سېئاتل
سېئاتل ئا ق ش نىڭ يەنى ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تىنچ ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم سودا سانائەت شەھىرى، ئاتاقلىق ھەربىي پورت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئا ق ش نىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تىنچ ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم سودا سانائەت شەھىرى، ئاتاقلىق ھەربىي پورت. ئۇ تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان پۇگېت قولتۇق بويىغا جايلاشقان. ئا ق ش نىڭ ئالياسكا رايونى ۋە ئاسىيانىڭ يىراق شەرق رايونلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ شەھەر 1852-يىلى قۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلغاندا بىر مىليون 420 مىڭغا يېتىدۇ(1981) . سېئاتل ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم ئاۋىئاتسىيە سانائەت مەركىزى بولغان.
ئۇنىڭ ئايروپىلان سانائىتى ئا ق ش بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئايروپىلان ئىشلەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇتىدۇ. ئا ق ش نىڭ دۇنيادا داڭلىق «بوئىن 737، 747، 757، 767» ماركىلىق ئايروپىلانلىرى مۇشۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ جايدا بوئىن ئايروپىلان باش شىركىتىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورنى بار. مۇھىم زاۋۇتلار، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن، كىيىم-كېچەك، ياغاچ، يغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز، كونسېرۋا، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ يېنىدىكى كولۇمبىيە دەرياسىغا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان. سېئاتل ئا ق ش نىڭ مۇھىم ئاتوم سانائەر مەركەزلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا ئا ق ش نىڭ مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى، بېلىقچىلىق ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يىللىق، شۇڭا ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.