نارجىل

نارجىل بولسا  دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ،دەرەخنىڭ مېۋە ئىچكى پوستى، ئىچكى سۈتى ۋە تۈرەلمە سۈتى قاتارلىقلار «نارجىل» نامىدا، يىغى «رەۋغىنى نارجىل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، سۈت ۋە مەنىي پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى نارجىل
ئەرەبچە نامى نارجيل
ئىنگلىزچە Coconut
شەكلى مېۋىسى شارسىمان، پىشقىنىدىن مېغىزى چىقىدۇ. سىرتى قىزىل، ئىچى ئاق،
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 椰子,奶桃
پارسچە نامى جۇۋىز ھىندى نارىل
ئوردۇچە نامى نارجيل
تەمى پۇرىقى سۇس، بىرئاز ئاچچىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نارجىلنارجىل بولسا  پالما ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل دەرەخ  بولۇپ، دەرەخنىڭ مېۋە ئىچكى پوستى، ئىچكى سۈتى ۋە تۈرەلمە سۈتى قاتارلىقلار «نارجىل» نامىدا، يىغى «رەۋغىنى نارجىل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.مېۋىسى شارسىمان، پىشقىنىدىن مېغىزى چىقىدۇ. سىرتى قىزىل، ئىچى ئاق، پۇرىقى سۇس،  بىرئاز ئاچچىق،  مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەنداۋ ئارىلىدىن، ھىندىستاندىن، ۋىيتنام ۋە ئىسسىق ئىقلىملىق چەت ئەللەردىن چىقىدۇ .


چىقىش ئورنى 

نارجىل مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەنداۋ ئارىلىدىن، ھىندىستاندىن، ۋىيتنام ۋە ئىسسىق ئىقلىملىق چەت ئەللەردىن چىقىدۇ

 بۆرەك ۋە دوۋساقنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى كۈچەيتىش ۋە سەمرىتىش بەلغەم بوشىتىش، قان توختىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، سۈت ۋە مەنىي پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، يەل پەيدا قىلىدۇ، توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇندا سىڭىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

مېۋە ئېتىنىڭ تاسما قۇرۇتنى ئۆلتۈرۈش تەسىرى ۋە زەنجىۋىلسىمان شورۇغۇچى قۇرۇتقا نىسبەتەن ئۈنىمى بار.

نارجىلنارجىل تەركىبىدە %46 ـ35 كىچە ماي بار، يەنە ستگماستا-ترئۇل (Stigmastatrienol) ،%15 كـاربـۇن سـۇ بىرىكمىلىـرى، ۋىـتـامىن B5,B2,B1 C,E  قاتارلىقلار بار.

نارجىل1.نارجىل بىلەن ياڭاق مېغىزىغا ناۋات قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، مەنىي كۆپەيتىدۇ. بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2.نارجىل يېغىنى باشقا سۈركىسە، چاچنى كۆپەيتىدۇ. پارقىرىتىدۇ.

3.نـارجـىلنىڭ يېڭـى يېغـىنى بىر يـاشلىق بالىغـا كـۈندە ئۈچ قېتىم، 3 گرامدىن 10 – 11 كۈنگىچە بېرىلسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. نارجىلنىڭ 12 گرام گۆشىگە ئازراق شېكەر قوشۇپ، ئۈچ كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىردىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

دەرەخنىڭ مېۋە ئىچكى پوستى، ئىچكى سۈتى ۋە تۈرەلمە سۈتى قاتارلىقلار «نارجىل» نامىدا، يىغى «رەۋغىنى نارجىل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى

10-20 گرامغىچە ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.

ساقلاش

 شاكىلىنى ئاجرىتىپ ئىچىدىكى قىسمى ئايرىپ ئېلىنىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

شېكەر، ناۋات، تاۋۇز 

ئورۇنباسارى

ياڭاق مېغىزى، پىستە مېغىزى ،ياكى چىلغۇزا.

مەجۇنى سۇئىلەپ 

ئەگەر بۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە ،بەلغەم ،سەۋدا خاراكتېرلىك سوغۇق ماددىلارنى چىقىرىدۇ. پەيلەر بوشاپ كېتىش، پالەچ، جۇنۇن، مالخۇلىيا كىسەللىكلىرى ئۇچۇن مەنپەئەت قىلىدۇ. ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ، جىگەر ئاجىزلىقى، ئىچكى ئەزالاردىكى يىرىڭلىق جاراھەتلەر ۋە بوۋاسىر ئۇچۇن مەنپەئەت قىلىدۇ. بۆرەكنى قىزىتىدۇ، سوغۇق مىزاج كىشىلەردە دوۋسۇننىڭ سوغۇقلىغىنى يوقىتىپ بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=237

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#