تېرىملىقلارنىڭ ئوغلاق گۆشى كاۋىپى
يوپۇرغا ناھىيەسى نىڭ تېرىم يېزىسى دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغلاق گۆشى كاۋىپى يۇمشاق، تەملىك ۋە يېيىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن داڭلىقتۇر. تېرىملىقلار بۇ خىل ئوغلاق گۆشى كاۋىپنى ئادەتتە ئالاھىدە مېھمانلارغا قىلىپ بېرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يوپۇرغا ناھىيەسى نىڭ تېرىم يېزىسى دىكى ئۇيغۇر لارنىڭ ئوغلاق گۆشى كاۋىپى يۇمشاق، تەملىك ۋە يېيىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن داڭلىقتۇر. تېرىم لىقلار بۇ خىل ئوغلاق گۆشى كاۋىپنى ئادەتتە ئالاھىدە مېھمانلارغا قىلىپ بېرىدۇ.
ئوغلاق گۆشى كاۋىپىغا، ئادەتتە جاڭگاللاردىكى كۆكيانتاق، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق تەبىئىي ئوت-چۆپلەردە بېقىلغان، تۇغۇلغىنىغا ئالتە ئاي توشمىغان، قىرقىلمىغان (چېچىلما ئوغلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئوغلاق تاللىنىدۇ. بۇنداق ئوغلاق گۆشىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل بولغاچقا، سوغوق مىجەز كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئوغلاق گۆشى كاۋىپى - ئادەتتە پۈتۈن پشۇرۇلغان ئوغلاق گۆشى كاۋىپى ۋە زىقلاپ پىشۇرۇلغان ئوغلاق گۆشى كاۋىپى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. پۈتۈن پىشۇرۇلىدىغان ئوغلاق گۆشى كاۋىپى - ئوغلاق سۇيۇلۇپ، جىگەر، بۆرەكلىرىدىن باشقا ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىپ، ئۇستىخانلىرى چانىلىپ، ئۇن، سۇ، تۇخۇم، زىرە، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان تېتىتقۇلارغا چىلىنىدۇ، ئاندىن يۇلغۇن ئوتۇنىدا تونۇر قىزىتىلغاندىن كېيىن ئوغلاق گۆشى تۆمۈر قاماققا ئېلىنىپ، تونۇرنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا ساڭگىلىتىپ قويۇلۇپ، تونۇرنىڭ ئېغىزى ھىم ئېتىلىدۇ، گۆش 15-20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەنگەندىن كېيىن پىشىدۇ.
زىقلاپ پىشۇرۇلغان ئوغلاق گۆشى كاۋىپى-گۆشنى پارچىلاپ توغرامچە قىلىپ، تۆمۈر زىقلارغا زىقلاپ، تېتىتقۇلارغا چىلىنىپ تەمى تەڭشەلگەندىن كېيىن تونۇرغا سېلىنىپ،10-15 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ ياكى كاۋاپداندا پىشۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.
تېرىملىقلار «داۋا كۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى» يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە بۇ خىل ئوغلاق گۆشى كاۋىپىنى كۆپلەپ سېتىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرغان. ھازىر بۇ ساياھەت رايونىدا ئالتە ئائىلىلىك دېھقان مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماقتا.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.