خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى» 1992–يىلى 4–ئاينىڭ 3–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1992–يىلى 4–ئاينىڭ 3–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1992–يىلى 4–ئاينىڭ 3–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国全国人民代表大会和地方各级人民代表大会代表法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó quán guó rén mín dài biǎo dà huì hé dì fāng gè jí rén mín dài biǎo dà huì dài biǎo fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2015–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (38–نومۇرلۇق)

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2010–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى

1992-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2010-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن.

11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى»غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 3-ماددا قىلىندى: «ۋەكىللەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:

(1) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىش، تەكلىپ، دوكلات ۋە باشقا قارالمىلارنى قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش، پىكىر بېرىش؛

(2) قانۇن بويىچە بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، تەكلىپ، سۈرۈشتۈرمە، قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى قاتارلىق تەكلىپلەرنى بېرىش؛

(3) ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىش؛

(4) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىش؛

(5) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش؛

(6) ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشقا كېرەكلىك ئۇچۇرغا ۋە تۈرلۈك كاپالەتكە ئىگە بولۇش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار».

2. 3–، 4-ماددىلار 4-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملىشىش؛

(2) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ۋاقتىدا قاتنىشىش، تەكلىپ، دوكلات ۋە باشقا قارالمىلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىش، پىكىر بېرىش، يىغىن مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش؛

(3) بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش؛

(4) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دائىر ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛

(5) سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر–تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛

(6) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، پاك، تەلەپچان، ئادىل، دۇرۇس بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر».

3. 6-ماددا 5-ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇلۇپ 3-تارمىقى قىلىندى: «ۋەكىللەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋە خىزمەتتىن ئايرىلمايدۇ. ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىشتا، يىغىن يېپىق مەزگىلدە بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋەزىپە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشى، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئاۋۋال ئىجرا قىلىشى كېرەك».

4. 5-ماددا 6-ماددا ۋە 47-ماددا قىلىندى. 6-ماددا: «ۋەكىللەر سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ».

47-ماددا: «سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇن بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق. ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكرى بېرىشكە ياكى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازما بېرىشكە ھوقۇقلۇق».

5. 7-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ۋاقتىدا قاتنىشىشى كېرەك. ۋەكىللەردىن سالامەتلىكى يار بەرمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن، يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىرى بەلگىلىمە بويىچە رۇخسەت سورىشى كېرەك.

ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر– تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك».

6. 8-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا، گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىدۇ».

بىر تارماق قوشۇلۇپ 3-تارماق قىلىندى: «ۋەكىللەر يىغىن قارالمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر بېرىشى، ئىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك».

7. 9-ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ 2-تارمىقى قىلىندى: «ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە بەرگەن تەكلىپىنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىك ھەققىدىكى پىكرىنى قويغاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسىتى ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ».

8. 11-ماددىنىڭ 4-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى نامزاتىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋە ۋەكىللەر قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى خادىملار نامزاتى ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق».

9. 15-ماددىنىڭ 3-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسىنى، مۇئاۋىن رەئىسىنى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق».

10. 18-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەر ئېنىق، كونكرېت بولۇشى، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك».

11. 19-ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 3-تارمىقى قىلىندى: «يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتكە تەشكىللەيدۇ».

12. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 20-ماددا قىلىندى: «ۋەكىللەرنىڭ يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيىتىدە كوللېكتىپ پائالىيەت ئاساس قىلىنىدۇ، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتى ئاساسىي شەكىل قىلىنىدۇ. ۋەكىللەر سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇننىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن ئاڭلىسا ۋە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ».

13. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 23-ماددا قىلىندى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ».

14. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 24-ماددا قىلىندى: «ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلارغا تاپشۇرىدۇ. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋەكىللەرگە قايتما ئىنكاس قىلىش كېرەك».

15. 23-ماددا 26-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ».

16. 27-ماددا 29-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى ئېنىق، كونكرېت بېرىشى، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك».

17. 28-ماددا 30-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىنائەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر ۋە تەلىپىنى ئىنكاس قىلىدۇ».

18. 30-ماددا 32-ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇلۇپ، 3-تارمىقى قىلىندى: «خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار ئورگاننىڭ مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۇنغان رۇخسەت قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋەكىلنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلگەن-سۈرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى ياكى ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشتەك باشقا ئەھۋالنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە شۇ ئاساستا قارار چىقىرىشى كېرەك».

19. 33-ماددا 35-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەرنىڭ پائالىيەت خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈش، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك».

20. 34-ماددا 36-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك».

21. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 38-ماددا قىلىندى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇچۇر ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىپ، بىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك».

22. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 39-ماددا قىلىندى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋەكىللەرنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دائىر ئۆگىنىشكە پىلانلىق تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تولۇق، پىششىق بىلىشى، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كېرەكلىك قانۇن بىلىملىرى ۋە باشقا كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا دائىر ئۆگىنىشكە قاتناشسا بولىدۇ».

23. 36-ماددا 40-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا كوللېكتىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاپپارات بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ».

24. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 42-ماددا قىلىندى: «ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىشى ھەمدە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، بىر تەرەپ قىلىش تەسرەك بولغان تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرگە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش ھەمدە كېلەر قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا تارقىتىش كېرەك».

25. 25-ماددا 45-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەر كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا بولغان پىكرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشى، سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇننىڭ ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر پائالىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى، نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلاپ چىققان ۋەكىللەر ئۆزىنى سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلارغا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا دوكلات قىلىشى كېرەك».

26. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 46-ماددا قىلىندى: «ۋەكىللەر ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتى بىلەن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىن پايدىلىنىپ، كونكرېت قانۇن يۈرگۈزۈش دېلولىرى ياكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ پايدا ئېلىۋالسا بولمايدۇ».

27. 40-ماددا 48-ماددا قىلىنىپ، 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىدۇ:

(1) جىنايى ئىشلار دېلوسى تۈپەيلىدىن قامىلىپ تەھقىقلىنىۋاتقان، ئەيىبلىنىۋاتقان، سوت قىلىنىۋاتقانلار؛

(2) قانۇن بويىچە رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنماي، جازا ئۆتەۋاتقانلار».

28. 41-ماددا 49-ماددا قىلىنىپ، «ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغانلار» دېگەن بىر تارماقچە قوشۇلۇپ (7) تارماقچە قىلىندى:

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 5-بابنىڭ نامى: «ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش»دەپ ئۆزگەرتىلدى ھەمدە ماددىلارنىڭ تەرتىپى مۇناسىپ تەڭشەلدى.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنى»مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى تەشكىل قىلغۇچىلاردۇر، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنى تەشكىل قىلغۇچىلاردۇر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقلىرىغا بىنائەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

3-ماددا ۋەكىللەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:

(1) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىش، تەكلىپ، دوكلات ۋە باشقا قارالمىلارنى قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش، پىكىر بېرىش؛

(2) قانۇن بويىچە بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، تەكلىپ، سۈرۈشتۈرمە، قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى قاتارلىق تەكلىپلەرنى بېرىش؛

(3) ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىش؛

(4) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىش؛

(5) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش؛

(6) ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشقا كېرەكلىك ئۇچۇرغا ۋە تۈرلۈك كاپالەتكە ئىگە بولۇش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

4-ماددا ۋەكىللەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملىشىش؛

(2) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ۋاقتىدا قاتنىشىش، تەكلىپ، دوكلات ۋە باشقا قارالمىلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىش، پىكىر بېرىش، يىغىن مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش؛

(3) بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش؛

(4) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دائىر ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛

(5) سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر– تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛

(6) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، پاك، تەلەپچان، ئادىل، دۇرۇس بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

5-ماددا ۋەكىللەرنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدە خىزمەت قىلىشى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە پائالىيەت قىلىشى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىق بولىدۇ.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ۋەكىللەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋە خىزمەتتىن ئايرىلمايدۇ. ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىشتا، يىغىن يېپىق مەزگىلدە بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋەزىپە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشى، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئاۋۋال ئىجرا قىلىشى كېرەك.

6-ماددا ۋەكىللەر سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.

2-باب ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدىكى خىزمىتى

7-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ۋاقتىدا قاتنىشىشى كېرەك. ۋەكىللەردىن سالامەتلىكى يار بەرمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن، يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىرى بەلگىلىمە بويىچە رۇخسەت سورىشى كېرەك.

ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر– تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

8-ماددا ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا،گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىدۇ.

ۋەكىللەر كۆرسىتىلىش ياكى تەكلىپ قىلىنىش بىلەن، ھەيئەت رىياسەت يىغىنى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر بەرسە بولىدۇ.

ۋەكىللەر يىغىن قارالمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر بېرىشى، ئىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

9-ماددا ۋەكىللەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. تەكلىپتە تەكلىپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، ئاساسى ۋە لايىھە بولۇشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە بەرگەن تەكلىپىنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىك ھەققىدىكى پىكرىنى قويغاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ قۇرۇلتاي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى ۋەكىل ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، يىغىننىڭ بۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىشى ھەيئەت رىياسەتنىڭ ماقۇللىقى بىلەن دەرھال توختىتىلىدۇ.

10-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

11-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەيئەت رىياسەت كۆرسەتكەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغانلار نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ نامزاتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ نامزاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىغا كىرىدىغانلارنىڭ نامزاتى ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغانلارنىڭ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋە ۋەكىللەر قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى خادىملار نامزاتلىرى ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى نامزاتىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋە ۋەكىللەر قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى خادىملار نامزاتى ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە كىرىدىغانلارنىڭ نامزاتى ھەققىدە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ۋەكىللەر بېكىتىلگەن نامزاتلارغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ، باشقا كىشىنى سايلىسىمۇ بولىدۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

12-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغانلارنىڭ نامزاتىنى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى بېكىتىشكە قاتنىشىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىگە كىرىدىغانلارنىڭ نامزاتىنى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاشقا قاتنىشىدۇ.

13-ماددا ۋەكىللەر تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىققاندا، شۇ دەرىجىلىك ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى مەسئۇلىنى ياكى مەسئۇل خادىملىرىنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئەۋەتىشى كېرەك.

14-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدە، بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، گوۋۇيۈەنگە، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىغا، كومىتېتلىرىغا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما سۈرۈشتۈرمە قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى تارماقلارغا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە سۈرۈشتۈرمە قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە سۈرۈشتۈرمە قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

سۈرۈشتۈرمىگە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگان جاۋاب بېرىدۇ. سۈرۈشتۈرمە قويغان ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بېرىلگەن جاۋابتىن رازى بولمىسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاندىن قايتا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

15-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنى، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەرنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى، خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكىلەرنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسىنى، مۇئاۋىن رەئىسىنى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىگە قالدۇرۇۋېتىش سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش ھەققىدە قانۇن بويىچە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

17-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋاز بەرگەندە، قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

18-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەر ئېنىق، كونكرېت بولۇشى، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

3-باب ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيىتى

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتكە تەشكىللەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتكە تەشكىللەيدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتكە تەشكىللەيدۇ.

20-ماددا ۋەكىللەرنىڭ يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيىتىدە كوللېكتىپ پائالىيەت ئاساس قىلىنىدۇ، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتى ئاساسىي شەكىل قىلىنىدۇ. ۋەكىللەر سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇننىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن ئاڭلىسا ۋە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، تەشكىللەش ۋە پائالىيەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

ۋەكىللەر يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆزدىن كەچۈرگەندە، شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. شۇ ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مەسئۇل خادىم ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

ۋەكىللەر شۇ جايدا كىشىنىكىنى كۆرسىتىپ خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرسە بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋەكىللەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى شۇ جايدا كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ۋەكىللەر خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ئورۇنغا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بەرسە بولىدۇ، لېكىن مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلمايدۇ.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.

24-ماددا ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلارغا تاپشۇرىدۇ. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋەكىللەرگە قايتما ئىنكاس قىلىش كېرەك.

25-ماددا ۋەكىللەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى قەرەلسىز چاقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

27-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىغان ئورۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ ھەمدە سايلىغان ئورۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە قاتنىشىدۇ.

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى ئېنىق، كونكرېت بېرىشى، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

30-ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىنائەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر ۋە تەلىپىنى ئىنكاس قىلىدۇ.

4-باب ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ كاپالىتى

31-ماددا ۋەكىللەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىنمايدۇ. نەق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، تۇتۇپ تۇرۇشنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان دەرھال شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك.

خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ياكى دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار ئورگاننىڭ مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۇنغان رۇخسەت قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا ۋەكىلنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلگەن-سۈرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى ياكى ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشتەك باشقا ئەھۋالنىڭ بار– يوقلىقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە شۇ ئاساستا قارار چىقىرىشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قولغا ئېلىشقا، جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىشقا ياكى ئۇلارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

33-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ۋەكىللەر پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان بولسا، ۋەكىللەرنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ۋاقىت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

34-ماددا ۋەكىللەر مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ئىشلەيدىغان ئورنى ئۇلارغا نورمال ئىشقا چىققانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ مائاش ۋە باشقا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مۇقىم مائاش كىرىمى يوق ۋەكىللەر ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىدۇ.

35-ماددا ۋەكىللەرنىڭ پائالىيەت خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈش، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇچۇر ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىپ، بىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋەكىللەرنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دائىر ئۆگىنىشكە پىلانلىق تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تولۇق، پىششىق بىلىشى، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كېرەكلىك قانۇن بىلىملىرى ۋە باشقا كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلىشكە ياردەم بېرىشى كېرەك.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا دائىر ئۆگىنىشىگە قاتناشسا بولىدۇ.

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا كوللېكتىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاپپارات بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

41-ماددا ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋەكىللىك كىنىشكىسى ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ.

42-ماددا ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىشى ھەمدە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، بىر تەرەپ قىلىش تەسرەك بولغان تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرگە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىش كېرەك.

ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش ھەمدە كېلەر قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا تارقىتىش كېرەك.

43-ماددا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارغا تىل-يېزىق، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېگىشلىك ياردەم ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

44-ماددا بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەر ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى قوللىشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلارغا ئالاقىدار ئورۇنلار تەنقىد-تەربىيە بېرىشى، ھەتتا مەمۇرىي چارە كۆرۈشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئەھۋالغا قاراپ چارە كۆرىدۇ ياكى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى ئۇلارغا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› نىڭ 50-ماددىسىدىكى جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ۋەكىللەردىن ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرىدىن ئۆچ ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

5-باب ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش

45-ماددا ۋەكىللەر كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا بولغان پىكرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشى، سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغان ئورۇننىڭ ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر پائالىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى، نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلاپ چىققان ۋەكىللەر ئۆزىنى سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلارغا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

46-ماددا ۋەكىللەر ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتى بىلەن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىن پايدىلىنىپ، كونكرېت قانۇن يۈرگۈزۈش دېلولىرى ياكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ پايدا ئېلىۋالسا بولمايدۇ.

47-ماددا سايلىغۇچىلار ياكى سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇن بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق. ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكرى بېرىشكە ياكى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يازما بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

48-ماددا ۋەكىللەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىدۇ:

(1) جىنايى ئىشلار دېلوسى تۈپەيلىدىن قامىلىپ تەھقىقلىنىۋاتقان، ئەيىبلىنىۋاتقان، سوت قىلىنىۋاتقانلار؛

(2) قانۇن بويىچە رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنماي، جازا ئۆتەۋاتقانلار.

ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋاللار ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە تۈگىسە، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن، ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

49-ماددا ۋەكىللەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلىشىدۇ:

(1) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئۆز مەمۇرىي رايونىدىن كۆچۈپ ياكى يۆتكىلىپ كەتكەنلىرى؛

(2) ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنغانلار؛

(3) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا رۇخسەتسىز ئىككى قېتىم قاتناشمىغانلار؛

(4) قالدۇرۇۋېتىلگەنلەر؛

(5)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن قالغانلار؛

(6) قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار؛

(7) ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغانلار.

50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشقانلىرىنى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلان قىلىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشقانلىرىنى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېلان قىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

51-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

52-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/438568.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#