تال چوڭىيىش

تال

تال ياللۇغى ۋە باشقا سەۋەبلەر تەسىرىدىن تال خىزمىتى كۈچىيىپ، تالنىڭ نورمال ھالىتىدىن چوڭىيىپ، سول قوۋۇرغا ئاستىدىن نەپەسلىنىشكە ئەگىشىپ، يۆتكىلىدىغان مونەكچە قولغا بىلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسلىق ئالامىتى تال چوڭىيىش
خەنزۇچە نامى 脾增大
كېسەللىك ئورنى تال
كېسەللىك سەۋەبى تال كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈمى
ئۇيغۇرچە نامى تال چوڭىيىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. تال كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تال ياللۇغى، تالدىكى ئۆسمە، خالتىلىق ئىششىق، تال قاپلىق قۇرت كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تالنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ كۆپىيىپ تال چوڭىيىش كېلىپ چىقىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

جىگەر قېتىش، جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى، ئوڭ يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك زەئىپلىكى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تالغا قان قېيىپ تال بېسىمى يۇقىرىلاپ تالنىڭ نورمالسىز چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بەزگەك، كېزىك، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى، ئاق قان كېسىلى، جىگەر ياللۇغى، لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ تالنىڭ خىزمىتى زىيادە كۈچىيىپ، تال چوڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاساسلىق ئالامىتى تال چوڭىيىشىتن ئىبارەت. ئادەتتە تالنىڭ چوڭيىش دەرىجىسى ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە چوڭايغاندا تال سول تەرەپ قوۋۇرغا ئاستى قىرىدىن تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما ئۈچ سانتىمېتىر ئاشمايدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىدە چوڭايغاندا تالنىڭ چوڭىيىشى ئۈچ سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەمما كىندىك تەكشىلىكىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئېغىر دەرىجىدە چوڭايغاندا تال چوڭىيىپ كىندىك تەكشىلىكىدىن تۆۋەنگە چۈشىدۇ.

چوڭايغان تال نەپەسگە ئەگىشىپ يۇقىرى-تۆۋەنگە ھەرىكەت قىلىش، ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىككە ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تىپىك بولغان سول قوۋۇرغا ئاستىدىن نەپەسلىنىشكە ئەگىشىپ يۆتكىلىدىغان مونەكچە پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئاق قان كېسىلى، جىگەر قېتىش، جىگەر ياللۇغى، تال ياللۇغى، جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى، يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقىرى قان بېسىم، بەزگەك، كېزىك، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) B تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە تالنىڭ چوڭايغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

2) قان رايى: ئەگەر ئاق قان كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ. ئەگەر يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادلىرى كۆرۈلىدۇ. جىگەر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىگەر خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

1. تال كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تال كېسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا دۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىسا ياكى يۇقىرىقى داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق كەلمىسە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

توسالغۇلارنى ئىچىش، ئىششىق قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، كەرەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىسا ياكى يۇقىرىقى داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق كەلمىسە يەنى تال ئۆسمىسى، تال خالتىلىق ئىششىقى ۋە باشقا دورا ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

ھەزىمنى ياخشىلاش، جىگەر، تال خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئامىلە نۆشدارى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى دەبدۇل ۋەرىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى خوبسىل ھەدىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى ئاساناسىيا كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن، داۋائىلكۇركۇم كۈندە ئىككى  قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

2. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ۋە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، ئىسسىق پەسىلدە ۋە ئىسسىق تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچىشتىن، تالغا زەربە تېگىشتىن، ئاچچىقلىنىشىتن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، توغرا ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=836

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=836

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#