سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپى 1988-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان، يېرىم مەشق، يېرىم ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم.

ئۇيغۇرچە نامى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 9-ئاي
خەنزۇچە نامى 昌吉回族自治州体校
مەكتەپ تۈرى كەسپى مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپى 1988-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. يېرىم مەشق، يېرىم ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ، يېنىك ئاتلىتكا، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قارىغا ئېتىش، ۋاسكىتبول، چېلىشىش، بوكسىيورلۇق قاتارلىق يەتتە خىلمۇ خىل مۇسابىقە تۈرىدە 14 تەنتەربىيە كوماندىسى تەسىس قىلغان. مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە يەتتە ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، ئالتە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 63 (ئالىي ئونۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى تېرنېر ئۈچ نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېرنېر ئوقۇتقۇچى 26 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك تېرنېر ئوقۇتقۇچى توققۇز نەپەر) نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 139 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كوماندا، ئالىي مەكتەپ يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەنتەربىيە كوماندىلىرىغا 42 نەپەر تەنھەرىكەتچى تەربىيىلەپ بەرگەن.

 مەدەنىيەت دەرسلىرىدىن: ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، سىياسەت، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى، پېداگوگىكا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. 

تەنتەربىيە ئاساسى دەرسلىكلىرىدىن: تەنتەربىيە نەزەرىيىسى، ئادەم ئاناتومىيىسى، ھەرىكەت پىسخىكىسى، ھەرىكەت ساغلاملىقى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. 

تەنتەربىيە كەسپىي دەرسلىرىدىن: يېنىك ئاتلىتكا، ۋاسكىتبول، ۋالىبول، پۇتبول، گىمناستىكا، چامباشچىلىق، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#