گىپنوز تېخنىكىسى

گىپنوز
گىپنوز تېخنىكىسى بولسا تىل ئىشارىسى، مۈچىلەر ھەرىكىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئادەمنىڭ پىسىخىكىلىق ھەمدە فىزولوگىيىلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تېخىنىكىسىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى گىپنوز
چەتئەلچە نامى hypnotism
خەنزۇچە نامى 催眠术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گىپنوزگىپنوز تېخنىكىسى بولسا تىل ئىشارىسى، مۈچىلەر ھەرىكىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئادەمنىڭ پىسىخىكىلىق ھەمدە فىزولوگىيىلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تېخىنىكىسىدۇر.بەزىلەر گىپنوز بولسا ئادەمنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئاندىن باشقىلارنى كونتىرۇل قىلىش دەپ قارايدۇ، بۇ بىر خاتا ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ.

گىپنوزئۇزاق قەدىمكى زامانلاردائىنسانلاردا كىپنوزا ھادىسىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. قەدىمكى كىتابلارداخاتىرىلىنىشىچە قەدىمكى گىرىتسىيە ئىلاھىلىرى، رىم پەيغەمبەرلىرى، ھىندىستان بۇددادىننىنىڭ ديانالىرى، جۇڭگو ئەرۋاھلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىگىپنوزلاشتۇر.

مىلادىدىن 1500يىللار بۇرۇنقىۋاقىتلاردا، ھىندىستان، مىسىر قاتارلىق جايلاردا، بازىلەر داۋاملىق گىپنوزغائوخشاش ئۇسۇل بىلەن، دىننى دەستەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلاھىي كارامىتىنى كۆرسەتكەن.مىلادىي 1600-يىلىدا، ئېرلاندىيەدە بارېنتىس (巴伦)   ئىسىملىك بىر تالىپ، ھەر قېتىمبىمارلارنىڭ ئاغرىغان جايىنى سىلىغاندا، بىمارنىڭ ئاغرىغى دەرھال توختىغان. گېرمانىيەدە فرانز ئانتون مەسمەر (Franz Anton Mesmer،1734-1815) ئىسىملىك دوختۇرئاسترولوگىيە (يۇلتۇزلارنىڭ جايلىشىشىغا قاراپ كەلگۈسىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىدىغانپالچىلىق)نى ياخشى تەتقىق قىلغان بولۇپ، «ھايۋاناتلار ماگىنىت ئىندۇكسىيە تەلىماتى»نى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى گىپنوزلىغۇچىنىڭ تېنىدىكى ماگىنىت ئېقىمى، گىپنوزلانغۇچىنىڭ تېنىگە يېتىپ كېلىپ، گىپنوزلانغۇچىنىڭ بەدىنىدە ئىندۇكسىيە ھادىسىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ماگىنىت ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئاجايىپ نەتىجىسى تۈپەيلى ئىلاھ سۈپىتىدە قارالغان ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ پىرى دەپ كۆرسىتىلگەن.مىلادىي 1878-يىلى فرانسىيە نېرۋا كېسەللىكىشۇناسى ھېرىس  (赫尔氏) نېرۋا كېسەللىكلىرى تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلىپ، نېۋا كېسەللىكلىرى بىلەن گىپنوزنى ئوخشاش دەپ قارىغان. 

مىلادىي 1883-يىلى فرانسىيە گىپنوزچىسى ئامبروس ئاۋگۇست لىبىلت (Ambroise Auguste Liebeault, 1823-1904) مەخسۇس گىپنوز ئارقىلىق داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ نەتىجىسى ئالاھىدە. شۇ يىلى فرانسىيەلىك ھىپپولىت برىنھىم (Hippolyte Bernheim) «ئىككىنچى ئۆزلۈك تەلىماتى'نى تەشەببۇس قىلغان كېيىنچە ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ روھىي گىپنوزچىلىق ئاپاراتلىرى قۇرۇلغان. غەرب ئەللىرىنىڭ گىپنوز تېخىنىكىسى ياپونىيەگىمۇ تارقىلىپ كىرىپ، تەتقىقات تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان. 1917-يىلى، ياپونىيەدە ئوقۇغان (鲍芳洲) ئەپەندى گىپنوزنى جۇڭگوغا ئېلىپ كىرىپ شاڭخەيدە روھىي تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، جۇڭگو روھىيەتشۇناسلىقىنىڭ پېشىۋاسى بولغان. كېيىن ھەر قايسى تەتقىقات ئورۇنلىرى ئاستا-ئاستا گۈللىنىشكە باشلىغان. 1994-يىلى روھىي تىلشۇناسلىق (NLP) تىكى مىلتون (MILTON) نۇسخىسى(گىپنوز)، كىشىلەرنىڭ گىپنوز قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ كۆتۈرگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#