ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1946-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان قىزلار 2-ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە كېيىن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىن ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1980-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى 7-ئاي
مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐市第十四中学
مەكتەپ تۈرى ئوتتۇرا مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1946-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان قىزلار 2-ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە كېيىن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىن ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1962-يىلى قوشۇلۇپ، مىللىي، خەنزۇ ئارىلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. 1980-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 47123 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 9782 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى 302 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 155 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 47، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 2400 نەپەر.

مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى ياخشى باشقۇرغاندىن باشقا يەنە قوش تىلىق تەجرىبىنى، خەنزۇ تىلى كۈچەيتمە سىنىپىنى، ھەم پۇتبول، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسىم قاتارلىق ئالاھىدە سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، مەكتەپ تەنتەربىيە ئەنئەنىۋى تۈر مەكتىپى، يېشىل مەكتەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#