لاسكۇي بازىرى

لاسكۇي بازىرى

لاسكۇي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى لاسكۇي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 40 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى چۆل-باياۋان تىپىدىكى ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拉斯奎镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن شەھىرى
نوپۇسى 17221 ئادەم
مەمۇرىي رايون ۋاكالەت نومۇرى 653201100

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاسكۇي بازىرىلاسكۇي بازىرى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 40 كۋادرات كىلومېتىر. نوپۇسى 17221 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 14249 ئادەم، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %98.5 نى ئىگەللىگەن.

لاسكۇي بازىرىنىڭ قاراشلىقىدا ئاۋات كەنتى، باش لاسكۇي كەنتى، ئاراغول كەنتى، دۆڭكوچا كەنتى، كۆللەك كەنتى، بوستانئالدى كەنتى، چىگە بۇلۇڭ كەنتى، ئاقتاش كەنتى، نەزەرباغ كەنتى، قوشكۆل كەنتى، 64 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

لاسكۇي بازىرىلاسكۇي بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال شەھەر سىرتىغا، قاراقاش دەرياسى ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسى كېسىشكەن جايدىكى يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 7 كىلومېتىر، 315-دۆلەت يولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي. پۈتۈن بازاردىكى يەر كۆلىمى 60 مىڭ مودىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق سۇلۇق يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (5000 مو)، قوغداش كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق، ئورمانچىلىق كۆلىمى 4775 مو، باغ-ئورمان كۆلىمى 1517.2 مو، سۇ مەھسۇلاتلىرى كۆلىمى 6390.9 مو، ھۆددىگە ئالغان يەر كۆلىمى 7.4 كۋادرات كىلومېتىر، ئورمان بەلۋېغىنىڭ كۆلىمى 1.2 كۋادرات كىلومېتىر. ئۈچ خىل يەر كۆلىمى 4.1 كۋادرات كىلومېتىر، باشقا تۈردىكى يەر كۆلىمى 1.4 كۋادرات كىلومېتىر. 13.7 كۋادرات كىلومېتىر تېرىلغۇ يەر ئىچىدە شال ئېتىزى 0.3 كۋادرات كىلومېتىر، سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمى 10.3 كۋادرات كىلومېتىر، بىنام يەر كۆلىمى 1.1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

لاسكۇي بازىرى تەۋەلىكىدە ئون مەمۇرىي كەنت، 64 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىسى 18456 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %98 كە يەتكەن، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %2 نى ئىگەللىگەن. لاسكۇي بازىرىدىكى كۆچمە ئاھالە نوپۇسى 220 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاقما نوپۇسى 81 ئادەم، خەنزۇ ۋە كۆچمە نوپۇسلار 139 ئادەم، بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 3، باشلانغۇچ مەكتەپ 11، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 326 گە، ئوقۇغۇچىسى 5000 كىشىدىن ئاشقان. بازاردىكى پارتىيە ياچېيكىسى 13، پارتىيە ئەزالىرى 418 نەپەر، ئىتتىپاق ياچېيكىسى 13، ئىتتىپاق ئەزاسى 757 نەپەر. 49 مەسچىت بار بولۇپ، 6 نۇقتىلىق مەسچىت، دىنىي زات 58 نەپەرگە، نۇقتىلىق تالىپ 18 نەپەرگە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما %95 كە يەتكەن.

لاسكۇي بازىرى«ئىككى تېزلىتىش، بىر بۆسۈش»تىن ئىبارەت خىزمەت ئىدىيىسى بىلەن بازارنىڭ ئەمەلىيتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش، كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچەپ، كۆكتات پارنىكى شەكىللەندۈرۈپ، باغۋەنچىلىك، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق راۋاجلاندۇرۇلغان  تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

2008-يىلى بازار بويىچە ئومۇمىي كىرىم 6010.69 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 3139.8 يۈەن بولۇپ، 564 يۈەن كۆپەيگەن. يېزا ئىگىلىك كىرىمى 3025.39 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 8911 مو، 360.8 توننا گۆش، 775.6 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنغان، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 6000 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 421.85 توننا، كىرىم 362.9 مىڭ يۈەن بولغان، شال تېرىش كۆلىمى 4850 موغا يىتىپ، ئومۇمىي ھوسۇلى 254.9 توننا، كىرىمى 414 مىڭ يۈەن، 3000 مو كېۋەز تېرىغان، ھوسۇلى 85 توننىغا يىتىپ، كىرىمى 320.5 مىڭ يۈەن بولغان، كۆكتات پارنىكى 816 گە، كىرىمى 435.45 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئورمانچىلىق كىرىمى 215.33 مىڭ يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭاق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 23 مىڭ توننا، كىرىمى 46 مىڭ يۈەن، چىلان ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 67 توننا، كىرىمى 33.09 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

چارۋىچىلىق كىرىمى 1247.92 مىڭ يۈەن بولۇپ، بېلىقچىلىق كىرىمى 91.31 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، سانائەت كىرىمى 253.57 مىڭ يۈەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە گىلەمدىن قىلىنغان كىرىم 11.6 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بىناكارلىق كىرىمى 370.17 مىڭ يۈەن، ترانسپورت كىرىمى 295.57 مىڭ يۈەن، سودا، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ كىرىمى 418.12 مىڭ يۈەن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كىرىمى 87.93 مىڭ يۈەن، باشقا كىرىم 5.20 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

لاسكۇي بازىرى چۆل-باياۋان تىپىدىكى ئىقلىم رايونىغا تەۋە بولۇپ، ئاساسلىق كىلىمات ئالاھىدىلىكى تۆت پەسىل ئېنىق، ياز ئۇزۇن كۈز قىسقا، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، ئەمما پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، ئەتىياز، ياز پەسلىدە بوران، چاڭ-توزانلىق ھاۋا كۆپ، قىش پەسلىدە قار ئاز، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، غەربىي شىمال شامىلى ۋە غەربىي جەنۇب شامىلى كۆپ چىقىدۇ.

لاسكۇي بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال شەھەر سىرتىغا جايلاشقان، بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن شەھەر مەركىزىنىڭ ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر، 315-دۆلەت يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، خوتەن شەھىرىنىڭ 1-يول كوچا ئاپتوبوسى بازارنىڭ چوڭ بازارغا ئۇدۇل قاتنايدۇ، قاتنىشى قولاي. ھەرقايسى مەمۇرىي كەنتلەردە ئاساسەن ماشىنا قاتنايدۇ، ئاسفالىت يول بار، كەنت دەرىجىلىك يوللار بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، ھەر خىل ئاپتوموبىل ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بەش يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#