خۇكاپى

خۇكاپى ئافرىقىنىڭ كونگو ۋە ئوگاندادىكى بىر قىسىم تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان ھايۋان، تۇرقى ئۆزگىچە بولغانلىقتىن تاكى 1901-يىلىغىچە كىشىلەر ئۇنى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دەپ قاراپ كەلگەن، ھەتتا ئۇنى ئافرىقىدىكى تاق مۈڭگۈزلۈك مەخلۇق دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى خۇكاپى
ئىنگلىزچە نامى okapi
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
ئائىلىسى زىراپە ئائىلىسى
بايقىغۇچى ھېنرى جونىستون
خەنزۇچە ئاتىلىشى 霍加皮
تارقالغان رايونلار ئافرىقىنىڭ كونگو ۋە ئوگاندادىكى بىر قىسىم تاغلارنىڭ ئىچكىرىسى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
لاتىنچە نامى Okapia johnstoni
بايقالغان ۋاقتى 1901-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇكاپى ئافرىقىنىڭ كونگو ۋە ئوگاندادىكى بىر قىسىم تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان ھايۋان، تۇرقى ئۆزگىچە بولغانلىقتىن تاكى 1901-يىلىغىچە كىشىلەر ئۇنى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دەپ قاراپ كەلگەن، ھەتتا ئۇنى ئافرىقىدىكى تاق مۈڭگۈزلۈك مەخلۇق دەپ ئاتالغان.

خۇكاپىنىڭ بوينى زىراپىنىڭكىگە ئوخشاش ئۇزۇن، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدە تاغىل ئاتنىڭكىگە ئوخشاش يوللۇق سىزىقلار بار، خۇكاپى بىلەن زىراپە يەنە بىر جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ تىلى ئۇزۇن، تىلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆزى ۋە قۇلىقىنى تازلىيالايدۇ.

خۇكاپى تۇغما قورقۇنچاق ھەم ئىنتايىن تارتىنچاق، ئۇ ئىنسانلار ئاياغ باسمايدىغان ئورمانلارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ ياشايدۇ، ھەر كۈنى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم لىنىيەنى بويلاپ بېرىپ-كېلىپ تۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ يېڭى مۇھىت ئىزدەپ بېقىش ئويىدا بولمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىدۇ.

خۇكاپىمۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.5~1.7 مېتىر، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى<2.1~2.5 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30~42 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 180~317 كىلوگرام، تەن رەڭگى كۆپ خىل، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارغا ئايرىم سۈتسىمان رەڭدە، كۆك، قارا قوڭۇر، قارا، نىل رەڭ، قارامتۇل قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ، تۆت پۇتى ئۇزۇن، تاغىل ئاتقا ئوخشاش ئاق يوللۇق، بېشىدا قىسقا مۈڭگۈزى بار، ھازىرغىچە ئىنسانلار ئەڭ كېيىن بايقىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋان.[2]

ئۇنى 1901-يىلى ئەنگلىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى ھېنرى جونىستون بايقىغان، لېكىن مىجەزى غەلىتە بولغانلىقتىن، بايقالغاندىن كېيىنكى 50 يىلدا خۇكاپىغا ئائىت تەتقىقات تولىمۇ ئاز بولغان، ھەتتا بىر مەھەل كىشىلەر تەرىپىدىن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دەپ قارالغان، 1959-يىلى ئاۋغۇستقا كەلگەندىلا تېخى مەۋجۇت جانلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.

بۇ خىل قىممەتلىك ھايۋاندىن كونگو دۆلەتلىك قوغداش رايونىدا تەخمىنەن 4000 تۇياقتىن 6000 تۇياققىچە بار، دۇنيا بويىچە سانى تەخمىنەن 30 مىڭ ئەتراپىدا، خۇكاپى كىشىلەر ھازىرغىچە ئەڭ كېچىكىپ بايقىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇق ھايۋىنى.

خۇكاپى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا باھاسىمۇ ئىنتايىن قىممەت، ئادەتتىكى ھايۋاناتلار باغچىسى ھەرگىزمۇ سېتىۋالالمايدۇ، ھەتتا ئىقتىسادىي كۈچى كۈچلۈك، كۆلىمى زور ھايۋاناتلار باغچىلىرىمۇ سېتىۋېلىشنى ئويلىسىمۇ سېتىۋالمىقى تەس، پۈتكۈل ئاسىيادە پەقەت ياپونىيەنىڭ توكيو ھايۋاناتلار باغچىسى بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان. شۇڭا كۆپ قىسىم دۆلەتلەر پەقەت خۇكاپى تېما قىلىنغان پوچتا ماركىسى، پۇل، خاتىرە پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق بۇ خىل سىرلىق ھايۋانغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#