، ئوتتۇراھال ياپقۇچ پەيلىرى كۈل رەڭ، ئۇچى تەرىپى ئاقۇچ بولىدۇ. چوڭ ياپقۇچ پەيلىرى ۋە ئۈچلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى ئاق بولىدۇ. بىرلەمچى ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى قوڭۇر رەڭدە، پەي ئاساسى ئاق بولىدۇ. تېنىنىڭ ئاستىنىڭ تۆش كەينى قىسىمى ئاق، قالغان يەرلىرى كۈل رەڭ بولىدۇ. دوغداقنىڭ پۇتلىرى تۇرنىلارنىڭكىدىن توم بولىدۇ. ئەركىكى كۈيلىگەندە رەڭ تۈزەپ، پەيلىرىنى پاخپايتىپ بىر مېتىردىن ئىگىز گەۋدىسىنى يەنىمۇ زورايتىپ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىدۇ. چىشىلىرىنىڭ غەلىتە ساقىلى بولمايدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى قېنىق قوڭۇر، تۇمشۇقى كۈل رەڭ بولىدۇ. پۇت ۋە بارماقلىرى كۈل رەڭ بولۇپ، تىرناقلىرى قارا بولىدۇ.

دوغداقچوڭ دوغداق يايلاق ۋە شالاڭ تارقالغان چاتقاللىق چۆل ئوتلاقلىرىدا ياشايدۇ. ئۇ يورغىلاشقا ماھىر بولۇپ، ناھايىتى تېز يورغىلايدۇ. ئادەتتە ئۇچۇشتىن بۇرۇن بىر ئاز تېز يۈگۈرۈپ ئاندىن كېيىن ئۇچىدۇ. ئۇچۇشى ئېگىز ئەمەس. ئادەتتە 200 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. نىسبەتەن ئاستا ئۇچىدۇ. چوڭ دوغداق سايرىمايدۇ، ھەتتا كۆپىيىش مەزگىلىدىمۇ سايرىمايدۇ. ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدە بىر جۈپ بولۇپ ياشايدۇ، باشقا چاغلاردا ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن ئوخشاش ياشلىقلار بىر توپ بولۇشۇپ ياشايدۇ. توپ سانى ئوخشاش بولمايدۇ. چوڭ دوغداق مۇلايىم بولۇپ، سەزگۈرلۈكى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئادەم ئۇنىڭغا 40 ـ 50 مېتىر يېقىنلاشىمۇ ئانچە سەزمەيدۇ، 30 مېتىرچە يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپىنى كۆزىتىپ، ئاندىن تېز يورغىلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ يۈگۈرۈشى تۆگە قۇشقا ئوخشايدىغان بولغاچقا ۋە ئاپتونۇم رايونىمىز چۆللۈكلىرىدىكى ئەڭ چوڭ قۇش بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى شىنجاڭدىكى تۆگىقۇش دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ چۇشى قاقىرلارغا ئوخشاش بولۇپ، بوينى ئالدىغا، ئىككى پۇتى ئارقىغا سوزۇلغان ھالەتتە ئۇچىدۇ. دوغداق ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا كىچىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. دوغداق بالىلىرى ئاساسلىقى ھاشاراتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

دوغداقدوغداق 4 ـ ئاينىڭ ئاخىرى كۆپىيىش ئۈچۈن جۈپلىشىدۇ. بۇ چاغدا ئەركەك دوغداق تپو تالىشىپ ناھايىتى قاتتىق سوقۇشىدۇ، يېڭىپ چىققانلىرى چىشىلىرى بىلەن چېتىشىدۇ. 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرى ئەركەك ھەم چىشى دوغداقلار ئوخشاش جىنسلىق توپلارنى ھاسىل قىلىدۇ. دوغداقنىڭ ئۇۋا سېلىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، يەرنى ئازراق كولاپ ئۇنىڭغا قۇرۇق ئوت ـ چۆپ يېيىتىدۇ. ئۇ ھەر قېتىمدا 2 ـ 4 كىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمنىڭ رەڭگى كۈل رەڭ بولۇپ، يۈزىدە چوڭ-  چوڭ قوڭۇر داغلار بولىدۇ. ھەربىر تۇخۇمىنى تۇغۇش ئارىلىقى 2 ـ 3 كۈن بولىدۇ. ئۇۋىسىنىڭ دىئامېتىرى 20 ـ 30 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 3 ـ 8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر بىر تۇخۇمنىڭ ئېغىرلىقى 146 گىرام ئەتراپىدا، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 30 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇۋا سېلىش، بالىلىرىنى بېقىش تۇخۇم بېسىشقا ئەركەك قۇش قاتناشمايدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى چىشى قۇشنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە ھىسابلىنىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلىدە چىشى قۇش ناھايىتى سەگەك بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ رەڭگىمۇ شۇ ئەتراپنىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ. بالىلىرىنىڭ جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. چىشىلىرى 3 ـ 4 يىلدا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئەركەكلىرى 5 ـ 6 يىلدا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ.

دوغداقچوڭ دوغداق شىنجاڭنىڭ قەشقەر، شايار، تۇرپان ئويمانلىقى، تەڭرىتاغنىڭ تاغ قاپتال چۆللۈكلىرى، ئىلى ۋادىسى، چاپچال، نىلقا، موڭغۇلكۈرە، سايرام كۆلى، بورتالا، چۆچەك ئەتراپى، قاراماي، بۇرچىن، ئالتاي، كۆكتوقاي، چىڭگىل، بەيتىك تېغى، گۇچۇڭ، مورى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان. چوڭ دوغداق شىنجاڭ، جىلىن، لىياۋنىڭنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن ئىچكى موڭغۇلدا كۆپىيىدۇ، شەرقى ۋە شىمالى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردا قىشلايدۇ. چوڭ دوغداقنىڭ ئىككى كەنجى تۈرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكىسى كۆرسەتكۈچ كەنجى تۈر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈر چەت ئەللەردە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان. 

دوغداقچوڭ دوغداقنىڭ گۆشى ناھايىتى تەملىك بولۇپ، يېيىشكە بولىدۇ. قانات، قۇيرۇق پەيلىرىدىن پەي زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ. ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئۇ ھاشاراتلارنى ۋە يۇمران ئوت چۆپ، ئوت چۆپ ئۇرۇقلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان بولغاچقا، ئورمان ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيىلىك سىسىتېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#