سېرىق ئاكاتسىيە

سېرىق ئاكاتسىيە  (يەنى سېرىق گۈللۈك ئاكاتسىيە) ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك سېرىق رەڭلىك باشسىمان گۈل رېتى بىلەن ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، دۆلەت گۈلى قىلىنغان. بۇ دۆلەتنىڭ كوچىلىرى، ھويلا-ئاراملىرى، مەيدانلار، قۇرۇلۇش-بىنالارنىڭ ئەتراپلىرىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا سېرىق ئاكاتسىيە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈپ يول ياقىسىدىكى دەرەخ ياكى كۆچەت چىتلاق (قاشا) قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن ئازادە ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سېرىق ئاكاتسىيە
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 金合欢
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل تۈركۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    سېرىق ئاكاتسىيە پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل كىچىك دەرەخ بولۇپ، ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە چېچەكلەيدۇ. ئاكاتسىيىنىڭ گۈلى ئەتىگەندە ئېچىلىپ كەچتە يۇمۇلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ گۈل-يوپۇرماق ساپاقلىرىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى بوغۇمى ئورنىدىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىققا بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن سەزگۈر بولىدىغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. سەھەردە قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ يەر يۈزىدىكى يورۇقلۇق ۋە تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ. گۈل-يوپۇرماق ساپاقلىرىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر تەدرىجىي سۇ سۈمۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەر كۆپۈپ گۈل-يوپۇرماقلارنى يېيىلدۇرۇپ ئېچىلدۇرىدۇ؛ كەچقۇرۇنلۇقى قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، گۈل-يوپۇرماق ساپاقلىرى تۈۋىدىكى ھۈجەيرىلەر تەدرىجىي سۇ چىقىرىپ سۇسىزلىنىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن گۈل-يوپۇرماقلار يۇمۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، سېرىق ئاكاتسىيە يەنە «كېچىدە يۇمۇلۇپ قالىدىغان گۈل» ، «يوپۇرمىقى يۇمۇلىدىغان گۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    سېرىق ئاكاتسىيە چېچەكلىگەندە، تۇتام-تۇتام سېرىق رەڭلىك ئۇزۇن گۈل يىپچىلىرى يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ سىرتىغا ئۇزىراپ چىقىپ، شېرىن ھەم يېپيېڭى خۇش پۇراقلىرىنى تارقىتىدۇ. نۇرغۇن گۈللىرى توپلىشىپ، ئالتۇندەك يالتىراق يىپەك-تىۋىت شارچىلاردەك مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى يىپەك دەرىخى دەپمۇ ئاتىشىدۇ. كۈز كۈنلىرى يېتىپ كەلگەندە، پەيسىمان يوپۇرماقلار ئاستىدا جاڭدۇغا ئوخشاش تىزىق-تىزىق چوكا مېۋىلەر ساڭگىلاپ، ئۆزگىچىلا بىر خىل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

سېرىق ئاكاتسىيە گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئاروماتىك مايلار بولۇپ، قىممەتلىك خۇش پۇراق ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ قاسىراقلىق (چوكا) مېۋىسى، دەرەخ قوۋزىقى ۋە يىلتىزلىرى تەركىبىدە تاننىن ماددىسى بار بولۇپ، بوياق ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ، دورىلىق قىممەتكىمۇ ئىگە؛ ئۇنىڭ غولىدىن ئېقىپ چىقىدىغان سمولا تەركىبىدە دەرەخ يېلىمى بار بولۇپ، ھۈنەر-سەنئەتچىلىكتە ئىشلىتىشكە ياكى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ياغىچى قاتتىق ھەم پۇختا بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ياغاچ ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. 

    سېرىق ئاكاتسىيىنىڭ ھەممىلا يېرى قىممەتلىك، مەملىكىتىمىزنىڭ فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۇەن، يۈننەن، جېجياڭ ھەم تەيۋەن ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممىسىدە سېرىق ئاكاتسىيە ئۆستۈرۈلىدۇ.

     1981-يىلى سېنتەبىردە سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك خەلقئارا بوتانىكا قۇرۇلتىيىدا، پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان سېرىق ئاكاتسىيە يۇمران نوتىسىنىڭ سۈرىتى تاللىنىپ يىغىن بەلگىسى قىلىنغان، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ نام تاختىسى، ماقالە كونسىپىكى ۋە قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپ جەدۋىلى قاتارلىقلارنىڭ مۇقاۋىلىرىنىڭ ھەممىسىگە سېرىق ئاكاتسىيە سۈرىتى بېسىلغان، ھەتتا ئايرودرومدىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ سېرىق ئاكاتسىيە رەڭگىدىكى تالىستوپكىلارنى كىيىشكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#