يىلقىچى يېزىسى

يىلىقچى يېزىسى

يىلىقچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي رايون. غەربىي شىمالدىكى 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى يىلقىچى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 17مىڭ ئەتراپىدا
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ 400 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 依力克其乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىلىقچى يېزىسىيىلىقچى يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي رايون. قاراشلىق 14 مەمۇرىي كەنت، ئىككى دېھقانچىلىق مەيدانى، 67 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ 400 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر 3 مو. ھازىرقى يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 11 مىڭ 200 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %93 نى، خەنزۇلار %6 نى، باشقا مىللەتلەر %1 نى ئىگىلەيدۇ. قاغىلىق ناھىيەسى تەۋە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان تۈزلەڭلىك يېزىلىرىنىڭ بىرى.

كىلماتى 

يىلقىچى يېزىسى كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، تۆت پەسىل ئېنىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ. پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، تۈزلەڭلىك رايونلاردا يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 54 مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىپ 2480 مىللىمىتىر، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2742 سائەت، ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 228 كۈن. تۇپراق شارائىتى ياخشى، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قېزىلما بايلىق مۇھىم بازىسى. يېزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەلا سۈپەتلىك يىلقىچى ئۆرۈك يېتىشتۈرۈش ئاللىقاچان شىنجاڭ ئىچىدە تونۇلۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. 

تەبىئىي بايلىقى 

يېزا چېگرىسى ئىچىدە زاپىسى ئىنتايىن مول بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس، قاشتاش، مەرمەر تېشى، كۋارتس تېشى، گرانىت تاش، كۆك سېغىز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق 20 نەچچە خىلى بار. ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە تەبىئىي مۇھىتى بىلەن يىلقىچى يېزىسى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى شارائىتىغا ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

يىلىقچى يېزىسىيىلقىچى يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653126210؛ يېزىغا قاراشلىق 15 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: چوڭئېرىق كەنتى، يىلقىچى كەنتى، باشلەڭگەر كەنتى، ئاياغ لەڭگەر كەنتى، سايۋۇس كەنتى، ئازغان كەنتى، ئىقىنبوي كەنتى، كاپا كەنتى، باش لايقا كەنتى، ئاياغ لايقا كەنتى، تۆمۈرباغ كەنتى، شامالباغ كەنتى، باش سېرىقئاتا كەنتى، ئاياغ سېرىقئاتا كەنتى، تەتۈركۆل كەنتى، چۆپلۈك ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار.

يىلىقچى يېزىسى يېقىندىن بېرى بولۇپمۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيەنىڭ 16-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەشنى نەزەردە تۇتقان. تۈرلۈك خىزمەتتە يېڭى تەدبىر بولۇش تەلىپى بويىچە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش، ئىسلاھات تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ھەم نامراتلارنى يۆلەشنى روناق تاپقۇزۇش ئارقىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە يۆتكەش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

يىلىقچى يېزىسىيىلىقچى يېزىسى 2005-يىلى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 34 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %11.7 ئاشقان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1930 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 217 يۈەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە: تېرىقچىلىق كىرىمى 21 مىليون 190 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %49 نى ئىگىلىگەن؛ 

باغۋەنچىلىك كىرىمى 4 مىليون 420 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %22.7 نى ئىگىلىگەن؛ چارۋىچىلىق كىرىمى 6 مىليون 420 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %16.8 نى ئىگىلىگەن؛ 

يېزىلاردىكى 2-، 3-كەسىپ ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش كىرىمى 2 مىليون 860 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %5 نى ئىگىلەيدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم باسقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#