سۆكسۆك

سۆكسۆك - لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدۇ. قۇرغاق، چۆللۈك رايونلارنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى

ئۇيغۇرچە نامى سۆكسۆك
ئىنگلىزچە نامى Haloxylon ammodendron (C. A. Mey.) Bunge
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لويلا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 梭梭
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى مەركىزى ئۇرۇق ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۆكسۆك - لويلا ئائىلىسىگە تەۋە، قۇملۇقتا قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدۇ. قوۋزىغىنىڭ رەڭگى ئاقۇش كۈل رەڭ، ياغىچى چىڭ، چۈرۈك، كونا شاخلىرى قوڭۇر كۈلرەڭ ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، ئادەتتە ھالقىسىمان شەكىلدە تارالغان يېرىقچىلار بولىدۇ. شاخلىرى ئىنچىكە، يانتۇ ياكى ئەگرى ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكىللىك، كەڭ ئۈچ بۇرجەك، ئالدى ئۇچى سەل دىقماق. بوغۇم ئارىلىقى 4-12 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ.

شاخ قولتۇق ئارىسىدا پاختا - يۇڭ بار بولۇپ، چارۋىلارنىڭ يېمى قىلىشقا بولىدۇ. قىممەتلىك جۇڭيى دورىسى بولغان توشقانزەدىكى دەل سۆكسۆك يىلتىزىدا پارازىت ھالىتىدە ياشايدۇ. توشقانزەدىكى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ياشانغانلارنىڭ گومۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش، جىگەرنى كۈچەيتىش، تارەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق 10 نەچچە خىل دورىلىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە، كىشىلەر تەرىپىدىن « قۇملۇق ئادەمگىياھسى » دەپ تەرىپلەنگەن. بىراق سۆكسۆك ھازىر نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا يىتىپ قالغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

سۆكسۆكسۆكسۆك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا چوڭ رول ئوينايدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىققا ۋە سوغۇققا ئوخشاشلا چىداملىق، يورۇقلىقنى ياقتۇرىدۇ، سايە جايغا چىدامسىز كېلىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، تېزلىكتە ئۈسۈپ يىتىلىدۇ، شاخلىرى زىچ، يىلتىز سېستىمىسى تەرەققىي قىلغان، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ قۇرغاق، چۆللۈك رايونىغا قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ . 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#