ئىلى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپى
1987-يىلى 9-ئايدا غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا يولى بىرىنچى نومۇردا قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىن بىر تەنتەربىيە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1987-يىلى 9-ئايدا غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا يولى بىرىنچى نومۇردا قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىن بىر تەنتەربىيە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىلى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدۇ.
مەكتەپتە كۆپ كەسىپ، كۆپ قاتلام كۆپ خىل شەكىلدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، يېنىك ئاتلىتكا، قارىغا ئېتىش، ۋالىبول، ۋاسكىتبول، پۇتبول، خەلقئارالىق چېلىشىش، بوكسىيورلۇق، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق 10 مەشىق تۈرى تەسىس قىلىنىپ، تەنتەربىيە مەكتىپىنى باشلامچى بىر يۈرۈ ئوقۇتۇش مەشىق قىلىش تۈزۈلمىسى شەكىللەنگەن.
مەكتەپ يەر مەيدانى 26640 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2620 كۋادرات مېتىر. ھەرخىل تەنتەربىيە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل. مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە مەزكۇر مەكتەپ 10 ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 1999-يىلى مەكتەپ شتاتى 70، رەسمىي ئوقۇتقۇچى 53 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 260 نەپەر. مەكتەپ 440 لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.