شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى

1966-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىككە قاراشلىق شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى بىلەن شىخەنزە تىببىي ئىنىستىتوتى بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى، بىڭتۈەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بىرلەشتۈرۈلۈپ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
فاكۇلتېتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، تېببىي ئىنستىتۇت، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى
مەكتەپ تىپى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر
خەنزۇچە نامى 石河子大学
داڭلىق مەكتەپداشلار خۇ جاۋجاڭ، شې چىڭ شېڭ، گاۋ شۇ يىڭ
ئادرېسى شىنجاڭ شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي 4 - يول 221 - نومۇر
مەكتەپ مۇدىرى شياڭ بېنچۈن
تەۋە رايون جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىخەنزە شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى1949 - يىل 9 -ئايدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - بىڭتۇەن سەھىيە مەكتىپى ( ئەسلىدە شىخەنزە تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاساسى ) گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرى قۇرۇلغان. 

1959-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى ( ئەسلىدىكى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاساسى ) شىخەنزىدە قۇرۇلدى. 

1959 - يىلى قىشتا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بوغالتىرلىق تەربىيىلەش ئەترىتى ( شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى ئاساسى ) ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى.

1960 -يىلى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ( ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىنستىتوتى، پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئاساسى ) شىخەنزىدە قۇرۇلدى.

1990 - يىلى، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئۈچۈن ماگىستىر ئۇنۋانى بېرىش ئورنى  ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسىدىن : يېزا ئىگىلىكىدە سۇ - تۇپراق قۇرۇلۇشى، زىرائەت ئۆستۈرۈش ئىلمى ۋە تېرىقچىلىق ئىلمى، ئۆسۈملۈك پاتولوگىيىسى، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كاتارلىقلا رتەسىس قىلىندى.

1966-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىككە قاراشلىق شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى بىلەن شىخەنزە تىببىي ئىنىستىتوتى بىڭتۈەن ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومى، بىڭتۈەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بىرلەشتۈرۈلۈپ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى.   

2000-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق قۇرغان ئالىي مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 

2001-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى « بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەم بېرىش ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى » ئىمزالىدى. 

2002-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، تۇنجى تۈركۈمدە 22 نەپەر ئوقۇغۇچى پاكىستاندىن كەلگەن. 

2003-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى بېرىش ئورنى تەسىس قىلىنغان، زىرائەت ئۆستۈرۈش ئىلمى ۋە تېرىقچىلىق ئىلمى، ھايۋانلارنى ئىرسىيەتلىك يېتىشتۈرۈش ۋە كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئۈچ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

2004-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئورتاق قۇرۇشنى قارار قىلدى. 

2004 - يىلى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىكى تۇنجى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى باھالاشتىكى ئالىي مەكتەپ. 

2005-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق پەن مائارىپ مىنىستىرلىكى‹‹ شىنجاڭغا پەنلەر قۇرۇلۇشى پىلانى ›› نى كىرگۈزۈپ، تيەنجىن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۇەن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەم بېرىشنى قۇبۇل قىلدى. 

2005-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى بىلەن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تايانچ قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، زاپاس ئوفىتسېرلار مەكتىپى يىتىشتۈردى. 

2008-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ « 211 قۇرۇلۇشى » دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئالىي مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

2011 - يىلىدىن - 2014 - يىلىغىچە مائارىپ مىنىستىرلىقى « قالتىس دوختۇر تەربىيەلەش پىلانى »، « كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار تەربىيەلەش پىلانى »، « ئاجايىپ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى » سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئالىي مەكتەپ. 

پەن تەتقىقات سۇپىسى

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەكتەپ ئاۋۋال ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى يېتىلدۈرۈش بازىسىدىن 2 سى ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 2 سى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇش مەركىزىدىن 2، دۆلەت يەرلىك بىرلەشمە قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزىدىن بىر، دۆلەت يەرلىك بىرلەشمە قۇرۇلۇش تەجىربىخانىسىدىن بىر، بىڭتۈەننىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن 8 ى، بىڭتۇەن قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىن 3، بىڭتۇەن ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن ( يېتىشتۈرۈش ) 4 بار. ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن تۆت ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن ئىجتىمائىي پەنلەر نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسىدىن 4 ( ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات بازىسى ) تەسىس قىلىنغان. 

ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەكتەپ دۆلەتنىڭ « 973 پىلانى » تۈرىدىن 2 تۈر، دۆلەتنىڭ « 863 پىلانى » تېما 3 تۈر ، دۆلەت پەن - تېخنىكا تىرەك پىلانى تۈرىدىن 6 سى، دۆلەت پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى زور خېرىدار چاقىرىش تۈرىدىن 4، ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پەن تەتقىقات تۈرىدىن 2137 تۈر، پەن تەتقىقاتى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن 300 نەچچە تۈر بويىچە، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇكاپات 200 دىن ئارتۇق، يىللىق تەتقىقات خىراجىتى ھېسابقا ئېسىپ قويۇلغىنى 151 مىليون. 

ساقلانما بايلىقى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى  كۇتۇپخانىلىرىدا، چەت ئەل يېزىقىدىكى3 مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب - ژۇرنال، يىللىق زاكاس قىلىش داۋامىدا، چەت ئەل يېزىقىدىكى 3000 پارچىدىن ئارتۇق ژۇرنال، گېزىت 180 خىلدىن ئارتۇق، تۈرلۈك ماتىرياللارنى كىرگۈزۈش، ۋىپ، قاتارلىق SDOS ئېلېكترونلۇق ۋە چەت ئەل يېزىقى، رەقەملىك ماتېرىيال سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ژۇرنال 40 خىلدىن ئاشىدۇ، « شىنجاڭ پاختا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۆسۈملۈك ئاسراش » ۋە « شىخەنزە ئالىي مەكتەپ ئۇۋانى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى » 1990 ئىلمىي ماقالە؛ دۆلەت ئىچىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى قۇرۇلدى؛ كۈتۈپخانا ئىچىدە « تۆت چوڭ مەجمۇئە »، « ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يىغىپ ساقلىماق »، « جۇڭخۇا نەچچە قىممەتلىك ھۆججەتلىرى » قاتارلىق نادىر نۇسخا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

قەرەللىك ئىلمىي ژۇرنال 

مەكتەپتە « شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىساد »، « بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تېبابەتچىلىكى »، « بىڭتۇەن مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » بەش خىل ئىلمىي ژۇرنال ئاشكارە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. « شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » ( پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن نەشرى )، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرى ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن « مەملىكەتلىك 2 - نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي ئىلىم - پەن گېزىتى ». « شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » ( تەبىئىي پەن نەشرى ) ، « جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئىلمىي ماقالىسى سىتاتسىكىسى مەنبەسى » ژۇرنىلى بولۇپ باھالاندى، « جۇڭگو پەن - تېخنىكا يادرولۇق ژۇرنال » سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئىلمىي ماقالىسى بىلەن نەقىللەشتۈرۈلدى. 

ئىلىم - پەن ئالماشتۇرۇش 

2012 - يىلى، مەكتەپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 10 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ئىككى ئۆسۈملۈكلەر مولېكۇلا بىئولوگىيىسى ۋە بىئولوگىيە تېخنىكىسى » مۇھاكىمە يىغىنى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ پاختا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرىنىڭ، 2012 - يىلى زېئولىت تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن رايونلار توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تېخنىكىسىنىڭ (PROFIT) مۇنبىرى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 2013 - يىل , مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك غەربىي رايون بىئو - مېدىتسىنا خەلقئارا مۇھاكىمە مۇنبىرى قاتارلىق تەسىس قىلىندى.

ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېتلىرى

 شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي - قانۇن ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى بىڭتۇەن مائارىپ ئىنىستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى يېمەكلىك ئىنىستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە - خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى ( مۇستەقىل ئىنستىتۇت ) 

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ھاسىل دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئىنىستىتۇتى

پەن قۇرۇلۇشى

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر، بەش دانە 1 - دەرىجىلىك پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى، 25 دانە  2 - دەرىجىلىك پەنلەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى؛ 23 دانە بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىبېرىش نوقتىسى،114 دانە 2 - دەرىجىلىككە ئالاقىدار پەنلەر ماگىستىر ئاسپارانتلىق ئۈنۋانى بېرىش نوقتىسى؛ توققۇز خىل ماگىستىر كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش تۈرى ، 84 تولۇق كۇرس كەسپىي، تۆت پوستدوكتورلار پونكىتى ( پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتى ) تەسىس قىلىنغان. 

ئوقۇتقۇچى بايلىق كۈچى 

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5كۈنىگىچە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 2550 نەەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 1665 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئىككى نەپەر، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « چاڭجياڭ ئالىملارنى مۇكاپاتلاش پىلانى » ئالاھىدە تەكلىپلىك پروففېسسور ئىككى نەپەر، پروفېسسور 187 نەپەر، دوتسېنت 556 نەپەر. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجادكار كوللېكتىپى 2 دانە، بىر دانە « يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى » پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچى ئىختىساسلىقلار، 13 نەپەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « يېڭى ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى »، 3 نەپەر ئادەم دۆلەتنىڭ ئون مىڭ ئىختىساسلىقلار، تۆت نەپەر « ياشلار 1000 كىشىلىك پىلان » شىنجاڭ تۈرى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 72 نەپەر ئوقۇتقۇچى دۆلەت ياكى ئۆلكە ( مىنىستىر ) دەرىجىلىك گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس دېگەن نامغا ئېرىشتى، 89 نەپەر ئوقۇتقۇچى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان مۇتەخەسسىس. 

ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، مەكتەپتە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەنلەردىن بىر ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ( يېتىشتۈرۈش ) پەندىن بىر، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەندىن 13 ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ( يېتىشتۈرۈش ) پەندىن بىردانە. ئۈچ دانە دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئەترىتى،  بىر نەپەر داڭلىق ئوقۇتقۇچى، دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىكتىن 4 تۈر ، دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە كەسپتىن 5 دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىدىن بىر، قوش تىلدا ئوقۇتۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسلىكتىن 1 تۈر، مائارىپ مىنىستىرلىقى نادىر ۋىدىئو ئوچۇق دەرسلىكتىن 3 تۈر، دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دەرسىلىكتىن 1 تۈر، دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەشىق پىلانى تۈرىدىن 326 تۈر بار.

ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش 

مەكتەپ تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ مەركىزى، قازاقىستان كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇردى. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر، ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ئامىرىكا، روسسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، زېللاندىيە، كانادا، ئاۋىسترالىيە، ئاۋسترىيە، ياپۇنىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 40 نەچچە ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن كۆپ قاتلاملىق قانات يايدۇردى، كەڭ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 15 دۆلەتنىڭ 600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشقا بارغان. 

پارتكومنىڭ شۇجىسى : خې خۇيشىڭ 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى : شياڭ بېنچۈن 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : ۋۇ شىنپىڭ 

ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى : چېن چۇاڭفۇ، جېڭ شۈروڭ، ما چۈنخۈي،دەي بىن، شىيا ۋېنبىن ، ليۇ دامېڭ، مېڭ ۋېي مېن، ۋاڭ گو بياۋ 

ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى : چېن شۈدوڭ  

دائىمىي كومىتېت ئەزاسى : جېڭ يۇڭ ، ليۇ خۇا  

ليۇ جاڭ : سابىق يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 

شې چىڭ شېڭ : گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 

جاڭ چىڭلى : خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان . 

چېن شياۋجياڭ : ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆمۈرلۈك پىروفېسسورى ، ۋىرۇس تېببىي ئىلمى مۇتەخەسسىسى. 

تۆمۈر تۇرسۇن : شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 

ياڭ ۋېنلى : شەنشى ئۆلكىسى دۆلەت باج ئىدارىسى شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى. 

لىيەن بېنلى : شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان. 

لى يې : ئاۋسترالىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو رايونىنىڭ رەئىسى. 

خۇ جاۋجاڭ : ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 

ۋاڭ جېن : ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان. 

خۇ گوجۈن : شىخەنزە تيەنيې پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. 

لى زەيمىڭ : خېبېي دى خۇا كارخانا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە لىدىرى. 

ليۇ جيەنشىن : شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندانى. 

كۇڭ شىڭلۇڭ : شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندانى. 

پەن شىجېڭ: شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى، 1955 - يىلى شاۋجياڭ ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن. 

دەي جياڭ شېڭ : 2008 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن « مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى ». 

جاڭ يوۋ چۈەن : شېنجېن شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولغان . 

خۇۋاڭ كېداۋ : جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى . [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#