شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى بايلىقى

 شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى كۈن نۇرى چۈشۈشى بىر قەدەر مول بولغان رايونلارنىڭ بىرى ، يىللىق ئومومىي كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2470~3380 سائەت بولۇپ ، شەرقتىن غەربكە قاراپ ئازىيىپ بارىدۇ ، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى شىمالىي قىسىمدا جەنۇبىي قىسىمغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى بايلىقى
خەنزۇچە نامى 新疆光能资源

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى كۈن نۇرى چۈشۈشى بىر قەدەر مول بولغان رايونلارنىڭ بىرى ، يىللىق ئومومىي كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2470~3380 سائەت بولۇپ ، شەرقتىن غەربكە قاراپ ئازىيىپ بارىدۇ ، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى شىمالىي قىسىمدا جەنۇبىي قىسىمغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ . ئىككى چوڭ ئويمانلىقنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە ھەر بىرسىدە بىردىن تۆۋەن قىممەتلىك رايون بار بولۇپ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە 2700 سائەتتىن ئاز، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە 2600 سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ، شىمالىي ئېتىكىدە، ئويمانلىقتىن تارتىپ تاغلىق رايونلارغىچە يىللىق كۈن نۇرى چۈشىدىغان كۈن سانى ئېگىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىپ بارىدۇ؛ كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بولسا ،ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپئېشىپ بارىدۇ.

.تۈرلۈك زىرائەتلەر ئۆسۈپ يېتىلىشتە ، قۇياش رادىئاتسىيىسىدىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدۇ . دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 380~710 مكرومىللىمېتىې بولغان كۆرۈنىدىغان يورۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتىزلىق رولى جەريانىدا، خلوروفىل تاللاپ قوبۇل قىلىدىغان قىسىمدۇر. بۇ بىر قىسىم قۇياش رادىئاتسىيىسى فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە بىر قەدەر مول بولۇپ ، جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدا يىلىغا 2700~ 3100 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر بولىدۇ، شىمالىي شىنجاڭدا بولسا يىلىغا 2500~ 2800 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر بولىدۇ . ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بەلگىلىك تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پەقەت ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى ئىچىدىلا فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتورا≧℃10 بولغاندا فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ . كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتورا≧℃10 بولغان مەزگىلدىكى فوتوسىنتىزلىق ئۈنۈملۈك رادىئاتسىيە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا 1900~ 2000 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بولسا 200~2300 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ئېتەكلىرىدەبولسا 2500 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر؛ شەرقىي قىسمىدا 2600~2700 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر،كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە 2600 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتى،شەرقىي شىنجاڭدا بولسا 2500~2700 مېگاجوئۇل/كۋادرت مېتىر بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#