بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك رايونى

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونى

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئايروپىلانلارنى يۇتۇپ كېتىدىغان سىرلىق ئۆڭكۈر.

ئۇيغۇرچە نامى بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
چەتئەلچە نامى Bermuda Triangle
قاراشلىق رايون شىمالىي ئامېرىكا
خەنزۇچە نامى 百慕大三角
باشقا نامى بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك ′20°32، غەربىي ئۇزۇنلۇق ′45°64

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونىبېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ، ئەمما ئۇ يەرگە خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئايروپىلانلارنى يۇتۇپ كېتىدىغان سىرلىق ئۆڭكۈر ، پاراخوتلارنىڭ قەبرىستانلىقى بار . زادى كىم ئاستىرتىن ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ تۇمان قاتمۇ قات، سىرلىق قاتمۇقات.

كىلىماتى ئىللىق ،گۈللىرى خۇشپۇراق ،تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك، كۆك ئاسمان -زۇمرەت سۇلىرى بار ،ئاق چايكىلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان ، بۇ يەر قورقۇنۇچلۇق ھەم سىرلىق <<بېرمۇدا>> دىن ئىبارەت ، ئۇ يەنە <<شور>>، <<ئالۋاستى>>، <<پاراخۇتلارنىڭ>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەچچە يۈزلىگەن ئايرۇپىلان ۋە پاراخۇتلار بۇ يەردە سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ كېتىپ ، ئازراق قالدۇق پارچىلىرىنىمۇ تاپقىلى بولمىغان . ھازىر <<بېرمۇدا>> سىرلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەر خىل غايىب بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ ۋاكالەت نامى بولۇپ قالدى.

سىرلىق يېرى 

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونىئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقىچىلار ئەترىتى باھاما تاقىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا،تۇيۇقسىز ئېلېكتىر دولقۇنى سىگنالى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ ، ئاخىرىدا جىمىقىپ كەتكەن . نەتىجىدە ، 14 نەپەر ئۇچقۇچى ۋە 5 ئايروپىلان يەر شارىدىن غايىپ بولغان .شۇنىڭدىن كېيىن 13 نەپەر ئايروپىلان خادىمىدىن تەشكىللەنگەن دېڭىز ئىزدەش ئايرۇپىلانىمۇ غايىپ بولۇپ كەتكەن. ئۇ خۇددى ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق قاينامغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەندەك ، ھېچقانداق ئۇچۇرمۇ قايتۇرماستىن ، جىمجىت ھالدا غايىپ بولغان . ئەجەبا ئۇلار ئاسمان تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلدىمۇ ؟ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بېرمۇدادىن مېكسىكا قولتۇقىغىچە بولغان ھەر بىر سۇڭ دېڭىز يۈزىنى ئاختۇرغان بولسىۇ، نەتىجىدە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان . بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بېرمۇدا دېڭىز تەۋەسى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدىغان چاغدا ، ئالدىنقى بىر مىنۇتتا <<ئايرودۇرۇمغا>> دېگەن ئېلېكتىر سىگنالىنى تارقاتقان ، كېينكى بىر مىنۇتتا ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە بارلىق يولۇچىلارنىڭ بىرسىمۇ ئامان قالمىغان . غايىپ بولۇش گويا بىر دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن ، خۇددى ئاسماندىن يۇغان بىر تۆشۈك ئېچىلىپ ئايروپىلان بىراقلا ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ نام - نىشانى قالمىغاندەك .

<<بېرمۇدا>> زادى قانداق بىر دېڭىز تەۋەسى ؟ بۇ يەردىن ئۆتكەن كولومبو مۇنداق تەسۋىرلىگەن : <<توساتتىن -="" ...="">> ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ئادەملەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . فىرانسىيەنىڭ <<لوچاللى>> ناملىق يەلكەنلىك كېمىسى ، كۇبا تەۋەلىكىدىكى <<رۇبىكاڭ>>ناملىق يۈك پاراخۇتى ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ك <<مالىن.كېيېس>> ناملىق ماي پاراخوتى...بېرمۇدا دېڭىز يۈزىدە ئادەملەر غايىپ بولۇپ ، پاراخوت بوش قالغان غەلىتە ئەھۋال يۈز بەرگەن . بايقالغاندا پاراخوتتا بىرمۇ ئادەم يوق، نەرسە -كېرەكلەر ساپمۇساق بولۇپ تاماق شىرەسىگە ئېسىل يېمەكلىك تىزىلغان ، ئىستاكانلاردا تېخى ئېچىلىپ بۇلۇنمىغان قەھۋە ۋە چاي تۇرغان ، تەمدىكى سائەت نورمال مېڭىپ تۇرغان ، پاراخۇتتا ئامان قالغان جانلىقلاردىن ، ئاچلىقىدىن ئۆلەي دەپ قالغان بىر كانارىيە سېرىق قۇشقىچى ۋە پالۇبىدا يالغۇز ياتقان بىر ئىتلا قالغان . پاراخۇتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى غايىپ بولۇپ كەتكەن . زادى نېمە ۋەقە يۈزبەرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونىزادى كىم بۇ يەردە ئاستىرتىن ھىيلە ئىشلىتىۋاتقاندۇ ؟ سۈزۈك نامەلۇم ئەينەك جىسممۇ؟ پىروپېللېر قۇيرۇلۇق دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىمۇ ؟ سۇ ئاستىدىكى پىرامىدامۇ؟ <<بېرمۇدا>> دا غايىپ بولغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئىنسانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندى كېيىن ،ئاي شارىغان ئۇچۇپ كېتىۋاتامدۇ -قانداق؟ بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك دېڭىز تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بۇ خىلمۇ خىل سىرلىق ئشلار غەلىتە ھەم ۋەھىمە بىلەن تولغان .

مۇشۇنداق بىر غەلىتە ھەم چۈشەندۇرۈپ بەرگىلى بولماۇدىغان رايوندىكى ، بىر قاتار ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە زادى كىم ئاستىرتىن ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ ، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#