لەنجۇ ۋەنزە تاش ئۆي خارابىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1983-يىلى، لەنجۇ ۋەنزىنىڭ غەربىگە 700 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايدا چوڭ شېغىل-كېسەكتىن ھاسىل بولغان تاش قۇرۇلمىلىق ئۆي خارابىسى بايقالغان بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «ئېبو» دەپ ئاتاشقان.
بۇ خارابە برونزا دەۋرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، شۇنداقلا تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلار پائالىيەتلىرنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە خارابە.
بۇ خارابىنىڭ كۆلىمى ئاز كەم 200 كۋادىرات مېتىر، قالدۇق تامنىڭ ئىگىزلىكى 2 مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، قېلىنلىقى 3 مېتىر، ئاستى يانتۇ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، ئالدى ئارقا ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان، ئاساسىي بۆلىكى جەنۇب تەرەپتە بولۇپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 كۋادىرات مىتىر، ئاستى قىسمىدا تۆشۈك ئۆڭكۈر بار، ئۆڭكۈر ئىچىدە قېپقالغان ياغاچ قالدۇقى بار، شىمالى تەرەپتە قوشۇمچە ئۆيى بار، جەنۇب شىمالىغا قاتار قىلىپ سېلىنغان، بىر-بىرى بىلەن تۇتاشقان، قوشۇمچە ئۆينىڭ ئىشىكى شەرققە قاراپ ئېچىلغان، قۇرۇلۇش ماتېرىيالىغا تاغ ئالدىدىكى غايەت زور شېغىل تاشلارنى ئىشلەتكەن، تاش ئۆي ئىچكى تەرەپ دىۋارى تەكشى.
بۇ خارابىدە ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئادەملار تۇرغان، كېيىن ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان، يەر ئاستىدىن چوڭ چەمبەر مىس پۇتلۇق، ھالقىلىق پىچاق، قىزىل قورساق بىر جۈپ قۇلاقلىق ساپال كومزەك، ساپال ئېكەك ۋە ئات، قوي، بۇغا سۆڭەكلىرى ۋە كوكسلانغان بۇغداي دانچىلىرى قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان.
2002-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىيەنشىن باشچىلىقىدا يەنە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان، بۇ جەرياندا بۇ خارابىلىكتىن 11 يۈرۈش 100 گە يېقىن ئىمارەت خارابىسى، قەدىمكى قەبرىلەردىن 200 نەچچىسى، قىيا تاش رەسىملىرىدىن 1000 پارچىگە يېقىنى بايقالغان.[1]
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 17 تال مۇكەممەل باش سۆڭەك قېزىۋېلىنغان باش سۆڭەك باھالاش ئارقىلىق روشەن ھالدا موڭغۇل ئىرقى ئالاھىدىلىكى، بۇنىڭدىن 75 ± 3285 يىل بۇرۇنقى، تەخمىنەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە تەۋەلىكى ئىسپاتلانغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.