نيې رۇڭجېن

نيې رۇڭجېن

نيې رۇڭجېن (1899-1992-يىللار) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى نىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، سىچۇەننىڭ جياڭجىن دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نيې رۇڭجېن
باشقا نامى 聂双全
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1899-يىلى
كەسپى پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىئون، ھەربىي ئالىم
خەنزۇچە ئىسمى 聂荣臻
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۇەننىڭ جياڭجىن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى موسكۋا شەرق ئەمگەكچىلەر كوممۇنىزم ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نيې رۇڭجېننيې رۇڭجېن (1899-1992-يىللار) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى نىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، سىچۇەننىڭ جياڭجىن دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1925-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن قايتىپ كېلىپ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئىشلىگەن. 1927-يىلى نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئالدىنقى سەپ كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. قوزغىلاڭدىن كېيىن 11-ئارمىيىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان. شۇ يىلى گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شياڭگاڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا پارتىيىنىڭ مەخپىي خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1931-يىلى مەركىزىي رۇسىيە رايونىغا بارغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە 1-جۈنتۇەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلىنىپ، 4-، 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان. 1931-يىلى قىسىمنى باشلاپ 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. زۇنيى يىغىنىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنى قوللىغان. كېيىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. 

نيې رۇڭجېنياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، 8-ئارمىيە 115-شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭلىقى ۋە سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلىنىپ، مەشھۇر پىڭشىڭگۇەن ئۇرۇشى ۋە «يۈز پولك ئۇرۇشى» غا قاتناشقان ھەم قوماندانلىق قىلغان، ۋۇتەيشەن مەركەز قىلىنغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەنشى-چاخار-خېبېي ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇپ، سەنشى-چاخار-خېبېي ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سەنشى-چاخار-خېبېي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى باشلاپ شىمالىي جۇڭگوغا يۆتكىلىپ، شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان، پىڭجىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نيې رۇڭجىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇۋەققەت باش سەنمۇجاڭى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئىنقىلابى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودورود بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساشقا رەھبەرلىك قىلغان ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا لىن بياۋ، جياڭ چىڭ گۇرۇھى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1992-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#