گۋاتېمالا شەھىرى

گۋاتېمالا شەھىرى

ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى گۋاتېمالا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى.

نامى گۋاتېمالا شەھىرى
دۆلىتى گۋاتېمالا
يەر مەيدانى 1,905كىۋادىرات كلىلومىتىر
خەنزۇچە نامى 危地马拉城
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخىت
نوپۇسى بىر مىليون 180 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى گۋاتېمالا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1493 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 180 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982) ، ئۇ دۆلەت بويىچىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئامېرىكا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر 1524-يىلى سېلىنغان، كېيىن كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن زور دەرىجىدە ۋەيران بولغان. 1776-يىلى ھازىرقى جايغا يۆتكەلگەن. 1779-يىلى مەركەز بولغان، 1823-يىلدىن 1838-يىلغىچە ئوتتۇرا ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بولغان. 1917-، 1918-يىللىرى يەر تەۋرەش بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، كېيىن ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇلغان. ھازىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. سانائەتتە توقۇمىچىلىقى، يېمەك-ئىچمەك، تاماكا، سېمونت، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كوفى، كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق مەھسۇلاتلار بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شەھرنىڭ قاتناش ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن شەرقىي شىمالدىكى باررىئوس بىلەن غەربىي جەنۇبتىكى سان خوسې پورتلىرىغا بارىدىغان تۆمۈر يوللار بار. شەھەردە 1676-يىلى قۇرۇلغان داشۆ، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مۇزېي، مايا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلىرى بار.

گۋاتېمالا شەھىرىدە غايەت زور ئۆڭكۆر پەيدا بۇلۇپ قالغان .بۇ ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلىقى 100مىتىر ئايلانمىسى 500مىتىر  كىلىدىكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ئۈچ ئادەم يۈتۈپ،ئون ئۆينى ئۆرۋەتكەن، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ساقچى ئىدارىسىمۇ غايىپ بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#