ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە

ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە

 مۇنداق كېمىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 100 دېڭىز مىلىغا يېتىدۇ، ئەڭ تېز تورپىدا كېمىسىدىنمۇ بىر ھەسسە تېز. ئۇنىڭ پىرقىرىغۇچ، ئوق ۋە رول قاتارلىق ئايلىنىش قۇرۇلمىلىرى يوق، پەقەت ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدۇ. كىشىلەر ئۇنى ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە دەپ ئاتايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە
باشقا نامى ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ئېلېكتر ماگنىت كېمە
خەنزۇچە نامى 超导电磁船
چەتئەلچە نامى Superconducting solenoid

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمەئالىم فلېمىڭنىڭ ئېلېكتر-ماگنىتنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن كۆرسىتىشىچە، توك ئۆتۈۋاتقان كاتۇشكا ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانىغا قويۇلغان توك ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈزگۈچ ئۆزئارا تەسىر قىلىشقاندا، ئۆتكۈزگۈچ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىللە، ئۆتكۈزگۈچمۇ توك ئۆتۈۋاتقان كاتۇشكىغا ئەكس تەسىر قىلىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان.

 كېمىنىڭ ئوڭ-سول بىقىنلىرىغا ئېلېكتر قۇتۇپى ئورنىتىلغان، ئۇنىڭدىن دېڭىز سۈيىگە توك ئۆتىدۇ. كېمە قېپىنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت بولۇپ، ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، دېڭىز سۈيى ئېلېكتر ماگنىت كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئارقىغا ئىتتىرىلىدۇ-دە، كېمە ئالدىغا ماڭىدۇ. دېڭىز سۈيىدىكى توكنىڭ مىقدارى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگەرتىلسە، كېمىنىڭ سۈرئىتى ۋە يۆنىلىشىمۇ ئۆزگىرىدۇ. 

ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمىنىڭ ئىتتىرىش كۈچى ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچىنىشى بىلەن دېڭىز سۈيىدىكى توكنىڭ مىقدارى ۋە يۆنىلىشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، كېمە ئىنژېنېرلىرى مۇنداق كېمىگە ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت ئورنىتىپ، دېڭىز سۈيىدە كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا 10 مىڭ توننا ماي قاچىلانغان كېمە يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرەلەيدۇ.

ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە مۇنداق كېمىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 100 دېڭىز مىلىغا يېتىدۇ، ئەڭ تېز تورپىدا كېمىسىدىنمۇ بىر ھەسسە تېز. ئۇنىڭ پىرقىرىغۇچ، ئوق ۋە رول قاتارلىق ئايلىنىش قۇرۇلمىلىرى يوق، پەقەت ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدۇ. كىشىلەر ئۇنى ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە دەپ ئاتايدۇ.

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، رېمونت قىلماق ئاسان بولۇپ، ھەرقانداق ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدا ئەڭ زور ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، قارشىلىقىمۇ پىرقىرىغۇچلۇق كېمىلەردىن كۆپ ئاز بولىدۇ. 

ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمىدە ئېلېكتر دۋىگاتېلمۇ، پىرقىرىغۇچمۇ ئىشلەتمەي، يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، شاۋقۇنسىز يۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ مۇنداق كېمە سۇ ئاستى كېمىسى، سۇ ئاستى ماي پاراخوتى، ئوكيان تەكشۈرۈش كېمىسى ۋە مۇز يارار كېمە قىلىپ ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ. 

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە تەتقىقاتى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ياپونىيىدە باشلانغان. ھازىر 5000 توننېرلىق چوڭ كېمە ياسالغان بولسىمۇ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تېخى ھازىرغىچە ھەل بولمىدى. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#