بۇغا تاش
بۇغا تاش شىنجاڭ چېگرالىرى ئىچىدە، ئاساسلىقى چىڭگىل ناھىيەسى بىلەن كۆكتوقاي ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرى، جېمىنەي ناھىيەسى، ئىلى ئوبلاستى دىكى موڭغۇلكۈرە، بورتالا ئوبلاستى، ئارشاڭ، سانجى ئوبلاستى، جىمىسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئاز مىقداردا ساقلىنىپ قالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇغا تاش شەكلى چاسا تاش تۈۋرۈك شەكىللىك، پىچاق شەكىللىك ۋە تەرتىپسىز شەكىللىك دەپ ئايرىلىدۇ، بۇغا توغرىسىدىكى تاشقا نىسبەتەن، كىشىلەرنىڭ تونۇشى ئىنتايىن مۈجىمەل بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى تۇتېم تۈۋرۈكى، تۈۋرۈك ۋە ئەۋلىيا نەزىر-چىراغ ئەجدادى مومىغا باغلاپ قارىۋالغان، يەنە بەزىلەر ئۇنى دۇنيا تېغى، دۇنيا دەرىخى دەپ قارىغان. بۇغا تاشنىڭ شەكلى ئادەتتە تىك تۆت بۇلۇڭ ئابىدە شەكىللىك تاش بولۇپ، ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا بىر چەمبەر ئويۇلغان، ئاستىنقى قىسىمىغا چېكىتلىك سىزىق، بىر تۈز سىزىق ياكى سىزىق ئويۇپ قويۇلغان.
بۇغا تاش شىنجاڭ چېگرالىرى ئىچىدە، ئاساسلىقى چىڭگىل ناھىيەسى بىلەن كۆكتوقاي ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرى، جېمىنەي ناھىيەسى، ئىلى ئوبلاستى دىكى موڭغۇلكۈرە، بورتالا ئوبلاستى، ئارشاڭ، سانجى ئوبلاستى، جىمىسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئاز مىقداردا ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىقى ئۈچ خىل تىپى بار : بىرىنچى، ماشىنا-سايمانلىرى نەقىشلەنگەن بۇغا ئوبرازى؛ ئىككىنچى، رېئال تەسۋىر خاراكتېرلىك ستاتىك ھايۋانات ئوبرازى؛ ئۈچىنىچى، ئۈستۈنكى قىسمى پەقەت چەمبەر شەكىلىدە ئويۇلغان قورال-ياراغ نەقىشلەنگەن ئوبراز. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى خىلى تۇچ قوراللار دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە تەۋە بولۇپ، باشقا ئىككى خىلى بولسا تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە تەۋە دەپ قارالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.