نەرگىس دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. نەرگىس (خام دورا )
  2. نەرگىس ()
خام دورا
نەرگىس

بۇ تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك نەرگىس گۈلى بولۇپ، گۈلى كۈللۈكسىمان گۈل تىزمىسى شەكلىدە تىزىلغان، پۇراقلىق، رەڭگارەڭ، يىلتىزى پىيازغا ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى نەرگىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水仙根

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك نەرگىس گۈلى بولۇپ، گۈلى كۈللۈكسىمان گۈل تىزمىسى شەكلىدە تىزىلغان، پۇراقلىق، رەڭگارەڭ، يىلتىزى پىيازغا ئوخشايدۇ، تەمى تېتىقسىز، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «پىياز نەرگىس» ياكى «بەسەلى نەرگىس» نامىدا، گۈلى «نەرگىس گۈلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆل گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي ئىنتايىن ئاز مىقداردا بولىدۇ، گۈلىنىڭ تەركىبىدە رۇتىن (Rutin)، كارۇتىن (Carutin)، كىسترونىلول (Citronellol) قاتارلىقلار بار.

نەرگىس گۈلىنى ۋە تېنىدىن ئېلىنغان جەۋھىرىنى ھايۋاناتلارغا بېرىپ تەجىربە قىلىپ كۆرگەندە، ئۇلاردا نەپەسلىنىش تەرتىپسىزلىنىش، تۇمۇرى تىزلىشىش، ھارارىتى كۆتۈرلۈش، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغلىنىش، قۇساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى قېتىپ قېلىش كۆرىلىدۇ. ئادەملەرگە ئىشلەتسە سوغوق تەرلەيدۇ، قۇسىدۇ. ئاشقازان ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، ھۇشسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ دورا زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

قۇرۇت ئۆلتۈرۈش، ماددىلارنى تارقىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش، ھامىلە چۈشۈرۈش، سۈيدۈكنى، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.

ئۈچەي قۇرۇتلىرى، سوغۇقتىن بولغان زۇكام، ھەر خىل ئىششىقلار، باش ئاغرىقى، دوۋسۇن ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقلىرى، يىرىڭلىق جاراھەتلەر، قىيىن تۇغۇت، ئۆلۈك ھامىلە، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيىز راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. نەرگىس 3 گىرام، سانا 5 گىرام، تۇربۇت 1.5 گىرام ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ، زىماد قىلسا ھەرخىل ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.

2. نەرگىس گۈلىنى پۇرىسا باش ئاغرىقى ۋە زۇكامنى يۇقىتىدۇ.

3. نەرگىس يىلتىزىنى يۇمشاق ئىزىپ يەرلىك ئۇرۇنغا سەپسە يارىنى ساقايتىدۇ.

4. ئۈچ گىرام نەرگىسنىڭ يىلتىزىنى سىركە بىلەن قوشۇپ مەلھەم قىلىپ چاپسا، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈشنى ساقايتىدۇ، گۈلىنى ئىزىپ ھەسەل بىلەن چاپسا ھەر خىل ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.

5. نەرگىس گۈلىنى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى ۋە چوغلۇق گۈللىرىن بىلەن قوشۇپ ئىچسە، بالىياتقۇ ئاغرىقى، ھەيز قالايمىقانلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3 گىرام.

ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.

بىنەپشە، كاپۇر، نېلۇپەر.

بەرەنگە كابىلە.

شىنجاڭنىڭ باغلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرلىدۇ، ئۇندىن باشقا ھەت ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.

ھەببى دىيدان، ئىتتىرفىل قەمبىل.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#