سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى

1954-يىلى سابىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ھۆججەت تارقىتىپ تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى 8-ئاي
تور بىكىتى http://5943728.1024sj.com/
خەنزۇچە نامى 昌吉回族自治州教育局
ئادرېسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستى سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت غەربىي يولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1954-يىلى سابىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ھۆججەت تارقىتىپ تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىي مائارىپ بۆلۈمى» (1954-1955) ، «سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مائارىپ بۆلۈمى» (1963-1971) ، «سانجى ئوبلاستلىق ئىنقىلابىي كومىتېت مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسى» (1971-1974) ، «سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ كومىتېتى مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسى» (1974-1979) ، «سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى» (1979-يىلدىن ھازىرغىچە) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئوبلاست، مەمۇرىي رايوننىڭ بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان. 1954-يىلدىن 1958-يىلغىچە ئۈرۈمچى، مېچۈەن، فۇكاڭ، جىمسار، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق توققۇز ناھىيىگە كۆپەيتىلگەن. 1975-يىلدىن 1978-يىلغىچە دېھانچىلىق 6-دىۋىزىيىسىدىكى ھەرقايسى پولىك مەيدانلىرى يېڭىدىن قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماناس ناھىيىسى شىخەنزە رايونىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. 1978-يىلدىن 1982-يىلغىچە ماناس ناھىيىسى سانجى ئوبلاستىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1962-يىلدىن ھازىرغىچە دېھقانچىلىق 6-دىۋىزىيىسى بۆلۈنىپ چىقىپ، ئۈچ شەھەر بەش ناھىيە قالغان. ئىدارە شتاتى 107 نەپەر، ئۇنىڭ ئىچىدە كومىتېت ئىشخانىسى، كادىرلار بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ئادەتتىكى مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ ئىشخانىسى، مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئىشخانىسى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تەمىنلەش پونكىتى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق 12 ئىشخانا، بۆلۈم تەسىس قىلىنغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#