ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلولىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1241-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى س ئى (2002) 30-نومۇرلۇق بۇيرۇق بىلەن ئېلان قىلىنغان. 


ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
ھۆججەت س ئى (2002) 30-نومۇرلۇق بۇيرۇق
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于审理骗取出口退税刑事案件具体应用法律若干问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايى ھەرىكىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:

1-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش» باجلاتقان مالنى ئېكسپورت قىلىش پاكىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ:

(1) ئىلىم-سېتىش توختامى ياساش ياكى يالغان ئېلىم-سېتىم توختامى تۈزۈش؛

(2) ئېكسپورت ماللىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، ئېكسپورتتىن قىلغان كىرىم-پېرېۋوتىنى ئېنىقلاش تالونى، ئېكسپورت ماللىرىدا پۇل تاپشۇرۇش مەخسۇس قەغىزى قاتارلىق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى تالونى، دوكۇمېنتىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىۋېلىش؛

(3) قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى ياكى ئېكسپورتتا باج قايتۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كەستۈرۈش، ياساش، قانۇنسىز سېتىۋېلىش؛

(4) باجلاتقان مالنى ئېكسپورت قىلىش پاكىتىنى ئويدۇرۇشقا ئائىت باشقا قىلمىشلار.

2-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى» دەپ بېكىتىش كېرەك:

(1) ئېكسپورت ماللىرىدا باج قايتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئالداپ ئېرىشىۋېلىش؛

(2) باج تاپشۇرۇلمىغان ياكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان مالنى باجلاتقان مال قاتارىدا ئېكسپور ت قىلىش؛

(3) مال ئېكسپورت قىلغان بولسىمۇ، ئېكسپورت قىلغان شۇ مالنىڭ نامى، مىقدارى، ئايرىم باھاسى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، باج تاپشۇرمىغان قىسمىدا ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالدا ئېلىۋېلىش؛

(4) ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئالداپ ئېلىۋېلىش.

3-ماددا دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئالداپ ئېلىۋالغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «سوممىسى كۆپرەك بولغانلار» ھېسابلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئالداپ ئېلىۋالغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار» ھېسابلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئالداپ ئېلىۋالغانلار جىنايى ئىشلار 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلار» ھېسابلىنىدۇ؛

4-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلار» ھېسابلىنىدۇ؛

(1) دۆلەتنىڭ باج پۇلىغا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان سالغانلار ھەمدە 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرن بۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىمكانىيىتىنى قويمىغانلار؛

(2) دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقتىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىدىن 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقنى يەنە ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

(3) باشقا ئېغىر ئەھۋاللار.

5-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار» ھېسابلىنىدۇ؛

(1) دۆلەتنىڭ باج پۇلىغا بىر مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان سالغان ھەمدە 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن بۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىمكانىيىتىنى قويمىغانلار؛

(2) دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىتقىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىدىن يەنە بىر مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

(3) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئەھۋاللار.

6-ماددا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارەت ھوقۇقى بولغان شىركەت، كارخانىلاردىن باشقىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتىگە ئائىت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ خېرىدارىنى، مال مەنبەسىنى، پېرېۋوت چېكىنى ئۆزى ئېلىپ مېڭىپ ھەمدە تاموژنىغا ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 211-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

7-ماددا دۆلەتنڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالالمىغانلارغا جىنايەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارغا قارىغاندا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.

8-ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشقانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

9-ماددا ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش قاتارلىق باشقا جىنايەتلەرنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545969_2.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#