ئەڭ زور ئايروپىلانسازلىق تىجارىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ سىئېتل شەھىرىدىكى بويىڭ شىركىتى ھازىر دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور ئايروپىلانسازلىق تىجارىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ شىركەتنى بىل بويىڭ 1916-يىلى قۇرغان. ئۇنىڭ ئەسلى نامى «تىنچ ئوكيان ئاۋىئاتسىيە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» 1934-يىلى قۇرۇلۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى مېتالدىن ياساشقا باشلىغان. ئۇنىڭ نامى 1961-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن، بۇ شىركەت شۇنىڭدىن باشلاپ بىرىنچى ئامېرىكا بانكىسى گۇرۇھىنىڭ كونتروللىقىدا بولغان. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان «بۇيىڭ 767» نىڭ گەۋدىسى كىچىكرەك بولۇپ، ئىككى يېنىدا رېئاكتىۋ دىۋىگاتىل بار. بۇ ئايروپىلانغا 200 ئادەم سىغىدۇ. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە قىسقا ئارىلىقتىكى لىنىيىلەردە ئۇچىدۇ، 1981-يىلىدىن باشلاپ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. بويىڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. 

ھازىر بويىڭ شىركىتىنىڭ 74400 خادىمى بار(بۇلار ئەڭ كۆپەيگەندە 120500 كىشىگە يېتىدۇ) . تىجارەت سوممىسى 1979-يىلى 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 1978-يىلىدىكىدىن 49 پىرسەنت كۆپەيگەن؛ پايدىسى 505 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 1979-يىلىدىكىدىن 57 پىرسەنت كۆپەيگەن. ھازىر بۇ شىركەت ئىشلىگەن ھەر ئون ئايروپىلاندىن توققۇزى خەلق ئاۋېئاتسىيە شىركىتىگە سېتىلىدۇ، بىرىلا ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#