ئىتالىيە

ئىتالىيە

ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى. (ئىنگىلىزچە: Italian Republic، ئىتالىيانچە :la Repubblica Italiana ) دۆلەت نامىنىڭ مەنىسى <<موزايلار>> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىتالىيىنىڭ دۆلەت نامى گرېك تىلى «ئىتالوس » تىن ئۆزگەرگەن بولۇپ « كالا» دېگەن مەنىگە ئىگە، بۇ ئىتالىيەنىڭ ئەينى يىللاردا كالا باقمىچىلىقى تەرەققى قىلغان زىمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئىتالىيە 意大利
ۋاقىت رايونى
دۆلەت تىلى ئىتالىيان تىلى
نوپۇس زىچلىقى 207.2 \ كۋادرات كىلومېتر (2013-يىل)
خەنزۇچە نامى 意大利共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى رىم
نوپۇسى 61 مىليون 34 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 301 مىڭ 338 كۇۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىتالىيەئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى. (ئىنگىلىزچە: Italian Republic ، ئىتالىيانچە :la Repubblica Italiana ) دۆلەت نامىنىڭ مەنىسى <<موزايلار>> دېگەنلىك بولىدۇ . ئىتالىيەنىڭ دۆلەت نامى گرېك تىلى «ئىتالوس » تىن ئۆزگەرگەن بولۇپ « كالا» دېگەن مەنىگە ئىگە ، بۇ ئىتالىيەنىڭ ئەينى يىللاردا كالا باقمىچىلىقى تەرەققى قىلغان زىمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 

 ئىتالىيەنىڭ يەر مەيدانى 301مىڭ 338  كۋادىرات كىلومېتىر. ئاھالىسى 61 مىليون 34 مىڭ (2014-يىل) بۇلۇپ، دۆلەت تىلى ئىتاليان تىلى. ئىتالىيەنىڭ يازلىق ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرسى 25، قىشلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5 سىلسىيە گىرادۇس.

ئىتالىيەمىلادىدىن ئىلگىرى ئىتالىيە چېگىرىسى ئىچىدە گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8-ئەسىردە دەسلەپكى شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كېلىپ رىم شەھرى قۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە رىم شەھرى ئەتراپتىكى باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنى تەدرىجى بويسۇندۇرۇپ تەدرىجى قۇدرەتلىك رىم ئىمپېرىيىسى شەكىللەندۈرگەن ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە ئىسپانىيە ۋە گىرىتسىيەنى بويسۇندۇرغان ئىمپىراتۇر كايسارنىڭ دەۋرىدە گاللىيە(فىرانسىيە)، ئوكتاۋىئۇسنىڭ دەۋرىدە مىسىرنى بويسۇندۇرغان. ئىمپىراتۇر كونىستانتىننىڭ دەۋرىدە خىرىستان دىنىنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلغان مىلادى 4-ئەسىردە ئىمپېرىيە ئىككىگە پارچىلىنىپ ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربى رىم ئىمپېرىيىسىنى گوتلار(گېرمانىيە) يوقاتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە زېمىنى نۇرغۇن ئۇششاق دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىپ گاھ ھۇنلارنىڭ گاھ ئەرەبلەرنىڭ، گاھ نورۋىگىيىلىكلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدە ياشىغان. ئەرەپلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قايتا يېتىپ كەلگەن قەدىمقى گىرىك مەدەنىيتىنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا  11-ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى كېنەزلىكلەردە دەسلەپكى قەدەمدە كاپىتالىزىم بىخلىرى پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى تۇنجى ھازىرقى زامان ئالى مەكتىپى -پولونىيە ئۇنىۋېرسىتى بارلىققا كەلگەن. 15-ئەسىرگە كەلگەندە، فىلورېنسىيەنى مەركەز قىلغان شىمالى ئىتالىيەدە مىكىلانجىلو، رافىللو، داۋىنچىدەك داڭلىق رەسساملار، دانتىدەك مەشھۇر يازغۇچىلار بارلىققا كېلىپ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىش ھەركىتى باش كۆتەرگەن.  ياۋروپانىڭ  گېنۇيە ۋە ۋېنىتسىيەلەردە سودا ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىز سودىسى ۋېنتسىيە ۋە گېنۇيەلىكلەرنىڭ قولىغا مونوپول بولغان. 16-ئەسىردىن باشلاپ جەنۇبى ئىتالىيە ئىسپانىيەنىڭ، غەربى شىمالى ئىتالىيە فىرانسىيەنىڭ، شەرقى شىمالى ئىتالىيە ئاۋىستىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاپتىن كېيىن ئەسلىدىكى گىنۇيە پادىشاھلىقىنى مەركەز قىلغان ساردىنىيە پادىشاھلىقى توسكاناغا قەدەربولغان زىمىننى بويسۇندۇرغان. 1861-يىلىىغا كەلگەندە ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە ۋە فىرانسىيەلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى سىتسىلىيە، ۋېنتسىيە ۋە لومباردىيە، رىم قاتارلىق جايلار بىرلىككە كېلىپ ئىتالىيەنىڭ ھازىرقى زامان مۇساپىسى باشلانغان. بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە تەدرىجى كۈچىيىپ ئافرىقىدىكى جەنۇبى سۇمالى ۋە ئېرىتېرىيە قاتارلىق جايلارنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان. 1914-يىلى ئەنگىلىيە فىرانسىيەلەر بىلەن بىر سەپتە ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلغۇچىلار قاتارىدا ئۇرۇشتا يېڭىلگەن تۈركىيەدىن لىبىيەنى بۆلۈۋالغان. 1921-يىلى مۇسسۇلىن باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىرانلىقىنى يولغا قويغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ،1945-يىلى 4-ئايدا مۇسسۇلىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان.  ئۇرۇشتىن كېيىن لىبىيە، ئېرىتېرىيە، جەنۇبى سۇمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇستەملىكىسىدىن ۋاز كەچكەن. 1945-يىلى 6-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتى يىغىن چاقىرىپ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئورناتقان. 

ئىتالىيەنىڭ پۇلى ياۋرۇ. 2002-يىلىدىن باشلاپ ئىتالىيە لىرا ئوبوروتىنى رەسمىي توختىتىپ، ياۋرۇنى ئىتالىيەنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى قىلىپ ئىشلتىشنى باشلىغان. ئىتالىيە تۇنجى تۈركۈمدە ياۋرۇ ئىشلەتكەن دۆلەتنىڭ بىرى.

ئىتالىيە 58،147،733 (2007-يىل ئاخىرىدىكى ستاتىكا )،بۇنىڭ ئىچىدە %38 نى ئىتاليانلار ، %15 نى لومباردىيانلار، %10 نى كالابرىيانلار، %8 نى سىتسىلىيىلىكلەر، %6 نى پىئودمونتلار، %4 نى ۋېنتسىيىلىكلەر، %2 نى ئېمىلىيانلار، %2 نى لىگۇرىيانلار، %2 نى ساردىنىيىلىكلەر، %1 نى نېمىسلار، %1 نى فىرانسىيىلىكلەر ئىگەللەيدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 1 مىلىيۇندىن  كۆپرەك ئەرەب، 200 مىڭغا يېقىن ئالبان كۆچمەنلىرى، 200 مىڭدىن كۆپرەك ئافرىقىلىق مۇسۇلمان كۆچمەنلەر بار. ئىتالىيان تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىنىڭ %90 رىم كاتۇلىك دىنغا ،%2 ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلىدۇ، دىنسىزلار ۋە باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغانلار %8 ئىگلەيدۇ

دۆلەت بايرىقى

ئىتالىيەئىتالىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق، قىزىل رەڭلىك ،كەڭلىكى ئوخشاش بولغان تىكلىمە ھالەتتىكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدىن تۈزۈلگەن . يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك تىك يوللۇق بايراق بولۇپ فىرانسىيەنىڭ بايرىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.  تارىختا ئىتالىيىمۇ فراىسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش بايراقنى ئىشلەتكەن. خاتىرىلىنىشىچە، 1796 - يىلى، ناپالېئوننىڭ ئىتالىيە پولكى ئۇرۇش داۋامىدا ناپالېئون ئۆز قولى بىلەن لايىھىلىگەن يېشىل، ئاق ۋە قىزىل يوللۇق بايراقنى ئىشلەتكەن. 1861 - يىلى، ساردىنىيە پادىشاھى ئىتالىيىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن يېشىل، ئاق ۋە قىزىل تىك يوللۇق بايراقنى ئىشلىتىشنى ھەمدە بايراقنىڭ بۇلۇڭغا ساۋويە خاندانلىقىنىڭ كرېسىتلىك قىزىل قالقان شەكىلدىكى گېربىنى قوشۇشنى قارار  قىلغان.  1946 - يىلى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى بايراقتىكى گېرب بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. دۆلەت بايرىقىدىكى يېشىل رەڭ ئاپىننىن يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل زېمىنن، ئاق رەڭ ئالىپ تاغلىرىدىكى ئاپئاق قارنىڭ رەڭگىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تىنىچلىق ۋە ئادالەتنىڭ يۈكسەك روھىغا سىمۋول قىلىغان؛ قىزىل رەڭ ۋەيەنپەرۋەرلىك ئىسسىق قېنىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەم ئەركىنلىك، بارەۋەرلىك ۋە دوستلۇقنى نامايان قىلغان.

دۆلەت  گىرىبى

ئىتالىيە ئىتالىيە دۆلەت گېربى 1948 - يىلى پادىشاھلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن  تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى چۆرىسى قىزىل بەش بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇزدۇر. ئۇ ئىتالىيە مىللەتچىلىرىنىڭ بەلگىسى؛ ئىتالىيەنىڭ تەرەققى تاپقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىخچام سىزىلغان بىر چىشلىق چاق بىلەن ئىپادىلەنگەن.  زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخ يوپۇرمىقى بىلەن كاۋچۇك دەرىخىنىڭ شاخ يوپۇرمىقى بىر يۇمىلاق شەكىلنى ئوراپ تۇرغان ھالەتتە بولۇپ، ئۇ تىنىچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ سىمۋولى ،ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۆرىسى قىزىل بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بولۇپ ، ئۇ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىمۋولى. بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر چوڭ چىشلىق چاق بولۇپ ، ئۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ سىمۋولى .تۆۋەن تەرىپىدىكى قىزىل لېنتىغا ئىتالىيە يېزىقىدا :<<ئىتالىيە>> دېگەن خەتلەر بېزەلگەن .

ئىتالىيەدە بېكىتىلگەن خاتىرە كۈنلەردىن ئىتالىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش كۈنى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى (1861-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقى سىتسىلىيەنى ئىشغال قىلىپ رىم پاپىسى رىم شەھرىدىن چېكىنگەن كۈنى)، ئازاتلىق كۈنى 4 -ئاينىڭ 25-كۈنى (مۇسسۇلىن ھاكىمىيىتى يوقىتىلىپ نورمال دىموكراتىك تەرتىپ ئورنىتىلغان كۈنى)، دۆلەت بايرىمى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (1946-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىق تۈزۈمدىن قۇتۇلۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان كۈنى) قاتارلىقلار بار.

ئىتالىيەئىتالىيە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى. تەبئىي بايلىقى كەمچىل بولۇپ، خام ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتە زور دەرىجىدە ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بولۇپ، ئۇچتىن ئىككى قىسىم دەسلەپكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىمپورت قىلىدۇ. يىمەكلىك ، كىيىم-كېچەك، قول-ھۈنەر سەنئەت، كانچىلىق ، نېفىت پىششىقلاش،كېمىسازلىق ۋە ماشىنىسازلىق سانائىتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار كۆپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنىڭ تارقىلىشى تەكشى. ئىتالىيە ياۋروپادىكى كونا سانائەت دۆلىتى بولۇپ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى دۇنيادا 7-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ئىتالىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى يازدا قۇرغاق، قىشتا ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولغان ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ماشىنلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق زامانىۋىلاشقان گۈرۈچ تېرىلغۇ ئېتىزى ھېسابلىنىدىغان  پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىدىن باشقا زېمىنىدا تاغلىق كۆپ، تۈزلەڭلىكلىرى پارچە بولغاچقا يېزا ئىگلىك تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى ئىتالىيە زىمىننىڭ %10 گە توغرا كىلىدۇ. مىۋە-چىۋە كۆكتاتلاردىن باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئاساسەن ئىمپورتقا تايىنىدۇ. ساياھەتچىلىك ، قاتناش- ترانسپورت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.

ئىتالىيەدە پۇقرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ئاھالىنىڭ %23 ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. ئۇنۋىرسسال مىللى  ئىشلەپچقىرىش قىممىتى$1 تېرلىيۇن 800 مىلىيارد دوللار (2007-يىلدىكى ستاتىكا ). كىشى بېشغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچقىرىش قىممىتى 31000$ (2006-يىلدىكى ستاتىكا )، يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2.

  2007-يىلى ئىتالىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1.9، سانائەت %28.8 ، مۇلازىمەت %69.3 نى ئىگەللىگەن بولۇپ، 2005-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 25 مىلىيۇن 433 مىڭ، يانفون ئابونتى 71 مىليۇن 231 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 28 مىلىيۇن 855 مىڭ بولغان.[0]

61 مىليون 34 مىڭ (2014-يىل)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#