ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىشى: ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ دۇنياغا قىلغان سوۋغىسى

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تۇ يوۋيوۋنىڭ شىۋېيتسىيەدىكى نۇتۇقى

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تەكىلىپىگە بىنائەن، بېيجىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 8:00 دە، جۇڭگو لۇق ئالىم تۇ يوۋيوۋ باشقا ئىككى نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بىلەن بىرلىكتە شىۋېيتسىيە كارولىنكا تېببىي ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىدى. سائەت 9:00 لاردا، تۇ يوۋيوۋ 3-بولۇپ «ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىشى: ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ دۇنياغا قىلغان سوۋغىسى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.


ئۇيغۇرچە نامى ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىشى: ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ دۇنياغا قىلغان سوۋغىسى
باشقا نامى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تۇ يوۋيوۋنىڭ شىۋېيتسىيەدىكى نۇتۇقى
ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
سۆزلىگۈچى تۇ يوۋيوۋ
خەنزۇچە نامى 青蒿素的发现:传统中医给世界的礼物
باشقا نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى 屠呦呦瑞典领诺贝尔奖演讲
ئورنى شىۋېيتسىيە كارولىنكا تېببىي ئىنىستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تۇ يوۋيوۋنىڭ شىۋېيتسىيەدىكى نۇتۇقىھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، ھۆرمەتلىك مۇكاپات ساھىبلىرى، خانىملار، ئەپەندىلەر:

بۈگۈن مەن كارولىنكا ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن، مەن «ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىشى __ ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ دۇنياغا قىلغان سوۋغىسى» دېگەن تېمىدا سۆزلىمەكچىمەن.

نۇتۇقۇمنى باشلاشتىن بۇرۇن مەن ئالدى بىلەن نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى، نوبېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2015-يىللىق فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى ماڭا بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ نوقۇل ھالدا مېنىڭلا شان-شەرىپىم ئەمەس، بەلكى بارلىق جۇڭگولۇق ئالىملارغا بېرىلگەن شان-شەرەپ ۋە مەدەتتۇر. قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە، مەن شىۋېيتسىيە خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانىلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇ يەردە مەن بۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

ۋىلليام كامپبېل بىلەن ساتوشى ئومۇرا ئىككىيلەننىڭ بايىقى ئېسىل نۇتۇقىغا رەھمەت. مەن ھازىر 40 يىللار بۇرۇنقى جاپالىق مۇھىتتا، جۇڭگولۇق ئالىملارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىدىن بەزگەككە قارشى تۇرىدىغان يېڭى دورىنى ئىزدەش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.

ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىش جەريانىنى كۆپچىلىك بەلكىم نۇرغۇن خەۋەرلەردىن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە مەن پەقەت قىسقىچىلا چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ جۇڭگو تېبابىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ بەزگەككە قارشى دورا تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ شۇ يىلدىكى قىسقىچە خىزمەت خۇلالىسىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاستىدىكى كۆك كۆرسەتمە بۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ كوللېكتىپى تاماملىغان خىزمەتلەر، ئاق رەڭلىكى بولسا مەملىكەتتىكى باشقا ھەمكارلىق كوللېكتىپىنىڭ تاماملىغان خىزمەتلىرىدىن ئىبارەت. كۆك رەڭدىن ئاق رەڭگىچە بولغان كۆرسەتمىلەر بۇ تەتقىقات يۇرتىمۇ، ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارمۇ قاتناشقان خىزمەتلەردىن ئىبارەت.

نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تۇ يوۋيوۋنىڭ شىۋېيتسىيەدىكى نۇتۇقىجۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى تەتقىقات ئورنى كوللېكتىپى 1969-يىلىدىن باشلاپ بەزگەككە قارشى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. زور مىقدارىدىكى تەكرار تاللاش خىزمىتىدىن كېيىن، 1971-يىلىدىن باشلاپ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كۆك ئەمەنگە مەركەزلەشتۈردۇق. يەنە نۇرغۇن قېتىملاپ مەغلۇبىيەت ئارقىلىق، 1971-يىلى 9-ئايدا، چەككىلەش ئۇسۇلىنى قايتا لايىھەلەپ، تۆۋەن تېمپراتورىدا چەككىلەشكە ئۆزگەرتىپ، ئېتىل ئېفىر قايتما ئېقىمى ياكى سوغۇق ئېقىمىنى ئىشلەتتۇق، كېيىن ئىشقاردا ئېرىتىش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق كىسلاتالىق ئورنىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئەۋرىشكە تەييارلىۋالدۇق. 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۆك ئەمەن ئېتىل ئېفىرىنى نېيترال ئېكستراكتلاپ چىقتۇق، ئۇدا ئۈچ كۈندىن كېيىن، چاشقان بەزگىكى دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تىزگىنلەش نىسبىتىنىڭ % 100 كە يەتكەنلىكى ئايان بولدى. شۇ يىلى 12-ئايدىن 1972-يىلى 1-ئايغىچە مايمۇن بەزگىكىنى تەجرىبە قىلىپ، بۇنىڭدىمۇ تىزگىنلەش نىسبىتى % 100 كە يەتتى. كۆك ئەمەن ئېتىل ئېفىرى نېيترال ئېكستراكتلاشقان بەزگەككە قارشى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىدىكى زور بۆسۈش ___ ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىشىدىكى ھالقا.

1972-يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە، بىز كۆك ئەمەن ئېتىل ئېفىرى نېيترال ئېكستراكتلاشقان كىلىنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، 30 يامان سۈپەتلىك بەزگەك ۋە كۈن ئارىلىپ تۇتىدىغان بەزگەك بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈنۈمى كۆرۈلدى. شۇ يىلى 11-ئايدا، بۇ ئورۇندىن بەزگەككە قارشى ئۈنۈملۈك يەككە تەنلىك خىمىيەۋى بىرىكمىلىك كىرىستالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقتۇق. كېيىن بۇنىڭغا «ئارتېمىسىنىن» دەپ نام بەردۇق.

1972-يىلى 12-ئايدا ئارتېمىسىنىننىڭ خىمىيەلىك قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدۇق، ئېلېمېنتلار ئانالىزى، سىپېكتر ئۆلچىمى، ماسسا سىپېكترى ۋە روتاتسىيا ئانالىزى قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، خىمىيەۋى بىرىكمە مولېكولا فورمۇلىسى C15H2205 نى بېكىتىپ چىقتۇق، ئۇنىڭ مولېكولا ماسسىسى 282 چىققانىدى. ئارتېمىسىنىننىڭ ئازوت تەركىبى يوق يېرىم ھەسسىلەنگەن تىرپىن تۈرىدىكى خىمىيەۋە بىرىكمىنى ئېنىقلىدۇق.

1973-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادمېىيەسى دورا تەتقىقات ئورنى ئانالىز خىمىيە ئىشخانىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مولېكولا فورمۇلاسى قاتارلىق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى قايتا سېلىشتۇرۇپ چىقتى. 1974-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئورگانىك خىمىيە تەتقىقات ئورنى ۋە بىيوفىزىكا ئورنى كەينى-كەينىدىن ئارتېمىسىنىننىڭ قۇرۇلمىسى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئاخىرىدا X نۇرى دىفراكسىيەسى ئارقىلىق ئارتېمىسىنىننىڭ قۇرۇلمىسىنى بېكىتىپ چىقتۇق. ئارتېمىسىنىننىڭ ئوكسېدلانغان يېڭىچە يېرىم ھەسسىلەنگەن تىرپىن لاكتونى ئىكەنلىكىنى بېكىتتۇق. ئىستېرېئو قۇرۇلما 1977-يىلى جۇڭگونىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى ھەمدە خىمىيە تەرمىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1973-يىلىدىن باشلاپ، ئارتېمىسىنىننىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئاكتىپ رادىكاللارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۇغۇندى ماددىلارنى تەييارلىدۇق. ناترىي گىدروبورىدنىڭ ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيەسى ئارقىلىق، ئارتېمىسىنىننىڭ قۇرۇلمىسىدا كاربونىك رادىكالىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بايقاپ، قوش ھىدروگىنلىق ئارتېمىسىنىننى كەشىپ قىلدۇق. QSAR مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى ئارقىلىق، ئارتېمىسىنىننىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئوكسىدلانغان رادىكاللارنىڭ بەزگەككە قارشى ئاكتىپ رادىكاللاردىن بولۇپ، قىسمەن قوش ئوكسىدلىق ئارتېمىسىنىننىڭ گىدروكسىل تۇغۇندى ماددىلاردىكى چاشقان بەزگىكىنىڭ ئۈنۈمىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.

بۇ يەردە ئارتېمىسىنىن ۋە باشقا تۇغۇندى ماددىلاردىكى قوش ئوكسىدلىق ئارتېمىسىنىن، ئەمەن مېتىل ئېفىرى، كۆك ئەمەن ئېستېرى، ئەمەن ئېتىل ئېفىرىدىكى مولىكولا قۇرۇلمىسىنى نامايان قىلدۇق. ھازىرغا قەدەر، بۇ تىپتىكىدىن باشقا، باشقا قۇرۇلما تىپىدىكى ئارتېمىسىنىن تۇغۇندى ماددىلىرىنى تېخى كىلىنىكىدا ئىشلەتكەنگە دائىر مەلۇمات يوق.

1986-يىلى، ئارتېمىسىنىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى دورا ئىجازىتىگە ئېرىشتى. 1992-يىلى يەنە بىر قېتىم قوش ئوكسىدلىق ئارتېمىسىنىن يېڭى دورا ئىجازىتىگە ئېرىشتى. بۇ دورىنىڭ كىلىنىكىدىكى ئۈنۈمى ئارتېمىسىنىننىڭ 10 ھەسسىسىن يۇقىرى بولۇپ، ئارتېمىسىنىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ «ئۈنۈمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، زەھىرى تۆۋەن» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

1981-يىلى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پىلان-تەرەققىيات مەھكىمىسى بېيجىڭدا بىرلىكتە بەزگەكنى خىمىيەلىك داۋالاش ئىلمى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ، ئارتېمىسىنىن ۋە باشقا كىلىنىكىغا تەدبىقلاشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش دوكلاتلار يىغىندا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، مەن «ئارتېمىسىنىننىڭ خىمىيەلىك تەتقىقاتى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەنىدىم. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، جۇڭگودىكى نەچچە مىڭلىغان بەزگەك بىمارلىرى ئارتېمىسىنىن ۋە باشقا تۇغۇندى ماددىلار بىلەن داۋالىنىپ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

بۇ تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەلكىم بۇنىڭ بىر ئادەتتىكى دورىنىڭ بايقىلىش جەريانى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانسىلەر. ئەمما، شۇ يىلى جۇڭگودا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان جۇڭگو تېبابىتى دورىسى ___ كۆك ئەمەندىن ئارتېمىسىنىننىڭ بايقىلىش جەريانى خېلىلا مۈشكۈل بولغانىدى.

«بەزگەك دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىگە نىسبەتەن يەنىلا بىر كەسكىن رىقابەت ھېسابلىنىدۇ.» دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېن بەزگەكنى تىزگىنلەشنى تىلغا ئالغاندا مۇشۇنداق باھا بەرگەنىدى. بەزگەك كېسەللىكىنى ۋە ئۆلۈشنى ئازايتىش جەھەتتە، دۇنيا دائىرىسىدە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان نەتىجىلەر بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. گەەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 97 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئۈچ مىليارد نوپۇس بەزگەكنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليارد 200 مىليون كىشى خەتەر ئېغىر رايونلاردا ياشىماقتا، بۇ رايونلاردىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بەلكىم 1000 دىن بىر نىسبەتتىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى بەزگەك بىمارلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 198 مىليونغا يېتىپ، بەزگەك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 580 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ سانى %78 نى ئىگىلەيدۇ. بەزگەك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ %90 ى ئافرىقىدىكى ئاپەت ئېغىر رايونلاردا ياشىغانلاردۇر. ئافرىقىدىكى بەزگەك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ %70 ى ئارتېمىسىنىن مۇرەككەپ رېتسىپلىق دورا بىلەن داۋالانغانلار ئىدى. ئەمما ACTs داۋالىشىغا ئېرىشەلمىگەن بىمارلارنىڭ سانى يەنىلا 56 مىليوندىن 69 مىليونغىچە چىقىدۇ.

بەزگەل پىلازمودىيەسىنىڭ ئارتېمىسىنىن ۋە باشقا بەزگەككە قارشى دورىلارغا نىسبەتەن دورىغا تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. مىكون دەرياسى رايونىدا، يەنى كامبوژرا، لائۇس، بىرما، تايلاند ۋە ۋىيېتنام رايونلىرىدا، يامان سۈپەتلىك بەزگەك پىلازمودىيەسىنىڭ ئارتېمىسىنىنغا قارشى تۇرۇشچان خۇسۇسىيىتى بارلىقى ئايان بولغان. كامبوژا-تايلاند چېگرىسىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا، يامان سۈپەتلىك بەزگەك پىلازمودىيەسىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئارتېمىسىنىنغا قارشى تۇرۇشچان خۇسۇسىيىتى بارلىقى ئايان بولغان. بۇ يىلقى دوكلاتتىكى ئارتېمىسىنىننىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىگە قارىساقلا قىزىل رەڭ بىلەن قارا رەڭلەر شۇ جايدىكى يامان سۈپەتلىك بەزگەك پىلازمودىيەسىنىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچان خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت مىكون دەرياسى رايونىدا دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىق بولۇپلا قالماي، ئافرىقىدىمۇ ئاز ساندىكى رايونلاردا دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىق خۇسۇسىيىتى بار. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2011-يىلى ئارتېمىسىنىننىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنىڭ يەرشارى پىلانىنى چەكلىگەن. بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ مەقسىتى ACTs نىڭ يامان سۈپەتلىك بەزگەككە قارىتا ئۈنۈمىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىدى، ئارتېمىسىنىننىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنىڭ بارلىقى مىكون دەرياسى رايونىدا دەلىللىنىپ، كېڭىيىش مۇمكىنچىلىكى بولغان يۇشۇرۇن تەھدىتىمۇ تەكشۈرۈش ئۈستىدە تۇرماقتا. بۇ پىلانغا قاتناشقان 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئارتېمىسىنىننىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى يۇقىرى يۇقۇملىنىش رايونىغا تارقىلىشتىن ئىلگىرى، دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقنى چەكلەش ياكى بىكار قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن چەكلىك بولىدىكەن. ئارتېمىسىنىننىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى چەكلەش ۋەزىپىسى يېقىنلاپ قالغان. ACTs نىڭ يامان سۈپەتلىك بەزگەككە قارىتا ئۈنۈمىنى قوغداش ئۈچۈن، مەن پۈتۈن دۇنيادىكى بەزگەككە قارشى خىزمەتچىلەردىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئارتېمىسىنىننىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى چەكلەشتىكى يەرشارى پىلانىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەن جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ھەققىدە ئازراق توختالماقچىمەن. جۇڭگو تېبابىتى دورا ئىلمى بىر ئۇلۇغ خەزىنە بولۇپ، تىرىشىپ قېزىش كېرەك. ئارتېمىسىنىن بۇ خەزىنىدىن قېزىپ چىقىرىلغان. بەزگەككە قارشى دورا ئارتېمىسىنىننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو-غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بار بولۇپ، ئىككىسىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇقلىغاندا تېخىمۇ زور يۇشۇرۇن كۈچكە ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. تەبىئەت بىزنى زور مىقداردىكى ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئاتا قىلدى، تېببىي دورا تەتقىقاتچىلىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياسىسا بولىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى»دىن باشلىنىدىغان بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتتا زور مىقداردىكى كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەرنى جۇغلاپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ دورىغا ئىشلىتىش قىممىتى رەتلەندى. ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، قېزىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، چوقۇم بايقاشنى قولغا كەلتۈرگىلى، يېڭىلىق ياراتقىلى، بۇ ئارقىلىقى ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

ئاخىرىدا، مەن ھەرقايسىڭلار بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر ۋاڭ جىخۇەن يازغان «ئاق لەيلەك راۋاىقىغا چىقىش» ناملىق شېئىرنىڭ پارچىسىدىن ھۇزۇرلانماقچىمەن: «مەغرىبكە پاتماقتا قۇياشمۇ شۇ دەم، خۇاڭخېمۇ شەرققە ئاقار جۇش ئۇرۇپ. كۆرمەكنى ئىستىسەڭ گۈزەل مەنزىلنى، نەزەر سال راۋاقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ.» ھەرقايسىڭلارنىڭ پۇرسەت بولسا، راۋاقنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ خەزىنىسىنى بايقايسىلەر.

ئارتېمىسىنىننى بايقاش، تەتقىقات، تەدبىقلاش جەھەتتە تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خىزمەتداشلارغا، كەسىپداشلارغا ۋە دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

كۆپچىلىكنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىزنى چۈشەنگەنلىكىگە ۋە قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.

كۆپچىلىكنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

كۆپچىلىككە رەھمەت! [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#