كۆركۈندە گۈلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆركۈندە گۈلى، جۇڭگو، سىبىرىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ، نۇر يېتەرلىك يېرىم تەسكەي مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر قەدەر سوغۇققا چىداملىق.
كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ھەر تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر. ئۇنىڭ غولى يەر ئۈستىدە تىك ئۆسىدۇ، سىلىندىرسىمان، سۆسۈن قۇشۇلۇپ كەلگەن قىزىلرەڭ، يىلتىزسىمان غولى ئەتلىك، كىچىك يېرىقچىسى ئادەتتە پۈتۈن گىرۋەكلىك، سىرىتقى يۈزى يېشىل، كەينى تەرىپىگە ئاق توزان يېپىشىپ تۇرىدۇ، ئىككى يوپۇرماق تومۇرلىرى روشەن. يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر بولۇپ، شەكلى كىرەشكە ئوخشايدۇ.
ھەممە يېرىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، سىپازمىنى بوشۇتۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇش، قاننى تارقاقلاشتۇرۇش، يەل ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان مەنزىرە دەرىخى قىلىنىدۇ.
تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. غۇلى سېلىندىر شەكىللىك، سۆسۈن قۇشۇلۇپ كەلگەن قىزىلرەڭ. يوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 20 ~ 30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 14 ~ 17 سانتىمېتىر، يوپۇرماقلىرى ئىككى-ئۈچ تولۇق يېرىلغان، بىرىنچى رەتتىكى سېپى ئۇزۇن بولىدۇ، يېرىق ياپرىقىنىڭ سېپى يان يېرىقچە ياپراقچىسىدىن بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، ئىككىنچى رەتتىكى يېرىقچىسىنىڭ سېپى بولمايدۇ، ئىككى ياكى ئۈچ يېرىقلىق بولىدۇ، كىچىك يېرىقچىسى ئادەتتە پۈتۈن گىرۋەكلىك، يۈزى يېشىل، ئارقا تەرىپى ئاق توزان يېپىشىپ تۇرغاندەك، ئىككى يوپۇرماق تومۇرلىرى روشەن بولىدۇ. يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر. پۆپۈكسىمان گۈل رېتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر، گۈل رېتى ئوقىنىڭ بىر تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، گۈل ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 ~ 1.5 سانتىمېتىر، ئورىغۇچى ياپرىقى كونۇسسىمان ياكى يىپسىمان سوقىچاق شەكىلدە، ئۇزۇنلىقى 5.3 مىللىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر.
سوغۇققا چىداملىق، لېكىن يۇقىرى تېمپراتۇرىغا چىدامسىز بولۇپ، يېرىم تەسكەي بولغان ياشاش مۇھىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، قاتتىق ئىسسىق ياز پەسلىدە ئۈچەككە كىرىدۇ. قۇرغاقچىلىققا چىدىمايدۇ، نەملىكنى ياقتۇرىدۇ، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان مۇنبەت قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆسىدۇ.
جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى (شىمالىي لياۋنىڭ)، خېبېي، گەنسۇ، سىچۇەن، يۇننەنگە تارقالغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 780 ~ 2800 مېتىر كېلىدىغان نەم ئوتلاق ۋە تاغ باغرىدا ئۆسىدۇ. ياپۇنىيە، چاۋشيەن، روسىيە تارقالغان.
گۈلى نەپىس، شەكلى يانچۇققا ئوخشايدۇ، رەڭدار، تەشتەك ۋە گۈلدىن شەكىل چىقىرىشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ، يەنە گۈل ۋە دەرەخلەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق، سازلىق نەم جايلارغا غۇژمەك تىكىشكە بولىدۇ، مەنزىرە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
ھەممە يېرىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، سىپازمىنى بوشۇتۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇش، قاننى تارقاقلاشتۇرۇش، يەل ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان مەنزىرە دەرىخى قىلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.