توشقان دەرياسى
توشقان دەرياسى — قىرغىز خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى، قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي تىزمىسىدىن باشلىنىپ، غەربتىن شەرققە ئېقىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقچى ناھىيەسى نىڭ پۈتۈن دائىرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توشقان دەرياسى قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي تىزمىسىدىن باشلىنىپ، غەربتىن شەرققە ئېقىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقچى ناھىيەسى نىڭ پۈتۈن دائىرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.
ناھىيە زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قارا دۆۋە بىلەن قۇملاق دەرياسى بىلەن بىرلىشىپ ئاقسۇ دەرياسى نى ھاسىل قىلىدۇ، شەرققە قاراپ ئېقىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئارال شەھىرىدىن ئۆتۈپ تارىمغا قوشۇلىدۇ، جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى تارىم دەرياسى نىڭ مۇھىم تارماق ئېقىنى. ئۇزۇنتاش دەرياسى قاتارلىق 19 تارماق ئېقىن ئېقىپ كىرىدۇ، يىللىق ئېقىم مىقدارى 24.21 مىليون كۇب مېتىر. ئاقچى ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان توشقان دەرياسى ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى كۆكشال تېغى تيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي تاغ تىزمىسىغا تەۋە، ئەڭ ئېگىز يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5958 مېتىرغا يېتىدۇ. جەنۇبى قاراتىك تېغى، ئەڭ ئېگىز يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4981 مېتىر. غەربتىن شەرىققە قاراپ ئاقچى ناھىيە تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3200 ~ 1750 مېتىرغا يېتىدۇ، ئىككى تاغ ئارىسىدا بىر جىلغا بولغان يەر شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بويا ساياھەت تورى
http://www.bytravel.cn/Landscape/36/tuoshiganhegufengguang.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.