توخۇ گۆشى

توخۇ گۆشى

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر دەرىجىدە چارچاش، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورا نامى توخۇ گۆشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸡肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت.

100 گىرام توخۇ گۆشىدە 74 گىرام سۇ، 23.3 گىرام ئاقسىل، 1.2 گىرام ياغ، 1.1 گىرام كۈل ماددىسى، 11 مىللىگىرام كالتسىي، 190 مىللىگىرام فوسفور، 1.5 مىللىگىرام تۆمۈر ۋە باشقا كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا، ۋىتامىن C, A ۋە ۋىتامىن E قاتارلىق نۇرغۇن مىكرو ئىلمېنىتلار بار. توخۇ گۆشىنى كاۋاپ قىلغاندا، يېغىنىڭ تەركىبىدىكى يۇقىرى دەرىجىدىكى تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى ئاجرىلىپ چىقىدۇ.

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

«تەبىئەت» نى، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، يېڭى قان پەيدا قىلىش، يىلىكنى تولدۇرۇش، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي ۋە سۈت پەيدا قىلىش، ئىشتىھانى ئېچىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، چىراينى ۋە ئاۋازنى ياخشىلاش.

كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر دەرىجىدە چارچاش، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. توخۇ گۆشىدە شورپا تەييارلاپ ئىچسە، باھ ھەم بەدەن ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. توخۇ گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ يېسە، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. توخۇ گۆشى، باچكا گۆشى، كەكلىك گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، قىرغاۋۇل گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 100 گىرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە مائۇل لەھمى تەييارلاپ ئىچسە، قان ئازلىق، مەنىي كەملىك، ماغدۇرسىزلىق، باھ ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردا.

سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

ئۆردەك گۆشى، كەپتەر گۆشى.

ئېلىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

ئەرقى مائۇل لەھمى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#