سوڭى چىقىپ قېلىش

سوڭى چىقىپ قېلىش

ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، ئۇزاق داۋام قىلغان تولغاق، ئىچى سۈرۈش، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈچىنىپ كەتكەن تولغىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىنجىقلىغاندا سوڭى چىقىۋېلىش، ئۆزلۈكىدىن كىرىپ كەتمەي، قول بىلەن ئىتتىرىپ كىرگۈزۈلۈش، ئاغرىش، بەزىدە يۇقۇملىنىپ، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى سوڭى چىقىپ قېلىش
كېسەللىك سەۋەبى ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق
ئاساسلىق ئالامىتى ئىنجىقلىغاندا سوڭى چىقىۋېلىش
خەنزۇچە نامى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، ئۇزاق داۋام قىلغان تولغاق، ئىچى سۈرۈش، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈچىنىپ كەتكەن تولغىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: تەرەتتىن كېيىن، بەزىدە ئىنجىقلىغاندا سوڭى چىقىۋېلىش، ئۆزلۈكىدىن كىرىپ كەتمەي، قول بىلەن ئىتتىرىپ كىرگۈزۈلۈش، ئاغرىش، بەزىدە يۇقۇملىنىپ، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.


تۈز ئۈچەي چىقىۋىلىش بولسا بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى. يەڭگىل بولغاندا چوڭ تەرەت قىلغاندا تۈز ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسى چىقىۋالىدۇ، چوڭ تەرەتتىن كېيىن يەنە ئەسلىگە قايتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي تەدرىجىي تۈز ئۈچەي پۈتۈنلەي چىقىپ قالىدۇ، چوڭ تەرەت كېيىن چىقىپ قالغاندىن سىرت، يەنە يۆتكەلگەندە، يول ماڭغاندا. زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىمۇ چىقىپ قالىدۇ. قول بىلەن ئىتتىرىپ كىرگۈزگەندە ياكى ياتقاندا ئاندىن ئەسلىگە قايتىدۇ. ئەگەر چىقىپ قېلىپ ۋاقتىدا ئەسلىگە قايتمىسا، تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسىدە قان تولۇپ. سۇلۇق ئېشىش، قان چىقىش ياكى شەلۋەرەش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەل توققۇز كۆز ۋە قورساق قىسمىغىچە كۆپۈپ ئاغرىيدۇ .

چىقىپ قېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، دەرھال ئەسلىگە قايتماسلىق، توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ شىللىق پەردە ئاچ قىزىل رەڭدىن تۇتۇق بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىپ شەلۋەرەيدۇ. ھەتتا توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىششىپ ئاغرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ دە سۈيدۈك راۋان بولماي مەقئەت ئىچى بىئارام بولۇپ مەقئەت ئېغىزى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ .

دەسلەپكى مەزگىلى : چوڭ تەرەتتىن كېيىن يېپىشقاق سۇيۇقلۇق چىقىپ، سوڭ ئۆزلۈكىدىن مەقئەت ئېغىزدىن ئېقىپ چىقىپ قالىدۇ. ۋە ئۆزلۈكىدىن يىغىلىۋالىدۇ. كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئېغىرلىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە قايتماي قول بىلەن ئىتتىرىپ ئورنىغا قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەقئەت ئېغىزدىن دائىم يېپىشقاق سۇيۇقلۇق چىقىپ. چوڭ تەرەتتىن كېيىن پەسكە ساڭگىلاپ قالغاندەك چوڭ تەرەت تۈگىمىگەندەك ھېس قىلىپ، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ .

ئاخىرقى مەزگىلى : يۆتىلىش، يول مېڭىش. ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، چۈشكۈرۈش ۋە ئازراق كۈچ ئىشلەتسىمۇ سوڭى چىقىپ قالىدۇ. چىقىپ قالغاندىن كېيىن يەرلىك جاي چىڭ قالغاندەك ھېس قىلىپ، بەل توققۇز كۆز ئەتراپى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. شىللىق پەردە دائىم چىقىپ قالغاندە غىدىقلىنىشنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، قان تولۇش، سۇلۇق ئىشق، جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىلاشما قان خاراكتېرلىك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق مەقئەت ئېغىزى تېرىلىرىنى غىدىقلاپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىش: ئۈچەي توسۇلۇش تۈپەيلى مەقئەت قۇرغۇچى مۇسكۇلى بوشايدۇ. توسۇلۇپ قېلىش ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. توسۇلۇپ قالغاندا يەرلىك جاي قاتتىق ئاغرىپ ئىششىيدۇ. بۇ ۋاقىتتا قول بىلەن ئىتتىرىپ ئەسلىگە قايتۇرالمايدۇ. چىقىپ قالغان مەقئەت نەيچىسىدە ناھايىتى تېزلا ئېشىش كۆرۈلىدۇ قان تولۇپ شىللىق پەردە پۈرمىسى يوقىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا شىللىق پەردە تىقىلمىسى ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنىكىدا سۇڭى چىقىپ قېلىش، ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. .

بىرىنچى دەرىجىدە تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى چىقىپ قالىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە، تۈز ئۈچەي پۈتۈنلەي چىقىپ قالىدۇ، ئۈچىنچى دەرىجىدە، تۈز ئۈچەي ۋە" ئېس "سىمان بوغماق ئۈچەي چىقىپ قالىدۇ.[0] 

1-رېتسېپ

تەركىبى: پوستى ئاجرىتىلغان قىزىل ماش، ئانار پوستى، جۈپتى بەللۇت، ئارچا مېۋىسى 12 گىرامدىن، ھەببۇلئاس سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ھەببۇلئاس سۈيىدە نەمدەپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ تازىلاپ، دورىلارنى چېپىپ، داكا بىلەن تېڭىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: پوستى ئاجرىتىلغان قىزىل ماش، ئەنگۈر شىپا ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، قىزىلگۈل ئۈچ گىرام، يۇمغاقسۈت، گۈل يېغى، تۇخۇم سېرىقى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمغاقسۈتنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيىدە پىشۇرۇپ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، چىقىۋالغان مەقئەتكە سۈركەپ، پاختا بىلەن بېسىپ تۇرۇپ كىرگۈزۈۋېتىپ، ئۈستىدىن پاختا ياكى داكا كاللىكى قويۇپ چىڭ تېڭىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: پىلپىل يىلتىزى 36 گىرام، قارىمۇچ 42 گىرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ئالتە گىرام، زەنجىۋىل، ئامىلە پوستى ئۈچ گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

باشقا ئۇسۇللار

سوڭى چىقىپ قېلىپ خېلى ئۇزاققىچە ساقايمىغان كىشلەر تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ: 1. چىلاندىن مۇۋاپىق مىقدارىدا ئېلىپ ،ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ، ھەركۈنى چىلاننى ئىستېمال قىلىپ بەرسە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ . 2.تېرىق چوڭلۇقىدىكى زەمچىدىن يەتتە تال ئېلىپ بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى تۆشۈك ئېچىپ زەمچىنى سېلىپ، تۇخۇمنىڭ ئاغزىنى ئېيتىپ ،قاسقاندا دۇملەپ پىشۇرۇپ، ھەركۈنى بىر ۋاخ ئاچ قورساققا يەپ بەرىسە بولىدۇ، يەتتە كۈن بىر داۋالاش كۆرىسى بولىدۇ . 3. سوڭ چىقىش كېسللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر 60گىرام ھېللىنى قوقاس ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ،سۇقۇپ تالقان قىلغاندىن كېيىن ،ھەركۈنى ئىككى قېتىمدىن توققۇز گرامدىن قايناق سۈ بىلەن ئىچىپ بەرىسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بارمۇ تېز بىلوگىدىن ئېلىندى 

http://barmu.cn/text/Read.aspx?id=2325

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#