چاغانچېكە يېزىسى

چاغانچېكە يېزىسى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالىي تەرىپى قايدۇ دەرياسى، جەنۇبتا بورقاي يېزىسى، غەربتە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بۇلۇپ، شەرقتە يۇڭنىڭ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 14 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چاغانچېكە يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 1372
خەنزۇچە ئاتىلىشى 查汗采开乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 5115 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاغانچېكە يېزىسىچاغانچېكە يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، 2006-يىلى قارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى، ئارمودون كەنتى، موخۇرسۇم كەنتى، گالۋون مودۇن مەھەللىسى، 16 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق پونكىتتىن 10 ى بار. يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس 5115 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 3702 ئادەم، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %8، تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى %14 بۇلۇپ، 1372 گېكتار تېرىلغۇ يەرلىرى بار. ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 190 گېكتار، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 530 گېكتارغا يەتكەن، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تاۋۇز، زىرە، قىزىلچا، سانائەت شوخلىسى، پىگمېنتلىق مۇچ قاتارلىق بار. چاغانچېكە يېزىسى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالىي تەرىپى قايدۇ دەرياسى، جەنۇبتا بورقاي يېزىسى، غەربتە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بۇلۇپ، شەرقتە يۇڭنىڭ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 14 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئىقتىسادى ئەھۋالى2006-يىلى يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 3736 يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلىدىكىدىن %20.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش 3127 يۈەنگە يەتكەن، ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش 1 مىليون 140 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش بىر مىليون 950 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاشلىق 2330 توننا، ياغلىق دان 1550 توننا، قىزىلچا 45 مىڭ توننا، ئارپا بەدىيان 480 توننا، سانائەت شوخلىسى 55 مىڭ توننا بولغان. 10 مىڭ گېكتار ئورمان بىنا قىلىنغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4415 يۈەن. يىل ئاخىرىدىكى ئامانەت پۇلىنىڭ يىل ئاخىردىكى قالدۇقى 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولغان. 

مائارىپ ئىشلىرىچاغانچېكە يېزىسىنىڭ مەركىزىي مەكتىپى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ قايدۇ دەرياسى بويىغا جايلاشقان، شەرق تەرپى يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيە 11-دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى بورقاي يېزىسى، غەربى تەرىپى 20-،21-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ،  ناھىيە بازىرىغا 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، 9 يىللىق تۈزۈمدىكى مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ، 1982-يىلى قۇرۇلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4750 كۋادىرات كىلومېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2520 كىۋادىرات كىلومېتىر، كۆكەرتىش كۆلىمى 1300 كۋادىرات كىلومېتىر، ئوقۇتۇش سىنىپى 18، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 264 نەپەر، ئوقۇغۇچىلار 415 نەپەر بۇلۇپ، ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار 46 نەپەر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#