جامباز يېزىسى

جامباز يېزىسى

جامباز يېزىسى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئالتە كىلومېتر كىلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى، جەنۇبتا قىزىلبويى يېزىسى، شاپتۇل بازىرى، شىمالىي تەرىپى بارىن بازىرى ۋە يېڭىمەھەللە يېزىسى، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 204 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.  

ئۇيغۇرچە نامى جامباز يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 204 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 江巴孜乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 27961 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامباز يېزىسىشىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايى جامباز يېزىسى، يېزا تەۋەسىدىكى ئاقجامباز كەنتى، ئاقتۇر كەنتى، قىزىلجىيىم كەنتى، سىرىقتوغراق كەنتى، ئۈجمىلىك لەڭگەر كەنتى، سارايتام كەنتى، چاقا كەنتى، كەپتەرباغ كەنتى، قەدەمجاي كەنتى، چىۋىق كەنتى، چوڭ بولغۇچى كەنتى، قاتار باش تاقى كەنتى، دۆڭچاقا كەنتى، تۆۋەنگال كەنتى، كىچىك جامباز كەنتى، يۇقىرى گال كەنتى، كىچىك بۇلغۇچى كەنتى، چوڭ جامباز كەنتى، قاراقاش كەنتى، يېڭىلەڭگەر كەنتى، ساڭ كەنتى، ئاياغ كەنتى، ئاياغ تۈگمەنبېشى كەنتى، كۆكقۇم كەنتى، يىپەكچى كەنتى، ئەگىتېرەك كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى قاتارلىق 27 مەمۇرىي كەنت بولۇپ، ئومۇمىي ئائىلە 6433، ئومۇمىي نوپۇسى 27961 ئادەم، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6.0359 مىڭ مو. 

جامباز يېزىسى2006-يىلى، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يېزىنىڭ ئۆرۈك كەسىپ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ قەدىمىنى تېزلىتىشنى زورايتىپ، ئاساسلىق تېخنىكا تەركىبىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يار-يۆلەك بولغان، كەسىپ باشلامچى بولۇش سۈپىتى ئارقىلىق باشقا ئادەتتىكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىى ئىلگىرى سۈرگىلى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېز ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، باراڭ قوغۇننى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ يېڭىپ، مەبلىغى ئاز، ۋەزىپىسى ئېغىر، كادىرلار ئاز بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن ئەھۋاللار ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى تاماملاش. جەمئىي 25 مىڭ مو بۇغداي تېرىپ، كۆممىقوناق 25 مىڭ مو، رەڭلىك پاختا 18 مىڭ مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 3600 توننا، باغۋەنچىلىك نەتىجىلىرىنى كۆلىمى 4.115 مىڭ مو، مېۋىلەش كۆلىمى 25 مىڭ مو بولغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#